ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لىيەنشياڭ بىرازىلىيە زاۋۇتىنى زىيارەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-10 09:13

بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو ئىشتاتىدىكى ياگۇئا لىئۇنادىكى لىيەنشياڭ موتورولا زاۋۇتىدا، ئىشچىلار ۋە ماشىنا ئادەملەر ئۆز يولى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون قۇراشتۇرماقتا. ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا، ئىشچىلار ئىستېمالچىلارنىڭ ئېچىپ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن، زاكاز قىلىنغان ئەتىرنىڭ ئوراپ قاچىلاش قۇتىسىغا ئازراق ئەتىر پۈركۈپ، قۇتىغا سۇس خۇش پۇراق قالدۇردى. مۇخبىر يېقىندا لىيەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ بىرازىلىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى زاۋۇتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، «جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقى»نىڭ بىرازىلىيەنىڭ «قايتا سانائەتلىشىش» پۇرسىتىگە دۇچ كېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىدا رەڭدار ئۇچقۇنلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى.

لىيەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ دۇنيا تەمىنات زەنجىرى تىجارەت باش نازارەتچىسى ئېنېستو لېۋى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوراش قۇتىسىغا ئەتىر چېچىش بىرازىلىيە بازىرى ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلىنغان سېتىش تاكتىكىسى بولۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ رايونلارغا كېڭەيتىلىدۇ. بۇ يەنە لىيەنشياڭ موتورولانىڭ بىرازىلىيەدىكى يېڭىلىق يارىتىش تىجارىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، لىيەنشياڭ موتورولا بىرازىلىيە كوللېكتىپى يەنە يەرلىك ئۆسۈملۈك تالاسىدىن يانفون زاپچاسلىرىنى ياساش، يانفون سىستېمىسىغا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تىلى سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى سىناق قىلدى. بىر قاتار يەرلىكلەشتۈرۈلگەن يېڭىلىقلار برازىلىيە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

لىيەنشياڭ گۇرۇھى 2014-يىلى موتورولا كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىنى سېتىۋالدى. ئىلگىرى موتورولادا كۆپ يىل خىزمەت قىلغان لېۋى مۇنداق دېدى: لىيەنشياڭ شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، موتورولا تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، جانلىق دۇنيا تەمىنات زەنجىرى بەرپا قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دۆلەت بازارلىرىغا قارىتا يەرلىكلەشكەن بازار تىجارەت تاكتىكىسى قوللىنىلدى.

لىيەنشياڭ موتورولانىڭ باش لىدىرى سېرگىئو بۇنياك مۇنداق دېدى: بىز يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن-ئاخىر مۇھىم نۇقتا قىلدۇق. لىيەنشياڭ موتورولا بىرازىلىيەدە دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش كۈچى بەرپا قىلىپ، شۇ جاينىڭ پەن-تېخنىكا كەسپىگە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىش ۋە تەربىيەلەش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، لىيەنشياڭ گۇرۇھى بىرازىلىيەدە ئۆز زاۋۇتى بار ۋە دەسلەپكى لايىھەلەش ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەر ئارىلاشما ياساش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، شۇ جاينىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ياساش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جايغا زور مىقداردا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.

سان پاۋلو ئىشتاتىنىڭ ئىنداياتۇبا شەھىرى ۋە ئامازون ئىشتاتىنىڭ ماناۋس شەھىرىدە، لىيەنشياڭ گۇرۇھى قۇرغان ئىككى زاۋۇت جەمئىي 1600 دىن ئارتۇق ئىشچى ياللىدى. بۇنىڭ ئىچىدە 2016-يىلى قۇرۇلغان لىيەنشياڭ ئىنداياتۇبا زاۋۇتى ئاساسلىقى شەخسىي كومپيۇتېر ۋە مۇلازىمىتېر قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زاۋۇت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن بەش ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. زاۋۇت مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ناھايىتى جانلىق بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ زاكاز قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، تېز سۈرئەتتە ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىكەن.

جانلىق، ئۈنۈملۈك تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، لىيەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرازىلىيە شەخسىي كومپيۇتېر بازىرىدا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى تېز ئېشىپ، ھازىر ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى، لىيەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى شەخسىي كومپيۇتېر كەسپىنىڭ 40% كە يېقىن كىرىمىمۇ بىرازىلىيە بازىرىدىن كەلدى.

لىيەنشياڭنىڭ بىرازىلىيەدىكى باش تىجارەت ئەمەلدارى لىساندىرا بەيشۈي مۇنداق دېدى: لىيەنشياڭ تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جايدىكى يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىن تەمىنات زەنجىرىدىكى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ بىزنىڭ بىرازىلىيەدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق ئىستراتېگىيە.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال ياسىمىچىلىقىدىن باشقا، لىيەنشياڭ گۇرۇھى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە ئۇل ئەسلىھە ۋە ھەل قىلىش لايىھەسى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى بازىرىغا جۇڭگونىڭ پىشقان، ئىشەنچلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق لايىھەسىنى كىرگۈزۈپ، بۇ رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىرازىلىيەنىڭ «قايتا سانائەتلىشىش» قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

بۇنىياك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لىيەنشياڭ 5G قۇرۇلۇشى، سانائەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قاتارلىق بىرازىلىيەنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرازىلىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ، بولۇپمۇ ئارقىدا قالغان رايونلارنىڭ سانائەت ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

لىيەنشياڭ ئۇل ئەسلىھە لايىھەسى كەسپىي گۇرۇھى بىرازىلىيە تەرەپ دىرېكتورى كلاۋدىئو ستوپاتو مۇنداق دېدى: لىيەنشياڭ قاتتىق دېتالدىن يۇمشاق دېتالغىچە بولغان بىر يۈرۈش رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، بىرازىلىيەنىڭ كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە ئۈنۈملۈك ياردەم بەردى.

لىيەنشياڭ لايىھە مۇلازىمەت كەسپى گۇرۇھى لاتىن ئامېرىكىسى كەسپىنىڭ مەسئۇلى ۋالېرىئو ماتۋۇسنىڭ قارىشىچە، لىيەنشياڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان نۇرغۇن پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى مەبلەغ، تېخنىكا ۋە ھەل قىلىش لايىھەسى جەھەتتە قوللىغان، يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ شىركەتلەر پىشىپ يېتىلگەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، يەنە لىيەنشياڭنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالالايدىكەن.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لىيەنشياڭ بىرازىلىيە زاۋۇتىنى زىيارەت

بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو ئىشتاتىدىكى ياگۇئا لىئۇنادىكى لىيەنشياڭ موتورولا زاۋۇتىدا، ئىشچىلار ۋە ماشىنا ئادەملەر ئۆز يولى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون قۇراشتۇرماقتا