ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا 20 دۆلەت گۇرۇھى بالى ئارىلى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-16 08:59

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىدا داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى 11-ئاينىڭ 15-، 16-كۈنلىرى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئېچىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، ئوچۇق-سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش ساداسى ياڭرىتىلىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئىشەنچ ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى؛ جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىدا داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قايتىلىنىۋاتىدۇ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز، ئەگرى-توقاي بولۇۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، خەۋپ-خەتەر، كىرىزىس ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى دۇنياۋى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش، يەر شارى ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جارى قىلدۇرغان رولى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ قېتىمقى بالى ئارىلى باشلىقلار يىغىنىدا، «بىرلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈچلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش» باش تېما قىلىندى، يەر شارى سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش-ئۈچ چوڭ ئالدىنقى قارالما قىلىندى. يەر شارىنىڭ سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى جەھەتتە، ئالاقىدار يىغىنلاردا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە يەر شارى سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش مۇھاكىمە قىلىنىپ، يەر شارى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچانلىققا، ئادىللىققا ۋە كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىنىدۇ. رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش جەھەتتە، ئالاقىدار يىغىنلاردا رەقەم ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، دۇنيا ئۈچۈن تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش مۇھىتى يارىتىلىدۇ. ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە، ئالاقىدار يىغىنلاردا ئېنېرگىيەگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدار ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيە جەھەتتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ھىندونېزىيە ئاقىللار ئامبىرى ئاسىيا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى بامباڭ سۇليونو رەقەملىك ئىقتىساد دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناھايىتى مۇھىم ھالقىغا ئايلاندى دېدى.

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك داشۆسى شەرقىي ئاسىيا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى پېتىر دىرىسدال كىلىمات ئۆزگىرىشى-خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېما شۇنداقلا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان قارالما، بۇنداق ھالقىلىق مەسىلىدە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم دېدى.

ھىندىستان نېھرۇ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى دىبوجى مۇنداق دېدى: بۇ قارالمىلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس، يالغۇز بىر دۆلەتكە تايىنىپلا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ تەسىرىمۇ مەلۇم بىر دۆلەت ياكى رايون بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇ يىللىق باشلىقلار يىغىنىدا بۇ مەسىلىلەر ئۈچۈن دۇنياۋى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ لايىھەدە مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىن ئويلاشماستىن، بەلكى كۆپ تەرەپلىك، كوللېكتىپچانلىقنى ئويلىشىش كېرەك.

نۆۋەتتە، دۇنيا ئىقتىسادى كۆپ خىل زەربىگە ئۇچرىدى، نۇرغۇن دۆلەتلەر داۋاملىق ئۆرلەۋاتقان پۇل پاخاللىقى بېسىمىغا دۇچ كەلدى. بەزى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۆزىدىكى پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەدەپ ئۆسۈم قوشتى، ئۇنىڭ تاشقى تەسىرى يەر شارى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، گۈللەنمە بازارلار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى غايەت زور بېسىمغا ئۇچراتتى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 10-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، 2023-يىلى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ يەنىمۇ ئاستىلاپ %2.7 كە چۈشۈپ، 7-ئايدىكى مۆلچەر قىممىتىدىن 0.2 پويىنت تۆۋەنلىشى مۇمكىن دېدى.

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك داشۆسى شەرقىي ئاسىيا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى پېتىر دىرىسدال مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا ھەمكارلىققا تېخىمۇ موھتاج، بۇمۇ بىز 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىش. رەھبەرلەر قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئىجابىي ئۇسۇل بىلەن قاتنىشىپ، ئىجابىي ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

ھىندونېزىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رېتىنو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشقاندا، پۈتۈن دۇنيا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادى بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى كاتالىزاتورغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ بويۇنتۇرۇقىغا سېلىپ قويۇشقا بولمايدۇ دېدى.

ھىندونېزىيە ئاقىللار ئامبىرى ئاسىيا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى بامباڭ سۇليونو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا ئىقتىسادىغا زەربە پەيدا قىلدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ زور زىيان ۋە تەسىرگە ئۇچرىدى، ئەسلىگە كېلىش قۇۋۋىتى تېخىمۇ ئاجىز، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئېشىش ھاڭى كېڭەيمەكتە.

جۇڭگو خەلق داشۆسى چۇڭياڭ پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ۋاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن باشلاپ، ھىندونېزىيە، ھىندىستان ۋە بىرازىلىيە ئارقا-ئارقىدىن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. نۆۋەتچى رەئىس شۇ يىللىق باشلىقلار يىغىنى قارالمىسىنى لايىھەلەشتە يېتەكچىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغاچقا، بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش-گۈللەنمە دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى، نامراتلىقنى ئازايتىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، رەقەملەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق قارالمىلارنىڭ تېخىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشىدىن ئۈمىد بارلىقىدىن، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارالمىسىنىڭ بېكىتىلىشىنىڭ تېخىمۇ باغلىنىشچانلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جۇڭگو يەر شارىدىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، يەر شارى ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى ئىشلىرىدىكى ۋەكىللىكلىكى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاپ كەلدى. نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ، سەزگۈر يەر شارى ۋەزىيىتى ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو ساداسى، جۇڭگو لايىھەسىگە تەقەززا بولماقتا.

ھىندىستان نېھرۇ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى دىبوجى مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئۆز ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا كېرەكلىك سەھىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

مەن جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا يەر شارى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ياپونىيە كانون يەر شارى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقات مۇدىرى لەيكۇ چىڭجى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تەرەققىياتقا پايدىلىق خەلقئارا مۇھىتنى بىرلىكتە يارىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك داشۆسى شەرقىي ئاسىيا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى پېتىر دىرىسدال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللايدۇ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيا سودا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قوللايدۇ، جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا 20 دۆلەت گۇرۇھى بالى ئارىلى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىدا داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.