ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش سىگنالى چىقاردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-17 08:44

  ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى پۇل سىياسىتى يىغىنى ئېچىپ، ئۈچ چوڭ ئاچقۇچلۇق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۇل سىياسىتىنى بوشىتىش سىگنالى چىقاردى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈمنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى 6-ئايدا تۆۋەنلىتىشىدىن بۇرۇن تۆۋەنلىتىشى، لېكىن كەلگۈسىدە ياۋرو رايونىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بوشلۇقى چەكلىك بولۇشى مۇمكىن.

  ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئاساسلىق قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۆسۈم نىسبىتى، مارگىنال قەرز ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئامانەت پۇل مېخانىزمى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئايرىم-ئايرىم %4.50، %4.75 ۋە %4.00 لىك ھالەتنى ساقلىشى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بۇلتۇر 10-ئايدىن بۇيان ئۇدا 5-قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدە ۋەدە بەرمەيدۇ، داۋاملىق سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلىدۇ ھەمدە پۇل سىياسىتى يىغىنى ئارقىلىق ئۆسۈم نىسبىتىنى تەدرىجىي بېكىتىدۇ. ئەگەر پۇل پاخاللىقى ئەھۋالى، ئىستىقبالى ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى قاتارلىق ئامىللار ئوتتۇرا مەزگىللىك پۇل پاخاللىقى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرسا، بۇ نۆۋەتتىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقىرىقى پوزىتسىيە ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېلەر قېتىملىق پۇل سىياسىتى يىغىنىدا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. گېرمانىيە سودا بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى يورگ كىرامېر مۇنداق دېدى: ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئويلىمىغان يەردىن ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش سىگنالىنى چىقاردى، زور ئۆزگىرىش بولمىسا، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى 6-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

  بىراق، پۇل پاخاللىقى ئەندىشىسى يەنىلا مەۋجۇت بولغاچقا، تەھلىلچىلەر ياۋرو رايونىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش بوشلۇقى چەكلىك دەپ قارىدى. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇلازىمەتچىلىكنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يەنىلا %4 كە يېتىدۇ، بۇ مال باھاسى بېسىمىنىڭ بىر قەدەر چوڭ بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى. ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى لاگاردى: ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى «زور تەسىرگە ئىگە» دېدى. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى يېقىنقى مەزگىلدىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ.

  گوللاندىيە خەلقئارا گۇرۇھى ماكرو تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى كاستېن برىسكى مۇنداق دېدى: بۇ ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ھۆكۈمەت ئېلانىدا پۇل سىياسىتىنى بوشىتىشنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىشى بولۇپ، 6-ئايدا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشكە يول ئېچىپ بەردى. ئەمما ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسىنىڭ يەنە ئۆرلىشى پۇل پاخاللىقىنىڭ باش كۆتۈرۈش خەتىرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشقاندا، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش بوشلۇقى چەكلىك.

  بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتىدىن بۇرۇن ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتسە، ياۋرو قىممىتىنىڭ چۈشۈشى ئېلىپ كەلگەن پۇل پاخاللىقى بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ، چۈنكى ياۋرو قىممىتىنىڭ چۈشۈشى ياۋروپانىڭ ئىمپورت تاۋارلىرى بولۇپمۇ ئېنېرگىيە باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلدى.

  ياۋرو رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يېقىندا %2 لىك نىشانغا يېقىنلاشتى. 3-ئايدا ياۋرو رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %2.4 بولغان، ئېنېرگىيە، يېمەكلىك ۋە ھاراق-تاماكا باھاسىنى چىقىرىۋەتكەندە يادرولۇق پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %2.9 كە تۆۋەنلىگەن.
ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل ياۋرو رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ھازىرقى سەۋىيە ئەتراپىدا داۋالغۇپ، 2025-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا %2 كە تۆۋەنلەيدىكەن.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
      سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش سىگنالى چىقاردى

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى پۇل سىياسىتى يىغىنى ئېچىپ، ئۈچ چوڭ ئاچقۇچلۇق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۇل سىياسىتىنى بوشىتىش سىگنالى چىقاردى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈمنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى 6-ئايدا تۆۋەنلىتىشىدىن بۇرۇن تۆۋەنلىتىشى، لېكىن كەلگۈسىدە ياۋرو رايونىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بوشلۇقى چەكلىك بولۇشى مۇمكىن.