ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-09 10:17

جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى ئاتا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ.

جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيمىز»، رەئىس شى جىنپىڭ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ چوڭ بازار پۇرسىتىدىن، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى ھەمدە بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ ئۇچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ روشەن بەلگىسى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، دۇنياغىمۇ بەخت ياراتتى. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى بەرپا قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغان خەلقئارا ئاممىۋىي مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندۇردى. جۇڭگو 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، مال سودا ئومۇمىي سوممىسى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇردى، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو ياسىمىچىلىقى دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇدا نەچچە يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30تىن ئېشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ئېشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىش دولقۇنىنى قوزغىدى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنى جانلاندۇردى.

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن، كەلگۈسىدە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىمۇ چوقۇم تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ.

يېڭى تەرەققىيات ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشتە، جۇڭگو بىر قاتار ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قوللىنىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ چوڭ بازار پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، جۇڭگو كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مال سودىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت سودىسى تەرەققىيات مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ئىمپورتىنى كېڭەيتىپ، «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى» ھەمكارلىقىدا باشلامچى رايون بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. بۇ دەل دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنيا بازىرىغا، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بازارغا، كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، جۇڭگو قائىدە، قائىدە-تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، يېڭى نۇسخىدىكى «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسى»نى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەت مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ؛ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىناق سۇپىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ دەل ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان، كۆپ مەنبەلىك تەڭپۇڭ، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوچۇق ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

ئېچىۋېتىش تەرەققىيات ۋە ئالغا بېسىشنىڭ مۇقەررەر يولى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، جۇڭگو چوقۇم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى ئاتا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ

جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى ئاتا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ.