ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا-جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-09 09:18

جۇڭگولۇق ۋە ئامېرىكىلىق دوستلارنىڭ ئورتاق ھەمراھلىقىدا، ئامېرىكا ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكىرى خاررى مويېر يېقىندا بېيجىڭدا 103 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى ھەم تىلەك تىلەپ، «دۇنيانىڭ تىنچ بولۇشى، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە بىللە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. بۇ قېتىم، مويېر ئامېرىكا-جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە جۇڭگونى زىيارەت قىلدى، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ، چۇڭچىڭ، يۈننەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىغا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئەلئىچى دوستلۇق ھېكايىسىنى داۋاملىق يېزىپ چىقىشقا تۈرتكە بولدى.

مويېر مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمەن، بۇ، مېنىڭ مۇشۇ يېشىمدا جۇڭگوغا كېلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىم. بىزنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش سەپىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ھېكايىسىنى چۈشەندۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنىڭچە، ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھى ئامېرىكا-جۇڭگو خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق رىشتىسى، بۇ خىل مۇناسىۋەت ئۈزلۈكسىز قوغدىلىشى كېرەك. ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، ئامېرىكا-جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.

يېقىندا، مويېر بىلەن ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ يەنە بىر پېشقەدەم ئەسكىرى مىكماللۇن ۋە ئامېرىكا-جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گىرېن رەئىس شى جىنپىڭغا بىرلىكتە خەت يېزىپ، فوندى جەمئىيىتى ۋە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا دوستلۇق ئالاقىسىغا تۈرتكە بولۇشنى قوللاش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلارغا جاۋاب خەت يازدى. جاۋاب خەت تىلغا ئېلىنغاندا، مويېرنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ كەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىنتايىن ئالاھىدە خەت. رەئىس شى جىنپىڭ خېتىدە بىزگە ئېھتىرام بىلدۈردى، بۇ مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بىز يېڭى دەۋردىكى ئۇچار يولۋاس ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا ئامېرىكا-جۇڭگو دوستلۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز.

1944-يىلى ئۇچار يولۋاس ئەترىتىگە قاتناشقان چاغدىكى كەچۈرمىشلىرى مويېرنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا، باشقا ئۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولغاچقا، مەن ئۆيۈمگە قايتسام بولاتتى، لېكىن، مەن قوماندانغا گېنېرال چېنناۋلىتنىڭ قوماندانلىقىدا جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن جەڭ قىلىش ئويۇمنى ئېيتتىم، شۇنىڭ بىلەن مەن جۇڭگوغا كەلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن سىچۈەن قاتارلىق جايلاردا بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بەردىم. جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن قۇربانلارنى بەردى. مويېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنگە قارشى قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ يۇرت-ماكانىنى قوغدىدۇق، بۇ، مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم كەچۈرمىش.

مويېر بۇ قېتىمقى سەپىرىدە بېيجىڭدا سەددىچىن سېپىلىغا چىقتى ھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، سۈرەت ۋە ماددىي بۇيۇملار ئالدىدا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىش تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى. گەرچە زىيارەت مۇساپىسى قىسقا بولسىمۇ، مويېرنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. ئۇ 1995-يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، ئارىدىن 28 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلدى، ئۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقانلىقىدىن ھاياجانلاندى شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىن دوستلۇقىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ زېمىنغا قەدەم قويۇپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن سىرداشتۇق، تونۇش تۇيغۇلار ھەممە يەرنى قاپلىدى. ئۇچار يولۋاس ئەترىتىگە قاتناشقان 79 يىلدىن بۇيان، مەن باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىدىم ۋە قايىل بولدۇم.

مويېر مۇنداق دېدى: ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ روھىغا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. نۇرغۇن جۇڭگولۇق ياشلار ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ھېكايىسى ۋە ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىنىڭ مەزمۇنىنى بىلىدۇ، ئەمما، ئامېرىكىدا بۇنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، ئامېرىكا-جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى تەشەببۇس قىلغان «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى دوستلۇق مەكتىپى ۋە ياش-ئۆسمۈر رەھبەرلەر پىلانى»نى تونۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنى بۇنىڭغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ قىزىقتۇرۇش ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ياش ئەۋلادلىرىنى ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ھېكايىسىنى چۈشىنىپ، ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا-جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ

جۇڭگولۇق ۋە ئامېرىكىلىق دوستلارنىڭ ئورتاق ھەمراھلىقىدا، ئامېرىكا ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكىرى خاررى مويېر يېقىندا بېيجىڭدا 103 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى