ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا بويىچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە %88.1 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگونىڭ ئۈچ يىللىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەتىجىسىنى ماختىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 09:49

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى CGTN ئاقىللار ئامبىرىنىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسى دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە جامائەت پىكىرى ئېكولوگىيەسى تەتقىقات يۇرتى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان يەر شارىغا يۈزلەنگەن بىر تۈرلۈك ئەل رايى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى %88.1 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگونىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ماختىغان، پۈتۈن دۇنيادىكى %71.6 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى جانلىق تەڭشەش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇ تەكشۈرۈش ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان.

يۇقۇم تارقالغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدە ۋاكسىنا ئەملەپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى قاتتىق قوغداپ، قازا قىلىش نىسبىتى ۋە ئېغىر كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. ھازىرغا قەدەر، يەر شارى بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغانلار جەمئىي 6 مىليون 630 مىڭدىن ئاشتى، ئەمما جۇڭگودا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ۋە قازا قىلىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە تۇردى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى %88.1 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلغان، بۇ نىسبەت ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئىچىدە %93.4 كە يەتكەن.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەشەببۇسكار، ئىلمىي ۋە تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ھەرىكەتچان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى. تەكشۈرۈشتە، پۈتۈن دۇنيادىكى %71.6 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى جانلىق تەڭشەش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەمما جۇڭگونىڭ «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن ئېلىپ بارغان تەييارلىق خىزمەتلىرى، ئالايلۇق: يەر شارىدىكى %76.2 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ «تەسىس قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر تەسىس قىلىش، ئېچىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر ئېچىش»، ICU كارىۋات بايلىقىنى تىرىشىپ كۆپەيتىش، ئېغىر ۋە خەتەرلىك كېسەللەرنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارغا قارىتا، ئالاقىدار تەدبىرلەر ئىجابىي ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر، دەپ قارىغان، بۇ نىسبەت ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئىچىدە %82.5 كە يەتكەن.

يۇقۇم تارقالغان ئۈچ يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.5 ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، 2022-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 12 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇنىڭغا قارىتا، يەر شارىدىكى %86.8 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تۇتاش پىلانلاش نەتىجىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ نىسبەت ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئىچىدە %91.7 كە يەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىكى %74.7 زىيارەت قىلىنغۇچىمۇ جۇڭگونىڭ نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، 120 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى 2 مىليارد 200 مىليون تالدىن ئارتۇق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلىدى، 153 دۆلەت ۋە 15 خەلقئارا تەشكىلاتنى زور مىقداردا مۇداپىئە كىيىمى، نەپەسلەندۈرگۈچ، ماسكا قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى، يەر شارىدىكى %85.2 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگونىڭ يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى. ۋاكسىنا ئىئانىسىنى قوبۇل قىلغان نىگېرىيە بىلەن پاكىستاندا %88 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگو ۋاكسىنىسىنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ ئۈچ يىللىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىگە قارىتا داۋاملىق تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولدى، جۇڭگو قاتتىق باشقۇرۇپ تىزگىنلىگەن چاغدا، «جۇڭگونى كىشىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويدى» دەپ تەنقىد قىلدى، جۇڭگو باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرغاندىن كېيىن بولسا، جۇڭگونى« دۇنيا ئىقتىسادىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى» دەپ ئەيىبلىدى. بۇ خەۋەرلەرنى ئادىل ئەمەس دەپ قارىغان يەر شارىدىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ %77.7 تى بۇ كۆز قاراشلاردا سىياسىي بىر تەرەپلىمە قاراش بار دەپ قارىدى، غەرب دۆلەتلىرىدىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئىچىدە ئوخشاش كۆز قاراشتا بولغانلارنىڭ نىسبىتى %70 كە يەتتى.

ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ چېگرادىن كىرگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشىغا قارىتا، تەكشۈرۈشتە %70.7 زىيارەت قىلىنغۇچى بۇنى يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرىدىغان خاتا ئۇسۇل، دەپ قارىدى، %67.9 زىيارەت قىلىنغۇچى بۇ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن باشقا %96.6 زىيارەت قىلىنغۇچى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بىر تەرەپلىمە قاراشنى تاشلاپ، خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا بويىچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە %88.1 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگونىڭ ئۈچ يىللىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەتىجىسىنى ماختىدى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى CGTN ئاقىللار ئامبىرىنىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسى دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە جامائەت پىكىرى ئېكولوگىيەسى تەتقىقات يۇرتى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان يەر شارىغا يۈزلەنگەن بىر تۈرلۈك ئەل رايى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە،