ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارچىلانغان دۇنيادا، پەن-تېخنىكا پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 16:43

شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئەمدىلا يېپىلغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «پارچىلانغان دۇنيادا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش»بولدى، مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان «يەر شارى خەۋپ-خەتىرى دوكلاتى»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۇنيا جۇغراپىيەلىك سىياسىي، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى خەۋپ-خەتەر ياكى كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھېچقانداق بىر دۆلەت، ئاپپارات، كارخانا بۇنداق يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا مۇستەقىل تاقابىل تۇرالمايدۇ.

يەر شارى كەڭ كۆلەملىك «بىرىكمە كىرىزىس»قا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىدا، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېنىقكى، دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىدىغان، ئارازلىقنى تۈگىتىدىغان مۇھىم كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىتېرنېتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى «يەر شارى كەنتى»نىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. لېكىن بىر قىسىم ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردە، «تۇتاشتۇرۇش»يەنىلا بىر يىراق مەنزىل.

خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، دۇنيادىكى 2 مىليارد 700 مىليون ئادەم يەنىلا ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلاشقا ئامالسىز ھالەتتە تۇرماقتا، ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر ۋە بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاران %36 نوپۇس تورغا چىقالايدۇ. ئافرىقىدا پەقەت %40 ئاھالە ئىنتېرنېت ئىشلىتەلەيدۇ؛ ياۋروپادا بولسا تەخمىنەن %90 ئاھالە تورغا چىقالايدۇ.

رەقەمدىكى ھاڭنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى «ئېدىسون ئىتتىپاقى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى ھەم 2021-يىلى 9-ئايدا «بىر مىليارد كىشىلىك تۇرمۇش خىرىسى» نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت 2025-يىلىغا بارغاندا كىشىلەر ئۈستىگە ئالالايدىغان، زىيارەت قىلالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان رەقەملىك پۇرسەت يارىتىپ، بىر مىليارد كىشىنىڭ تورغا چىقىشىغا ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ ياخشى ساغلاملىق، مائارىپ ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە ئېرىشتۈرۈش.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى 2023-يىللىق يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رەقەم ھاڭىنى تولدۇرۇش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ خىرىس، تۈر قۇرۇلغاندىن بۇيان نىشاننىڭ %45ى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، «ئېدىسون ئىتتىپاقى» 250 دىن ئارتۇق ئالاقىدار تەشەببۇسنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، 90 دۆلەتتىكى 454 مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى تېخنىكا ساھەسىنىڭ مەسئۇلى دېرىك ئوخالولۇن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا رەقەمنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. نۆۋەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر نەچچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپلا قالماي، رەقەملىك سىغدۇرۇشچان بولۇشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشان ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

كىۋانت تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى تېخنىكا بۆسۈش خاراكتېرلىك قوللىنىش ئارقىلىق پۈتكۈل رەقەملىك جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تور بىخەتەرلىكىدىن تارتىپ دورا تەتقىق قىلىشقىچە بولغان ھەرقايسى ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، كىۋانت پىلانى تۈزۈپ بولغان دۆلەتلەر بىلەن كىۋانت پىلانى تۈزمىگەن دۆلەتلەر ئارىسىدا يېڭى «كىۋانت ھاڭى» پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

بۈگۈنكى كۈندە كىۋانت تېخنىكىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتلەر بىر پۈتۈن كىۋانت ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى نامايان قىلدى. مەسىلەن، ئەنگلىيە دۆلەت كىۋانت تېخنىكىسى پىلانىغا 1 مىليارد فوندستېرلىڭدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، سانائەت، ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كانادادا ۋاتېرلو داشۆسىنىڭ كىۋانت ھېسابلاش تەتقىقات ئورنى يېڭىدىن قۇرۇلغان 17 كىۋانت شىركىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىپ چىقتى. خۇسۇسىي مەبلەغ سېلىش جەھەتتە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 50 تىن ئارتۇق كىۋانت ھېسابلاش شىركىتى بار. بۇ سان پۈتكۈل جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىككى شىركەت، ئافرىقىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر شىركەت بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلالمىغان.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا «كىۋانت ھاڭى»غا قاراپ يۈزلەنمەكتە، شۇڭا بۇ ھاڭنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يەنە كىۋانت ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى يول خەرىتىسى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە رايون ئىقتىساد جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، كىۋانت كەسپى يەنىمۇ يۈكسىلىشتىن بۇرۇن ئىختىلاپنى تۈگىتىدۇ.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ھاڭدىن ھالقىپ ئۆتەلەيدىغان ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىشىدا تۇرۇۋاتىمىز، مېتا ئالەم قاتارلىق تېخنىكىلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كېيىنكى ئەۋلاد ئىنتېرنېت «مېتا ئالەم»نى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسىغا ئەگىشىپ يېتىپ كېلىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 2024-يىلىغا بارغاندا، ئالاقىدار تېخنىكىلار 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى بازار يارىتىدىكەن. ھالبۇكى، بۇمۇ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىش، زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى خىرىسلارنىمۇ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى 2022-يىلى 5-ئايدا ئېنىقلىما بېرىش ۋە مېتا ئالەم بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە ئېسېنجې شىركىتى ۋە مىكروسوفت شىركىتى بىلەن 2023-يىللىق يىغىن مەزگىلىدە ھەمكارلىشىپ «دۇنيا ھەمكارلىق كەنتى»نى ئىشقا كىرىشتۈردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت بىخەتەر، ئادىل، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئۆزئارا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان «مېتا دۇنياسى»غا ئېنىقلىما بېرىش ۋە ئۇنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇسۇل بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش.

«مېتا دۇنيا» تېخى ناھايىتى غۇۋا، ئوخشاشلا ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىدىغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساتيا نادېللا يىللىق يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئالتۇن دەۋرى يېتىپ كەلمەكتە، بۇ خىل ئەمدىلا S ئەگرى سىزىقىنىڭ باشلىنىشىدا تۇرغان تېخنىكا ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە بەخت يارىتىدۇ. تېخنىكا كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پارچىلانغان دۇنيادا، پەن-تېخنىكا پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ

شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئەمدىلا يېپىلغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «پارچىلانغان دۇنيادا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش»بولدى،