ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:43

شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېنرى كېسىنگىر ۋاپات بولدى. دوكتور ھېنرى كېسىنگىر دۇنياغا داڭلىق ئىستراتېگىيەچى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس، ياخشى دوستى. يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، ئۇ ئاجايىپ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشقا تارىخىي تۆھپە قوشۇپ، ھەم ئىككى دۆلەتكە بەخت ياراتتى، ھەم دۇنيانى ئۆزگەرتتى. جۇڭگو خەلقى دوكتور كېسىنگىرنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ.

دوكتور كىسىنگېر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يول ئاچقۇچىسى ۋە بەرپا قىلغۇچىسى. 1972-يىلى، ئۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ «شاڭخەي ئاخباراتى»نى ئېلان قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتناشقان، بۇ جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى چوڭ ئىش بولۇپلا قالماستىن، خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىجادىيەت. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «شاڭخەي ئاخباراتى»دا بىر بىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە ماھىيەتلىك پەرق بارلىقى ئېنىق ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتمىدى. دوكتور كىسىنگېر بۇنىڭغا باھا بېرىپ: «بۇ ئاخبارات مەن بىلىدىغان دىپلوماتىيە ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى تۇنجى ئىجادىيەت، ئۇنىڭدا ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكى مەزمۇنى ساقلاپ قېلىندى، دەل شۇنداق بولغاچقا، كېلىشىمدىكى بىردەكلىك تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى» دېدى. «شاڭخەي ئاخباراتى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ يىل 7-ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، دوكتور كېسىنگىر: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، «شاڭخەي ئاخباراتى»دا بېكىتىلگەن پىرىنسىپقا رىئايە قىلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېگەن ئىدى.

كېسىنگىر دوكتور بولۇشتىن ئىلگىرى جۇڭگودا 100 نەچچە قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى قىلغان. رەئىس شى جىنپىڭ ھېنرى كېسىنگىرنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىنغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتكەندە: «كېسىنگىرنىڭ ئىسمى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىلەن مەڭگۈ باغلىنىشلىق بولىدۇ» دېدى. دوكتور كېسىنگىر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر تارىخىي نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان توغرا تونۇشىنى تۇرغۇزۇش، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، رېئال خىرىسنى تېخىمۇ ھەل قىلالمايدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى ئومۇميۈزلۈك: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىشىش، توقۇنۇشىدەك كونا تارىخنى تەكرارلىسا بولمايدۇ، ئىككى دۆلەت ھەمراھ بولۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشلا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن توغرا تاللاش، دەپ ھېسابلىدى.

دوكتور كىسىنگېر ئۆزىنىڭ «دۇنيا تەرتىپى» ناملىق ئەسىرىدە: «ھەر بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە باھا بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئەڭ زور ۋە ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرگە توغرا قارىغان-قارىمىغانلىقىغا قاراش كېرەك» دېگەن. ئۇ: «بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر بۇ تارىخىي دەۋردە ئەڭ مۇھىمى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر قانداق قىلىپ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارىسىدا قانداق قىلىپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق تالاش-تارتىشنى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلغاندا، دوكتور كېسىنگىر باشتىن-ئاخىر دۇنياۋى نەزەردە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ زىممىسىدىكى دۇنياۋى مەسئۇلىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۈچىيىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. سان-فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا باشلىقلىرى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، شۇنداقلا كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۈنئىي ئاقىل قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىرلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا مۇقىملىق، ئېنىقلىق، ئىجابىي كۈچ قوشتى، دەپ ھېسابلىدى.

دوكتور كىسىنگېرنى جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ ۋە ياد ئېتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دوكتور كېسىنگىرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى، سىياسىي جاسارىتى ۋە دىپلوماتىيە ئەقىل-پاراسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ سان-فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشى بويىچە، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلايلى

شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېنرى كېسىنگىر ۋاپات بولدى. دوكتور ھېنرى كېسىنگىر دۇنياغا داڭلىق ئىستراتېگىيەچى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس، ياخشى دوستى