ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا ئىتتىپاقى زەھەر جىنايىتىگە كۈچەپ زەربە بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 08:25

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يېقىندا ئەزا دۆلەتلەر تاموژنىلىرىنى پورتقا دائىر قانۇن ئىجرا ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە سەپەرۋەر قىلىش، پورتلارنىڭ زەھەر توشۇش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ھەل قىلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زەھەر جىنايىتىگە  بىرلىكتە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان «ياۋروپا پورت ئىتتىپاقى» ئاپپاراتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2011-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى پېچەتلىگەن زەھەر مىقدارى داۋاملىق كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كوكائىن %416، خېروئىن %126 ئاشقان. 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى پېچەتلىگەن خېروئىننىڭ مىقدارى 9.5 توننىغا يەتكەن. كوكائىننى قولغا چۈشۈرۈش مىقدارىدىمۇ يېڭى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئۇدا نەچچە يىل 300 توننىدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن جىنايەتچىلەر پورت ئارقىلىق زەھەر قاتارلىق قانۇنسىز ماللار قاچىلانغان يۈك ساندۇقلىرىنى توشۇغان. بۇلتۇر يازدا، گوللاندىيە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق زەھەر شاڭجياۋ قاچىلانغان يۈك ساندۇقىغا سېلىنغان بولۇپ، تاموژنا خادىملىرى ئومۇمىي قىممىتى 600 مىليون ياۋروغا يېتىدىغان 8.064 توننا كوكائىننى بايقىغان. 2023-يىلى، بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپ-برۇژ پورتىلا 121 توننا كوكائىننى قولغا چۈشۈرگەن، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10 كۆپ.

  زەھەر ئەتكەسچىلىكى كۈنسېرى ئەۋج ئالغاندىن باشقا، يەرلىكتە قانۇنسىز كوكائىن ياسايدىغان كۆلەممۇ كېڭىيىۋاتىدۇ. 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنسىز كوكائىن ياسايدىغان 34 تەجرىبىخانىنى بىتچىت قىلدى، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 11 ى كۆپ. ب د ت نىڭ ئالاقىدار دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپادىكى بىر قىسىم رايونلار يەنىلا قىسمەن بىرىكمە زەھەر ياساش مەركىزى بولۇپ، زەھەر ياساش ھەرىكىتى بىر قەدەر ئەۋج ئالغان.

  ياۋروپا زەھەر ۋە زەھەر خۇمارىنى كۆزىتىش مەركىزى بۇلتۇر 6-ئايدا ئېلان قىلغان «ياۋروپا زەھەر دوكلاتى:يۈزلىنىش ۋە تەرەققىيات» ناملىق ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نەشە نۆۋەتتە ياۋروپادا ئەڭ ئومۇملاشقان زەھەر ئىكەن. 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت ئىچىدە، 15 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان 22 مىليون 600 مىڭ كىشى نەشە چەككەن، بۇ  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شۇ ياش باسقۇچىدىكى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %7.9 ئىنى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەخمىنەن 3 مىليون 700 مىڭ كىشى ئىلگىرى كوكائىن چەككەن بولۇپ، بۇ ياش باسقۇچىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %1.3 نى ئىگىلەيدۇ. زەھەرنىڭ يامراپ كېتىشى جىنايەت دېلولىرىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ يىل 2-ئايدا بريۇسسېلنىڭ مەلۇم كوچىسىدا ئۈچ كۈن ئىچىدە تۆت قېتىم ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ئادەم قازا قىلدى، بىر نەچچە ئادەم يارىلاندى، بۇ بىر نەچچە قېتىملىق ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى ئىككى زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسىنىڭ توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى زەھەر جىنايىتىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. 2020-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەلگۈسى بەش يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىنى ئومۇمىي رامكا ۋە ئالدىن يولغا قويۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى. 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە زەھەرگە زەربە بېرىش ھەرىكەت پىلانى»نى تۈزۈپ، زەھەر چەكلەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوللىنىشقا تېگىشلىك 85 تۈرلۈك كونكرېت ھەرىكەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلتۇر 6-ئايدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى زەھەر چەكلەش ئىدارىسى قۇرۇشنى تەستىقلاپ، ئۇنى ئىلگىرىكى ياۋروپا زەھەر ۋە زەھەر خۇمارىنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، زەھەر جىنايىتىگە زەربە بېرىشنى ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى. بۇلتۇر 10-ئايدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش پىلانىنى ماقۇللىدى، بۇ قېتىم قۇرۇلغان پورت ئىتتىپاقى دەل كېيىنكى ھەرىكەت ۋە ئالدىنقى ئىشلارنىڭ بىرى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە زەھەر جىنايىتىگە زەربە بېرىش ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېقىندا لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى بىلەن زەھەر جىنايىتىگە زەربە بېرىش ساھەسىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ دۇنياۋى خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپا ئىتتىپاقى زەھەر جىنايىتىگە كۈچەپ زەربە بەردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يېقىندا ئەزا دۆلەتلەر تاموژنىلىرىنى پورتقا دائىر قانۇن ئىجرا ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە سەپەرۋەر قىلىش، پورتلارنىڭ زەھەر توشۇش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ھەل قىلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زەھەر جىنايىتىگە بىرلىكتە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان «ياۋروپا پورت ئىتتىپاقى» ئاپپاراتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.