ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا ئەربابلار: جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشى دەل ۋاقتىدا بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-04 16:04

يېزا ئىگىلىك دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس پۇختا بولسا دۆلەت تىنچ-ئامان بولىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىنى پۇختىلاش-يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەلقئارادىكى ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نۆۋەتتە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتىدىن يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتىگە ھالقىشنى تېز ئىلگىرى سۈرمەكتە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگونىڭ يېزا-كەنتلىرىدە تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغان جۇشقۇن كەيپىيات بارلىققا كېلىدۇ.

جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. خەلقئارادىكى ئەربابلار جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋېن كاڭنۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنيانىڭ 9% ئىگىمۇ يەتمەيدىغان تېرىلغۇ يەر ئارقىلىق دۇنيا ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى باقتى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە مۇھىم ئاشلىق ئېكسپورت دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ يېتەرلىك ئاشلىق تەمىناتى ۋە ئامبار زاپىسى، كۈچلۈك ئاشلىق سودىسى ۋە ئىستېمالى خەلقئارا ئاشلىق بازىرى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم «مۇقىملاشتۇرغۇچىسى». ۋېن كاڭنۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: تەجرىبە، سىياسەتتىن تارتىپ تېخنىكا، بايلىققىچە-جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى مول مەزمۇن بىلەن تەمىنلىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، 2013-يىلىدىن 2021- يىلىغىچە، جۇڭگو يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم تەخمىنەن 2.1 ھەسسە ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى شەھەر-بازار ئاھالىسى ۋە مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. كورېيە جۇڭگو ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى چۈەن بىڭرۈي يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. بولۇپمۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

مىسىر ئاخبارات باش مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، مىسىر-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى ئەخمەد سالام كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: يېزا ئىگىلىكى مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ياراتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شەھەر-يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۆرنەكلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە.

جۇڭگو-پاكىستان شالغۇت بۇغداي تۈرى مەسئۇللىرىنىڭ بىرى، پاكىستان پېشاۋۇر يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېزا ئىگىلىك ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى مۇھەممەد ئەلىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو يەر شارىدىكى نوپۇسى كۆپ دۆلەت، بىر مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگو ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، يەر شارى ئاشلىق بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە». جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ھەممىگە ئايان. ئەلىف جۇڭگولۇق خىزمەتداشلىرى بىلەن شالغۇت بۇغداي ساھەسىدە ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىشىش كەچۈرمىشى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى، تېخنىكىسى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

جۇڭگو نەچچە مىڭ يىللىق دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئاساسىغا ئىگە، مەۋقەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قارىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتەك دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، پۇختا ئىش قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدى.

ۋېن كاڭنوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ئاكتىپ ھالەتنى ساقلىدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى ھەمدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. جۇڭگو تېرىلغۇ يەر ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئاستىلىتىش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشتى. ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىلەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى يېزا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ھەمكارلىشىپ، جۇڭگودا نۇرغۇن يەر شارى مۇھىت فوندى تۈرىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ دائىرىسى جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىن شىمالغىچە بولغان ئوخشىمىغان ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

جۇڭگو ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. كامبودژانىڭ شاڭجاۋ، مانگو قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ۋە ئىختىساسلىقلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. كامبودژا خان جەمەتى يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى جى خۇڭ جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ساننى ئاشۇرۇشتىن سان ۋە سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساپ، بايلىق ئامىلى سېلىنمىسىغا تايىنىشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، يىرىك باشقۇرۇشتىن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.

جۇڭگو-فىلىپپىن يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مەركىزى فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا لۇزون رايونىغا جايلاشقان. 20 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بۇ مەركەز شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ مەھسۇلات ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۇ مەركەزنىڭ فىلىپپىن تەرەپ مۇدىرى ما ۋېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆزىگە تايىنىپ بىر مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بۇنىڭ ئۆزى قالتىس نەتىجە. جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئېكولوگىيىلىك تۆۋەن كاربونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغىمۇ نەپ يەتكۈزىۋاتىدۇ.

جۇڭگو دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، شال، بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى؛ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى بېكىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرگەنلىكى زىيارەتنى قوبۇل قىلغان خەلقئارادىكى ئەربابلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

بىرازىلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى مىلتون بومار جۇڭگونىڭ يېزا رايونلىرىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇب ۋە غەربىي شىمال رايونلىرىدىكى يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېھقانلارنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىشىغا موھتاج بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلمىي پىلانى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. بومار بۇلتۇرنىڭ «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئىستراتېگىيەلىك پىلانى»نىڭ ئاخىرقى يىلى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى، ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە سىياسەت سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو يېزىلىرى تېخىمۇ باياشات، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك، يېزا-كەنتلەر تېخىمۇ گۈزەل.

2021-يىلى، جۇڭگو «14-بەش يىل«لىق يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش پىلانى«نى ئېلان قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى بەش يىللىق پىلانى ئاساسىدا، «14-بەش يىل «مەزگىلىدە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. ۋېن كاڭنۇڭ بۇ پىلاندا يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا كونكرېت سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى جۇڭگونىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، كەلگۈسىدە يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ ئەۋرىشىملىككە ئىگە يېزا ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز.

ئەخمەد سالام يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن جۇڭگو ياشلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يۇرتىنىڭ گۈللىنىشىگە يېڭى قاراش، يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىختىساسلىقلار مەنبەسىنى پائال كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رەقەملىك يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى تەرەققىي قىلىپ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى يېڭى قۇۋۋەتكە ئايلانماقتا. جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەقلىي يېزا ئىگىلىكى، داڭلىق ماركا يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەر ۋە جانلىق ئەمەلىيەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن غايەت زور ئىلھام بېرىپ، ئۈلگىلىك رول ئوينىدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا ئەربابلار: جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشى دەل ۋاقتىدا بولدى

يېزا ئىگىلىك دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس پۇختا بولسا دۆلەت تىنچ-ئامان بولىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئاساسى،