ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇكرائىنا كىرىزىسى ياۋروپا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-27 09:58

ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەسكىنلەشكەن بىر يىلدىن بۇيان، ياۋروپا ئىقتىسادى ۋە ئېنېرگىيە، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەر ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى.

ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەسكىنلەشكەن بىر يىلدىن بۇيان، ياۋروپا ئىقتىسادى نۇرغۇن زەربىگە ئۇچرىدى، ئېنېرگىيە، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەرگە «قىزىل چىراغ» يېقىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپا ئامېرىكىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزسە، بىخەتەرلىك مەنپەئەتى تەھدىتكە ئۇچراپلا قالماي، ئىقتىسادىي ساھەمۇ قارشى زەربىگە ئۇچرايدۇ. ياۋروپانى تېخىمۇ نارازى قىلغىنى شۇكى، ئامېرىكا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەدەپ قاقتى-سوقتى قىلىپ، ياۋروپانى يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلدى.

ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتى كۆپ مەنبەلىشىش جەھەتتە بەلگىلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا تەننەرخ يۇقىرى، ئۆزگىرىش كۆپ بولۇشتەك جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرى ۋە سودىگەرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيەسىگە تايىنىۋېلىشىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىمىز دېگەن نام بىلەن ياۋروپادا كۆپ پۇل تاپتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەزاسى جېنتىلونى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى بەش ھەپتىسىدە، رۇسىيەدىن كەلگەن تۇرۇبىلىق تەبىئىي گاز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەبىئىي گاز ئىمپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئاران %7.5ئىنى ئىگىلەپ، 2021-يىلىدىكى %37لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن خېلىلا تۆۋەن بولدى. سۇ تىرانسپورتىدا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2021-يىلىدىكى %20تىن 2023-يىلىنىڭ بېشىدىكى %42كە كۆپىيىپ، بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.

كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار سانلىق مەلۇمات ئانالىز شىركىتى كېپلېرنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئومۇمىي ئىمپورت مىقدارىنىڭ %41ئىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %154 ئاشقان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى ئامېرىكا قايتىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1-چوڭ مال سودا ھەمراھىغا ئايلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدىن مال ئىمپورت قىلىش سوممىسى %53.5 ئاشقان.

تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا ياۋروپا بازىرىنى زىيادە يۇقىرى باھادىكى گاز بىلەن تەمىنلەپ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈرەشتىن ھەدەپ پايدا ئېلىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا تايىنىپ ھەدەپ پۇل تاپتى.

يېقىندا، بەزى خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزى ئارقىلىق ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان «شىمالىي ئېرىق» تۇرۇبا يولى پارتلىتىۋېتىلگەن، بۇنى ئامېرىكا ئارمىيەسى زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن قىلغان. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «شىمالىي ئېرىق» تۇرۇبا يولى پارتلىتىۋېتىلگەن شۇ ئايدا، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش مىقدارى تەبىئىي گاز ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %70ئىنى ئىگىلىگەن، ياۋروپادا تەبىئىي گازنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ئامېرىكىدىكى تەبىئىي گازنىڭ ھازىرقى نەق مال باھاسىنىڭ يەتتە ھەسسىسىدىن كۆپرەككە توغرا كېلىدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «شىمالىي ئېرىق» تۇرۇبا يولىنى بۇزۇۋېتىشى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان «ئىقتىسادىي ئۇرۇشى» دەپ قارىدى.

ئېنېرگىيە ساھەسىدە «ئەپچىللىك بىلەن ئېلىۋېلىش»تىن باشقا، ئامېرىكا يەنە «پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق ياۋروپانى يەنىمۇ «تالان تاراج» قىلدى، يۇقىرى سوممىلىق تولۇقلىما قاتارلىق رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە باشقا يېشىل تېخنىكىلارنىڭ ئامېرىكا زېمىنىدا ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كەسىپلەر سىرتقا كۆچۈش بېسىمى ئېلىپ كەلدى. گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى ئۈستىدە خېلى تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ماھىيەتلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.

بېلگىيەدىكى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش شىركىتى ئېتەي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بېرنارد دېرۋو: ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە تەننەرخىنىڭ تېز ئۆرلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ قورۇقچىلىق قانۇنى چىقىرىشىنىڭ قوش تەسىرىدە، پۈتكۈل ياۋروپا «سانائەتلىشىشنى تۈگىتىش خەۋپ خەتىرى»گە دۇچ كەلمەكتە، دېدى. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى قول تىقىپ ئارىلاشمىسا، تېخىمۇ كۆپ ياۋروپا شىركەتلىرى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئېھتىماللىق «ياۋروپا ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك».

ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەسكىنلەشكەندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر قاتار ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېكسپورتنى زور دەرىجىدە ئازايتتى، لېكىن جازانىڭ تەسىرىدە، ياۋروپادا ئېنېرگىيە باھاسى ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىقى كۈچىيىپ، كارخانىلار زور زىيانغا ئۇچرىدى، ئاممىنىڭ ئەمەلىي مائاشى ئېغىر دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى، سېتىۋېلىش كۈچى تۆۋەنلەپ كەتتى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئېنىرگىيە ۋە زور مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئىستېمالچىلارغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتتى. بۇ يىل 1-ئايدا ياۋرو رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %8.5كە يەتتى، گەرچە ئىلگىرىكىدىن سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى بېكىتكەن %2 لىك نىشاندىن خېلىلا يۇقىرى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىنقى مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرىغا چەك قويۇشى ۋە ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى، خەلقئارا بازاردا نېفىت مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ دىزېل مېيى بىلەن تەمىنلەشنىڭ جىددىيلىشىشى ۋە باھانىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقىرىدۇ.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياۋروپادا باھانىڭ ئۆرلەش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ، يوشۇرۇن پۇل پاخاللىقى يۈزلىنىشىنى ئۆلچەيدىغان ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچ يادرولۇق پۇل پاخاللىقى نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى لاگاردې يېقىندا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقاندا، يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېدى.

ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ، ئىش ھەققىنىڭ ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ناچارلاشتى. پۇل پاخاللىقى بېسىمى داۋاملىق مەۋجۇت بولغاچقا، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى پۇل قىسىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ كارخانىلارنىڭ پائالىيىتىگە بېسىم پەيدا قىلىدۇ ھەمدە مەبلەغ سېلىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە يەنىمۇ توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى 4-پەسىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كارخانىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارىتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %26.8 ئېشىپ، 2015-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى دومبروۋىسكى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقاچقا، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىدا ناھايىتى زور ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت. ياۋروپادىكى خەلق ئاممىسى ۋە كارخانىلار يەنىلا جاپالىق دەۋرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

ئېنېرگىيە تەمىناتى بىخەتەرلىكىنىڭ تەسىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مەسىلىسىدە ئارقا ـ ئارقىدىن كەينىگە ياندى. بۇلتۇر قىشتا، ئىلگىرى كۆمۈردىن ۋاز كېچىشنى زور كۈچ بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈردى. فىرانسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يادرو رېئاكتورى ئىشلىتىش ۋاقتىنى قايتا باشلاش ياكى ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ تەدبىرلىرى ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمايدۇ، ياۋروپا ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئۆستۈرەلمەيدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇكرائىنا كىرىزىسى ياۋروپا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بولدى

ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەسكىنلەشكەن بىر يىلدىن بۇيان، ياۋروپا ئىقتىسادى ۋە ئېنېرگىيە، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەر ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى.