ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىلەن ھوندۇراسنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ خەلقئارا چوڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 15:25

ھوندۇراس تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكى»نى جاكارلىغاندىن كېيىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھوندۇراس 3-ئاينىڭ 26-كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى 182 دۆلەت جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلىتى»دىن ئاران 13 ئى قالدى، بۇ كۈچلۈك پەرق-بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى ۋە ئورتاق ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھوندۇراسنىڭ تاللىشى ۋەزىيەتكە ماس كېلىدۇ، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ئۇيغۇن، بۇ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە ۋە مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر تەرەپتە تۇرغانلىق.

دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان تارىخىي ۋە قانۇنىي پاكىت. 1971-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىدا بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جەزملەشتۈرۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پانامادىن سالۋادورغىچە، نىكاراگۇادىن ھوندۇراسقىچە، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش  «دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلىرى» بەس-بەستە ئۇنىڭ بىلەن «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش»نى تاللاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ياكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىشى-بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا چىقىرىلغان سىياسىي تاللاش، بۇ دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماس كېلىدىغان، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. ھوندۇراسنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رېينا ئېيتقاندەك، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش سىياسىي قارار، دۇنيا ئىزچىل بۇ يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھوندۇراس جۇڭگو بىلەن شەرتسىز دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، بۇ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن تەرەققىي قىلىشنى كۆزلەشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھوندۇراس ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇھىم دۆلەت، نۆۋەتتە بۇ دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە تەرەققىيات مەسىلىسى. ئامېرىكا بولسا لاتىن ئامېرىكىسىنى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قاراپ، «مونروئىزم»نى ئۇزاق مۇددەت يولغا قويۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى. 2020-يىلى ئامېرىكا ئاتالمىش «تەيبېي قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولغان دۆلەتلەردىن ئۆچ ئالىمىز دەپ تەھدىت سالدى. يېقىندا، ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاستىرو جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن كېيىن، ئامېرىكا دەرھال زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىسىنى ھوندۇراسقا زىيارەتكە ئەۋەتتى. رېيتېر ئاگېنتلىقى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەرباپنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھوندۇراسنىڭ «بېيجىڭغا بۇرۇلۇش» پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى توسماقچى، بۇ خىل يولسىز توسقۇنلۇق مۇقەررەر بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق بولىدۇ. «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ھوندۇراس بىلەن تەيۋەننىڭ «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى»تەيۋەنگە بولغان زەربە، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مەغلۇبىيىتى.

دومىنو قارتىسى غۇلاپ چۈشتى، بۇنىڭ سەۋەبىنى قىسقا مەزگىلدىن ئىزدەشكە بولمايدۇ. كۆپلىگەن دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ تۈپ ۋە كەلگۈسى مەنپەئەتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندى. ھوندۇراس پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى راسې تومېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھوندۇراس خەلقى جۇڭگو-ھوندۇراس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور ئۈمىد باغلىدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىشىنى، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلىدۇ.

ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ھوندۇراسنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشىنى، ئالاقىدار رامكا ئاستىدا ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو يەنە ئىمپورتنى كېڭەيتىش، مەبلەغ سېلىشقا ئىلھام بېرىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنى ئالدىن يولغا قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بىر تۈركۈم ھەقىقىي، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ پايدىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. ھوندۇراس بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقى، جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە قەدەمنى ياخشى ئېلىش، ئىشنى ياخشى باشلاشقا تۈرتكە بولۇش سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن ھوندۇراسنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىشىشى، ئۆز ئارا مەنپەئەتلىنىپ تەڭ پايدا ئېلىشى-ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش خەلقئارا چوڭ ھەقىقەت، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنىڭ ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىشى مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ، ھەر قانداق كىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى، قەتئىي جاسارىتى، زور ئىقتىدارىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقى كېرەك. پاكىت كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىلەن ھوندۇراسنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ خەلقئارا چوڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى

ھوندۇراس تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكى»نى جاكارلىغاندىن كېيىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھوندۇراس 3-ئاينىڭ 26-كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى