ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا چىقارغان بىر يەككە تاللاش سوئالىنى ياۋروپا كۆپ تاللاش سوئالى قىلسا بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-20 10:48

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولز ۋە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە گېرمانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشى ئۆتكۈزىدۇ، فىرانسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە يېڭى دۇنيا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېلىشىمى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ لى چياڭ زۇڭلى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم زىيارەت.

زۇڭلى لى چياڭ ياۋروپانى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارەت نىشانى قىلىپ، جۇڭگونىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم سىگنالنى يەتكۈزدى.

جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنى باشتىن-ئاخىر خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك كۈچ دەپ قاراپ، جۇڭگو -ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىزچىل جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى دەپ قاراپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ئىزچىل قويۇق بولدى، يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ۋىدېيو ياكى تېلېفون قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلىدى.

جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن، گېرمانىيە زۇڭلىسى شولز، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون قاتارلىق كۆپلىگەن ياۋروپا رەھبەرلىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن قانداق قىلىپ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم داۋالىشىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

نۆۋەتتە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى بەزى كاشىلا ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، بۇنىڭدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب ئامېرىكىنىڭ تەھدىت سېلىشى ۋە ئازدۇرۇشى ياۋروپانىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشىدا ئېغىش پەيدا قىلىپ، جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىدە داۋالغۇش كۆرۈلدى.

ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان «يەككە تاللاش سوئالى»غا قارىتا، ياۋروپا ئىككى مەنبەلىك تەپەككۇرغا چوڭقۇر پېتىپ قېلىپ، «خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش» ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپىگە ماسلىشىشنى ئۈمىد قىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش ئاسان ئەمەس. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 2003-يىلىلا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، ھازىر بىر-بىرىنى مۇھىم سودا ھەمراھى دەپ قارايدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سىياسىي، ئىقتىساد- سودا، ئادىمىيەت، پەن-تېخنىكا، ئېنېرگىيە، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 تىن ئارتۇق كېڭىشىش ۋە سۆزلىشىش مېخانىزمى ئورناتتى. ئىككى تەرەپ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قويۇق ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى.

ھازىر جۇڭگو بىلەن ياۋروپا يۇقۇمدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولۇش، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى قاتارلىق قاتمۇقات كىرىزىسلار ياۋروپا ئىقتىسادىنى ئېغىر يۈككە دۇچار قىلماقتا. بۇ يىل 1-پەسىلدە ياۋرو رايونىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن %0.1 تۆۋەنلىدى، ئۇدا ئىككى پەسىل تۆۋەنلەش كۆرۈلۈشى ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنىڭ «تېخنىكىلىق چېكىنىش» پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ياۋروپانىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئاقىلانە تاللاش.

گەرچە ئامېرىكا ياۋروپانى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىككىدىن بىرنى تاللاشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ مۇھىملىقى ياۋروپا خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئايان.

ياۋروپا ئاقىللار ئامبىرى ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى يېقىندا گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، پولشا، بۇلغارىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 11 دۆلەتتە 16 مىڭ كىشىنى سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈردى. كۆپ ساندىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلار: ياۋروپا جۇڭگو بىلەن ياخشى ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى، سىياسىي مەسىلىلەردە جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بىر تەرەپتە تۇرماسلىقى كېرەك، دەپ قارىغان. %43 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگونى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «زۆرۈر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى» دەپ قارىغان.

سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈشنى تەشكىللىگۈچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەكشۈرۈش نەتىجىسى كۆپ ساندىكى ياۋروپالىقلارنىڭ ياۋروپانىڭ ئاتالمىش «خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش» ئۈچۈن جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئازايتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

گېرمانىيە يېقىندا ئېلان قىلغان تۇنجى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىدىمۇ، جۇڭگو «يەنىلا بىر ھەمراھ، جۇڭگو بولمىسا، نۇرغۇن دۇنياۋى خىرىس ۋە كىرىزىسنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ»، دەپ قارالدى.

ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو ئەزەلدىن ياۋروپاغا نىسبەتەن ئاتالمىش «خەۋپ ـ خەتەر»، «خىرىس» ھەتتا «رەقىب» ئەمەس، بەلكى «پۇرسەت»، «ھەمكارلىق ھەمراھى». زۇڭلى لى چياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى دەل جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

دۇنيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ، ئىككى چوڭ بازار، ئىككى چوڭ مەدەنىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ بەخت-سائادىتىگە، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ياۋروپانى كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى مۇستەقىل بىر قۇتۇپ دەپ قاراپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ 3-تەرەپكە قارىتىلماسلىقى، بېقىنماسلىقى، 3-تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقىدا چىڭ تۇردى، بۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، تارىخىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىگىمۇ ئۇيغۇن.

ئامېرىكا قوزغىغان لاگېر قارشىلىشىشى ئالدىدا، ياۋروپا تولۇق تارىخىي ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولۇشى، دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، شۇنداقلا تولۇق تارىخىي ئىشەنچكە ئىگە بولۇشى، ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىققا ئىنتىلىشى كېرەك.

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىلىقلار چىقارغان بۇ يەككە تاللاش سوئالىنى ياۋروپا كۆپ تاللاش سوئالى قىلىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا چىقارغان بىر يەككە تاللاش سوئالىنى ياۋروپا كۆپ تاللاش سوئالى قىلسا بولىدۇ

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولز ۋە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە گېرمانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ