ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئافرىقىنىڭ قەرزى توغرىسىدا، ئامېرىكا ھەقىقىي ئەھۋالنى قەستەن بۇرمىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-15 09:38

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يېقىندا ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۇدا زىيارەتتە بولدى، بۇ جەرياندا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرز يۈكىنى داۋاملىق جۇڭگو بىلەن چېتىۋالدى. خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا كۆپتۈرگەن جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا بولغان «قەرز قىلتىقى» قاتارلىق كونا سەپسەتىلەر بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى، ئامېرىكا قەستەن بۇرمىلىغان پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋال دەل غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقىنىڭ قەرز مەسىلىسىدە ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

خەلقئارا ئاپپاراتلار ۋە كەسپىي تەتقىقات ساھەسىدىن كەلگەن نۇرغۇن دوكلاتتىن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى قەرز مەنبەسىنىڭ ئاساسلىقى غەربتىكى خۇسۇسىي ھەقدارلارنىڭ ئىلىكىدىكى زايوم ئىكەنلىكى ئايان بولدى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇلتۇرقى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تەكشۈرگىلى بولىدىغان 49 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ جەمئىي 696 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاشقى قەرزى ئىچىدە، كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە سودا ھەقدارلىرىنىڭ ئىلكىدىكى قەرز نىسبىتى تۆتتىن ئۈچ قىسىمنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدا ئافرىقىنىڭ قەرزى ئەڭ كۆپ ئىكەن.

ئەنگلىيەدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى «قەرز ھەققانىيلىقى»نىڭ بۇلتۇر 7-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ %35 تاشقى قەرزى غەربتىكى خۇسۇسىي قەرز بېرىش ئاپپاراتلىرىدىن كەلگەن، ئۇنىڭ ئومۇمىي سوممىسى جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا بەرگەن قەرزىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.

فىرانسىيەدىكى «دۇنيا گېزىتى»نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋېتسارىيەدىكى كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودا كارخانىسى گلونكورېنىڭ ئىلكىدە چادنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم تاشقى قەرزى بار ئىكەن؛ يېللېن زامبىيەدە جۇڭگو ئافرىقىغا «قەرز قىلتىقى»نى يولغا قويدى دەپ كۆپتۈردى، ھالبۇكى، ئامېرىكا مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى بېللېد بولسا شۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق قەرز ھەقدارى ئىكەن.

ئىلىكىدە زامبىيەنىڭ كۆپ قىسىم تاشقى قەرزىنى تۇتقانلار ئوخشاشلا كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە سودا ھەقدارلىرى. مەزكۇر دۆلەت ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى شۇ دۆلەتنىڭ %24 تاشقى قەرزىنى ئىلىكىدە تۇتقان بولۇپ، سودا ھەقدارلىرى %46 نى ئىگىلەيدىكەن، كېيىنكىسى ئاساسلىقى غەرب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن.

ئۇگاندا ئارزۇ گۇرۇھىنىڭ مۇخبىرى مۇبارەك مۇگابو مۇنداق دېدى: ئۇزۇندىن بۇيان، غەربتىكى قەرز بەرگۈچىلەر قەرزنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولالمىدى، چۈنكى، ئۇلار دۇنيانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالداپ، كىشىلەرنى جۇڭگولۇق قەرز بەرگۈچىلەر ئافرىقىغا تەھدىت پەيدا قىلدى دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويدى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئافرىقىنىڭ قەرز مەسىلىسىدە، يۇقۇم، جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش، ئاپپاراتلارنىڭ زىيادە قەرز بېرىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سەۋەبلەر بار. ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتى بۇلتۇر داۋاملىق زىيادە ئۆسۈم قوشۇپ، ئافرىقىنىڭ قەرز مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى. شۇڭا، قەرز مەسىلىسىنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويۇپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇندى.

ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسى بۇ يىل 1-ئايدا ئېلان قىلغان ئافرىقا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سىجىل پۇل پاخاللىقى، يەر شارى مالىيەسىنى ئۇزاق مۇددەت قىسىش، يۇقىرى كاپىتال تەننەرخى، ئۆز دۆلىتى پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈش ۋە مەبلەغنىڭ كىرىشى ئازىيىپ كېتىش قاتارلىق ئامىللار بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرز كىرىزىسىگە پېتىپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

بۇ دوكلاتتا ئالاھىدە تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتى بۇلتۇر كۆپ قېتىم ئۆسۈم قوشۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش يۈكىنى زور دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، مەسىلەن: گانا پۇلى سېدىنىڭ 2022-يىلى ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان قىممىتى %33 چۈشۈپ كەتتى. گۈللەنمە دۆلەتلەر ۋە تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ قەرزى ئاساسلىقى ئامېرىكا دوللىرى قاتارلىق چەتئەل پۇللىرى بىلەن تۆلىنىدۇ، ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز پۇل سىياسىتى روشەنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ قەرز مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.

بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ قەرز قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، 19 ئافرىقا دۆلىتى بىلەن قەرز قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى ياكى قەرز قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى. جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە قەرز قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سوممىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو يەنە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئورتاق رامكىسىدا، چاد، ئېفىيوپىيە، زامبىيەنىڭ ئايرىم قەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا پائال قاتناشتى.

ئېفىيوپىيە ئەددىس-ئەبېبە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى كوستانتىنوس ئۇلار جۇڭگونى تالان-تاراج خاراكتېرلىك قەرز بەرگۈچى دەپ تەسۋىرلىدى، بۇ خىل ئەيىبلەشنىڭ پاكىت ئاساسى يوق دېدى.

نىگېرىيە جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئونۇنايجۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو «قەرز قىلتىقى» پەيدا قىلدى دېيىش-بىر خىل سىياسىي تۆھمەت بولۇپ، دىققەتنى بۇراش ئۈچۈن قوللىنىلغان، بۇ-غەربنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بارلىق مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئافرىقا قەرزىنىڭ غەرب ئەللىرى ئاپپاراتلىرى ۋە ئەلئىچى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەسپىي ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر تاشقى قەرز ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولسا ھەم ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلسا، ئۇنداقتا بۇنى ياخشى سۈپەتلىك قەرز دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. شۇڭا، قەرزنىڭ ئېشىشى پەقەت مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ-ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، مۇستەقىل ۋە سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا قانداق ياردەم بېرىشتە.

سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرى ئافرىقىغا يېڭىدىن 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق تۆمۈريول، 100 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن تاشيول، مىڭغا يېقىن كۆۋرۈك، 100 گە يېقىن پورت ياساپ بەرگەن ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن، يەنە نۇرغۇن دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ سېلىپ بەرگەن، جەمئىي 4 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بەرگەن.

مىسىر دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىززەت سائاد چىن قەلبىدىن ھاياجانلانغان ھالدا، ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگو-ئىشەنچلىك ھەمراھىمىز، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا بولغان ئىشەنچىسى كامىل دەپ قارايدۇ دېدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئافرىقىنىڭ قەرزى توغرىسىدا، ئامېرىكا ھەقىقىي ئەھۋالنى قەستەن بۇرمىلىدى

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يېقىندا ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۇدا زىيارەتتە بولدى،