ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھاننوۋېر سانائەت كۆرگەزمىسى دىققەتنى سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە مەركەزلەشتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-04-23 10:13

بەش كۈن داۋاملىشىدىغان گېرمانىيە ھاننوۋېر سانائەت كۆرگەزمىسى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇ يىللىق كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى «سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش-ئوخشىمىغان ئىجادىيەت»بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ماشىنىلىق ئۆگىنىش، ھىدروگېن ۋە يېقىلغۇ باتارېيەسى، كاربون نېيتراللاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تېمىلار ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇ يىلقى كۆرگەزمە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 4 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنى جەلپ قىلدى، بۇ بۇلتۇرقىدىن %60 كۆپ. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ گېرمانىيە كۆرگەزمە شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل قاتناشقۇچىلار تېخىمۇ خەلقئارالاشقان، بولۇپمۇ جۇڭگو شىركەتلىرى ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئارزۇسى ۋە قىزىقىشى كۈچلۈك بولغان.

سىمېنس، مىكروسوفت، ئامازون، خەيئېر، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى ۋە شېنياڭ شىنسۇڭ ماشىنا ئادەم ئاپتوماتلاشتۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ كۆرگەزمە رايونىدا، كەلگۈسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى ھەل قىلىش لايىھەسى ئاساسلىق مەزمۇن بولۇپ قالغان، بۇ مۇرەككەپ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى سانائەتكە كىرگۈزۈش، زاۋۇتتا ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىش ھەمدە ئەمەلىي يۇمشاق دېتال خاتىرىسى ۋە كاربون ئىزىنى ئازايتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فىرانسىيە سىنېيدىر ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ يەر شارى ئىجرائىيە مۇئاۋىن لىدىرى، سانائەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنىڭ مەسئۇلى بابالا فراي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش نۇرغۇن دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەمدە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ئىستىقبالى پارلاق.

فراي جۇڭگو ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىنتايىن مۇھىم بازار، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ رەقەملىشىش تەرەققىياتى ئىنتايىن كۈچلۈك، نۇرغۇن خېرىدارلار ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنىڭ تېخىمۇ ئەلالىشىشى ۋە ئاپتوماتلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، سىنېيدىر ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ھەل قىلىش لايىھەسىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى، شىركەت داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ جۇڭگو بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ.

ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى بۇ نۆۋەتلىك سانائەت كۆرگەزمىسىدىكى قىزىق سۆزلەرنىڭ بىرى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، كۆرگەزمىگە قاتناشقان 500 دىن ئارتۇق شىركەت ھىدروگېننى سانائەتتە ئىشلىتىش ھەل قىلىش لايىھەسىنى كۆرگەزمە قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن بىر قاتلانغان. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، سانائەت چوقۇم كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇشتىن تەمىنات زەنجىرى مۇقىم بولماسلىق ۋە تېخنىكا كەمچىل بولۇش قاتارلىق بىر قاتار خىرىسلارغا يۈزلىنىشى كېرەك ئىكەن. بۇ خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى ۋە ئاقىل ئىقتىسادىي سىياسەت ئىستراتېگىيەسى بولۇشى كېرەك.

گېرمانىيە كۆرگەزمە شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى يوخېن كوكلېر كۆرگەزمىدىن بۇرۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كاربون نېيتراللاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ھىدروگېن تېخنىكىسى، ئېنېرگىيە باشقۇرۇش ۋە سانائەت 4.0 قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى ھاننوۋېر سانائەت كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم تېمىسى. پەقەت بۇ تېخنىكىلارنى بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن كىلىمات ئۆزگىرىشىنى پەسەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈللىنىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

گوگىلدىن كەلگەن ماشىنىلىق ئۆگىنىش مۇتەخەسسىسى مىشائېر مېنزېل ماشىنىلىق ئۆگىنىش تېخنىكىسىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىكىنى تونۇشتۇردى. گوگىل سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن كۆرۈش سېزىمىنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون قاتارلىق قاتتىق دېتال ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا نۇقسان بار ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلارنى تېز سۈرئەتتە پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ماشىنىلىق ئۆگىنىش مودېلىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى يەنە ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى لايىھەلەشتىكى ئاقار جىسىم مېخانىكىسى ئانالىزىنى تاماملىيالايدۇ، ھاۋا تونېلى ئىشلىتىش ھاجەتسىز ياكى يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاشنى قانات يايدۇرمىغان ئەھۋالدا سىناق نەتىجىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

سانائەت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە يەنە مىڭ مەيداندىن ئارتۇق نۇتۇق ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار رەقەملەشتۈرۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشىنى پەسەيتىش ۋە يېشىل ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسى ۋە ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ھاننوۋېر سانائەت كۆرگەزمىسى 1947-يىلى باشلانغان بولۇپ، يەر شارى سانائەت تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ «فىليۇگېرى» دېگەن نامى بار، ھازىر يەر شارىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە سانائەت كۆرگەزمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھاننوۋېر سانائەت كۆرگەزمىسى دىققەتنى سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە مەركەزلەشتۈردى

بەش كۈن داۋاملىشىدىغان گېرمانىيە ھاننوۋېر سانائەت كۆرگەزمىسى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇ يىللىق كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى «سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش-ئوخشىمىغان ئىجادىيەت»بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ماشىنىلىق ئۆگىنىش، ھىدروگېن ۋە يېقىلغۇ باتارېيەسى، كاربون نېيتراللاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تېمىلار ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.