ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا «تارىختىكى ئەڭ قىممەت» ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى مەبلەغ چىقارغۇچىلار كىم؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-10 10:45

شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكىدا ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام رەسمىي باشلاندى. 2020-يىلىدىكى چوڭ سايلامدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە كۈندىن -كۈنگە قارشىلىشىپ، جەمئىيەتنىڭ بۆلۈنۈشى ئېغىرلاشتى.

ئىككى پالاتانى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن، دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى «ساراڭلارچە پۇل خەجلىدى»، بۇ يىللىق سايلام ئومۇمىي چىقىمى 16 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىشى مۇمكىن.

بۇ قېتىمقى سايلام نېمە ئۈچۈن «تارىختىكى ئەڭ قىممەت» ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ بۇنىڭ ئارقىسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار كىم؟

ھېچقانداق بىر قېتىملىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام 2022-يىلىدىكىدەك قىممەت بولغان ئەمەس

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى بىر مەيدان «چارەكلىك ئىمتىھان» يەنى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنى باشتىن كەچۈرىدۇ. كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى، ئىشتات باشلىقى ۋە يەرلىك مەمۇرىي، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ قىسمەن ئورنى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا قايتا سايلىنىدۇ.

پارلامېنت سايلىمى يەنە ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا 100 ئورۇن بار، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالتە يىل، ھەر ئىككى يىلدا بۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى قايتا سايلىنىدۇ، بۇ يىل 35 ئورۇن قايتا سايلىنىدۇ. ئاۋام پالاتاسىدا 435 ئورۇن بار، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل، بۇ يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ھەممىسى قايتا سايلىنىدۇ، ئاز دېگەندە 218 ئورۇننى ئىگىلىگەن پارتىيە ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. ھازىر دېموكراتلار پارتىيەسى 220 ئورۇننى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى 212 ئورۇننى كونترول قىلدى، يەنە ئۈچ ئورۇن بوش قالدى.

دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىككى پالاتانى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن ساراڭلارچە پۇل خەجلىدى. ئامېرىكا سىياسىي ئىئانە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، پارتىيە گۇرۇھسىز ئاپپارات Open Secrets بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ 16 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

ئامېرىكا فوكس ئاخبارات تورى يېقىندا «بۇنىڭ ئارقىسىدىكى مەبلەغ چىقارغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئاشكارىلىدى.

بىرىنچىسى، جورجى سوروس بولۇپ، 128 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇل چىقاردى

مىليادىر، پۇل مۇئامىلە ماگناتى گېئورگى سوروس دېموكراتلار پارتىيەسىگە 128 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، «مەبلەغ چىقارغۇچىلار»نىڭ ئالدىن قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رادىكال قوللىغۇچىلىرىنىڭ «كۆزىگە قادالغان مىخ»، بەزىلەر ئۇنىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر قاتلامدىكى ھۆكۈمەت» نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

ئىككىنچىسى، رىچارد ئۇھراين بولۇپ، 80 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇل چىقاردى
سۇ تىرانسپورتى ماگناتى رىچارد ئۇھراين ۋە ئايالى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتىغا 80 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ 2022-يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ شەخسىي ئىئانە قىلغۇچىسىغا ئايلاندى.

ئۈچىنچىسى، كېننىس c گىرىففىن بولۇپ، 68 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەغلەغ چىقاردى

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان يەنە بىر ئىئانە قىلغۇچى، خېج فوندىCitadel نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كېننىس c گىرىففىن 68 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى، ئۇ «تالانتلىق نامزاتلارنى ئۆستۈرۈپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ چېدىرىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى ئامېرىكىغا تېخىمۇ ۋەكىللىك قىلالايدىغان قىلىش»نى ئۈمىد قىلدى.

تۆتىنچىسى، جېفرى ياس بولۇپ، 44 مىليون 70 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقاردى

مىقدارلاشتۇرۇلۇش سودىسى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جېفرى ياس جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىئانە قىلغۇچىسى بولۇپ، تۆۋەن باج نىسبىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى ئازايتىشنى قوللايدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرىنى قوللاپ، ھازىرغىچە 44 مىليون 70 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىئانە سوممىسى 200 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشمايدىغان ئاز سوممىلىق ئىئانە قىلغۇچىلارلا جەمئىي 1 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى، بۇ 2018-يىلىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 2020-يىلىدىكى چوڭ سايلامدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە بارغانسېرى قارشىلىشىپ، جەمئىيەتنىڭ بۆلۈنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، سىياسىينى تەدرىجىي ھالدا بىر مەيدان نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشقا ئايلاندۇرۇپ قويدى، كارخانا ۋە شەخسلەر دوغا تىكىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدى.

ئامېرىكا ئىستېمالچىلار خەۋەرلىرى ۋە سودا قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،بۇ قېتىمقى سايلام مەزگىلىدە،بايلار ئىئانە قىلغان پۇلنىڭ كۆپ قىسمى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان مۇتەئەسسىپلەر تەشكىلاتى ياكى نامزاتلارغا ئىئانە قىلىنغان.

بۇنداق كۆپ مىقداردىكى سايلام مەبلىغى كىشىلەرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سايلامدا كۈندىن-كۈنگە زورىيىۋاتقان تەسىر كۈچىگە بولغان ئەندىشىسىنى گەۋدىلەندۈردى.

ئامېرىكا باج ئادىللىقى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى فىرانك كلېمېنت: «ئەگەر بىزدە ھەممە ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دېموكراتىيە بولسا، مىلياردېرلارنىڭ سىياسىيغا بولغان تەسىرىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ»،دېدى.

ئامېرىكا تۆت كوچا ئېغىزىغا دۇچ كەلدى

ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇنداق «پۇل سورۇپ» سايلامغا ياردەم بېرىدۇ؟ چۈنكى بۇ قېتىمقى سايلام ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم.

بايدىن بىلەن تىرامپ 2024-يىلى يەنە بىر قېتىم رىقابەتلىشىش ئويىنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بەردى، «سايلامدىن بۇرۇنقى قاراۋۇللۇق پونكىتى» بولغان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ نەتىجىسى، ئىككى ئادەمنىڭ يەنە بىر قېتىم پارتىيە-گۇرۇھلارغا ۋاكالىتەن رىقابەتكە قاتنىشىش-قاتناشماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

ئەگەر دېموكراتلار پارتىيەسى مەغلۇپ بولسا، بايدىن قالغان ئىككى يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە «ئاقساق ئۆردەك» بولۇپ قېلىپلا قالماي، يەنە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشىمۇ تەسكە چۈشىدۇ؛ ئەگەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا، تىرامپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ھەمدە باشقا يوشۇرۇن زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا دۇچ كېلىدۇ.

ئىلگىرىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ئاق ساراينى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان پارتىيە ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا كۆپ ھاللاردا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايتتى. بۇ ئاساسەن ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى بىر چوڭ يوشۇرۇن «قانۇنىيەت» بولۇپ قالغان، بايدىنمۇ بۇ «قانۇنىيەت»تىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغاندەك قىلىدۇ.

ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار بايدىننىڭ جىنايەتچىلەر، كۆچمەنلەر ۋە پۇل پاخاللىقىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىمايدىكەن، ئىقتىسادقا بولغان ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ھەممە يەرنى قاپلىغان، شۇڭا سايلىغۇچىلار ئاۋاز بېرىپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ يۆنىلىشىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىر بايدېننى قوللاش نىسبىتى يەنىلا ئۇ زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە %40 ئەتراپىغا يېقىنلاشتى.

ۋاندېربىلت داشۆسىنىڭ زۇڭتۇڭ تارىخشۇناسى توماس ئاللېن شۋارتس مۇنداق دېدى: ئەگەر دېموكراتلار پارتىيەسى ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قويسا، سىز بايدىننىڭ 2024-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن چېكىنىپ چىقىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن.

پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئەگەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ئاۋام پالاتاسىنى ھەتتا كېڭەش پالاتاسىنى كونترول قىلسا، بايدىننى ئەيىبلەش ماددىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ نەتىجىسى يەنە ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئىچكى ئىشلىرى ۋە دىپلوماتىيەسىنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، ئامېرىكا ۋە دۇنيا دۇچ كېلىدىغان بىر قىسىم مۇھىم قارالمىلار، جۈملىدىن بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇساپىرلار سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە، دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كۆز قارىشى پۈتۈنلەي ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ مەيدانى ۋە سىياسەت ئۆزگىرىشى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بېلىتى تېخى تاشلىنىپ بولمىدى، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى يەنىلا داۋالغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن بىر ئىش ئېنىقكى: 2024-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ سايلام رىقابىتى ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا «تارىختىكى ئەڭ قىممەت» ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى مەبلەغ چىقارغۇچىلار كىم؟

شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكىدا ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام رەسمىي باشلاندى.