ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ «رەڭلىك ئىنقىلاب» ئېلىپ بېرىشدىكى مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمى ئاشكارىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-09 10:37

 

ھەرقايسى مەنپەئەتدار تەرەپلەر تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، يەر شارى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

فېيسبۇك (Facebook)، ئىستېگرام Instagram ۋە WhatsApp ۋاتىسئاپنىڭ ئانا شىركىتى مېتا (Meta) يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ 7 دىن ئارتۇق ئالاقە تورى مۇلازىمەت تور بېكىتىدە ساختا سالاھىيەت ھېسابات نومۇرى ئاچقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى زاتلارغا قارىتىلغان «ماسلاشقان ساختا» تەسىر كۈچ ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. بۇ ئۇچۇر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكىنىڭ تور شىركىتى ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «تور ئارقىلىق سىڭىپ كىرىش» قىلمىشىنى ئاشكارىلىغاچقا، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى بۇنىڭغا يۈزەكىلا جاۋاب قايتۇردى. بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: بەش بۇرجەكلىك بىنا مېتا ئېلان قىلغان دوكلاتقا دىققەت قىلدى، لېكىن بۇ دوكلات ياكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قوللىنىش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەتكە قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باھا بەرمىدى. بۇ ئىنكاس ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئىنكار قىلمىدى، ئىلگىرىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە سىياسەتنى تەھلىل قىلىش چەمبىرىكىدىكى «ئاشكارا مەخپىيەتلىك»نى ئاساسىي جەھەتتىن ئىسپاتلىدى، يەنى ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ تور بوشلۇقىدا روشەن پىسخىكا ئۇرۇشى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئاتالمىش «ئۇچۇر ھەرىكىتى» ياكى «تەسىر كۈچى ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇشنى سىناپ باقىدۇ.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا،2011-يىلى ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ «پايپاق ئەرمەك ھايۋىنى» (sock puppet) يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ساختا ھېسابات نومۇرى ئېچىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىنى كونترول قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. شۇغىنىسى، ئۇ چاغدا تېخى ئىسمىنى «مېتا»غا ئۆزگەرتمىگەن فەيىسبۇك بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغان، شۇڭا ئانچە كۆپ ئادەم دىققەت قىلمىغان. بۇ قېتىم مېتا ئېلان قىلغان دوكلاتتىن قارىغاندا، ئۇ 39 فەيىسبۇك ھېسابات نومۇرى ۋە 26 ئىستېگرام Instagram ھېسابات نومۇرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن، بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ ھېسابات نومۇرلىرى ئافغانىستان، ئالجىرىيە، ئىران، ئىراق، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، سومالى، سۇرىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ماسلاشقان پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ نىشان ئوبيېكتلىرىنىڭ رايونلارغا تارقىلىشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىلىك ئىستراتېگىيەسى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان. چېتىلىدىغان مەزمۇنلار بولسا، ئىنتايىن كىلاسسىك «رەڭلىك ئىنقىلاب» تۈرىدىكى سىڭىپ كىرىش خاراكتېرىدىكى مەزمۇنلار، مەسىلەن، تەنتەربىيە ياكى مەدەنىيەت قاتارلىق يۇمشاق تېمىلار ئارقىلىق ئېلان قىلىش، ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەكىتلەش ھەمدە بىر قەدەر كىلاسسىك بولغان ئىدېئولوگىيە رامكىسى ئارقىلىق ئىران، جۇڭگو ۋە رۇسىيەنى تەنقىد قىلىش.

مېتا بۇ تەسىر كۈچى ھەرىكىتىنىڭ شۇ جايدىكى مەھەللىلەردە ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ يەردىكى ئۈنۈم «بۇ ھەرىكەتنىڭ كۆپ ساندىكى تېمىلىرىغا ھەقىقىي مەھەللىلەرنىڭ قاتناشمىغان»لىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاددىي ئوقۇپ چۈشىنىش بويىچە ئېيتقاندا، بۇ بۇ مەزمۇنلارنىڭ ماشىنا ئادەم ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق ئەۋەتىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ بىلەن ھەمتۈرتكە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، چوڭ ئېھتىماللىقمۇ ماشىنا ئادەم ھېسابات نومۇرى بولۇش مۇمكىن. كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرمىسە، چۈنكى بۇ خىل ھەرىكەتكە ئادەتتە خىراجەت كېتىدۇ ھەمدە «ئەمەلىي ئۈنۈم»گە ئاساسەن نەتىجە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، مېتانىڭ بۇنداق مەقسەتسىز ھالدا ئۈچىنچى تەرەپ ئىقتىسادىي تەپتىش ئىسپاتىدا ئەمەلىيەتتە «ھەقىقىي مەھەللىلەر قاتناشمىغان»، ئۇنداقتا ناھايىتى ئېنىقكى بۇنىڭدا مەسىلە بار: كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ خىراجىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋە پاك-دىيانەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە چېتىلىدۇ؛ چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى مەنىدىكى پىسخىكا ئۇرۇشى يۈرۈشلۈك يوللىرىنىڭ تور بوشلۇقىدا كۆزلىگەن ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش-قىلدۇرالماسلىقى تېخىمۇ مۇھىم ۋە نازۇك مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.

1995-يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئىنتېرنېتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئىشلىتىش»، يەنى ئالاھىدە تۈردىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ كونترول قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىپ قۇتراتقۇلۇق قىلغاندىلا ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدىغان ئوخشاش ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالىدىغان ھەر خىل خەۋپ-خەتەرلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇ چاغدىن باشلاپ، بۇ ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ قوبۇل قىلغان ۋە ئېتىراپ قىلغان ئىدىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا «رەڭلىك ئىنقىلاب»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ئىپادىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇنىڭغا ئىشىنىشكە ھەقلىقمىزكى، ئامېرىكا بۇ خىل ھەرىكەتنى كونكرېت ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، بىر يۈرۈش سىستېمىلىق تاكتىكا ۋە ئۇسۇلنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر مۇكەممەل ئېكولوگىيەنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە، كەڭ كۆلەملىك ماشىنا ئادەم ھېسابات نومۇرى بارلىققا كەلدى ھەمدە ساختا ئۇچۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا يامراپ كېتىشىنى يېڭى تىرەك ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

يەر شارى تور بوشلۇقىنى تۈزەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ساختا ئۇچۇرلارنىڭ يامراپ كېتىشى، ماشىنا ئادەم ھېسابات نومۇرىنىڭ يامراپ كېتىشى، شۇنداقلا ئېكولوگىيە دەرىجىلىك ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، بۇرمىلاش، كونترول قىلىشنىڭ كەڭ كۆلەمدە مەيدانغا كېلىشى، ئېنىقكى، بىر خىل سىستېمىلىق ئاپەت. تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە «رۇسىيە بىلەن ئالاقە باغلاش» جىنايىتى بىلەن سىياسىي بېسىمغا ئۇچرىغان مېتا شىركىتى، بۇ قېتىم مۇشۇنداق دوكلاتنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ماسك تىۋېتتېرنى سېتىۋېلىش جەريانىدا ساختا ھېسابات نومۇرى سانىنى چۆرىدىگەن باھالاشنىڭ سېتىۋېلىش مۇساپىسىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەرگە بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، بەلكىم كارخانىلار چىداپ تۇرالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئومۇمىي ساندىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى مېتا شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا ئاشكارىلانغىنى پەقەت مەسىلىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە تامامەن ئاساسىمىز بار، بۇ يەر شارى تور بوشلۇقىنى تۈزەشنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەلەپلەرنى قويدى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان ھەرقايسى مەنپەئەتدار تەرەپلەرنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، يەر شارى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ «رەڭلىك ئىنقىلاب» ئېلىپ بېرىشدىكى مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمى ئاشكارىلاندى

ھەرقايسى مەنپەئەتدار تەرەپلەر تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، يەر شارى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىنى