ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىپ، تىغ ئۇچىنى ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-17 09:11

  قەدىرلىك دوستلار، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى. ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا «قوغدىنىش قىسمى بىلەن ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوماندانلىق قۇرۇلمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش» توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. باياناتتا يەنە جۇڭگوغا ئالاقىدار قارالمىلار ھەدەپ تىلغا ئېلىنىپ، «جۇڭگونىڭ دۇڭخەي دېڭىزى ۋە نەنخەي دېڭىزىدا ھازىرقى ھالەتنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشنى سىناپ بېقىشىنى تەنقىد قىلىمىز» دەپ جار سېلىندى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئىمزالىغان «ئامېرىكا-ياپونىيە خەۋپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى»نىڭ دەرىجىسىنى «ئەڭ چوڭ كۆلەمدە» ئۆستۈردى ھەم بۇ ئىش «جۇڭگودىن كەلگەن كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەھدىت» سەۋەبىدىن بولدى دەپ بىلجىرلىدى، جۇڭگوغا قارا چاپلاش نىقابىنىڭ كەينىدە، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ رايون ئىستراتېگىيەسىدىكى بىر يۈرۈش چوڭقۇر قاتلاملىق غەرىزى بار.

  ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك رامكىسىنى ھەربىيلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئۈستۈنلۈكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئامېرىكىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، رايون بۆلۈنۈشى، لاگېر قارشىلىشىشى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ھەربىي خەۋپسىزلىك جەھەتتە ئامېرىكىغا تايىنىدىغان ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا زومىگەرلىك تەپەككۇرى ۋە يەر شارى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك چەكلەش ۋە جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىشنى قانات يايدۇردى، ياپونىيە دەل ئۇنىڭ رايون ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى ھالقىلىق «شاھمات ئۇرۇقى». ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە جۇڭگونىڭ «تەھدىتى» كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت پارتلاش ئېھتىمالى بولغان تەيۋەن بوغۇزى، نەنخەي دېڭىزى توقۇنۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ راۋان ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك دەپ قارىدى.

 ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنى قايتا تەشكىللەش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش پىلانى ۋە مانېۋىر ئىشلىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىق پىلانلارنى جاكارلاپ، ياپونىيەنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن باراۋەر تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەردى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: قوغدىنىش قىسمى بىرلەشمە قوماندانلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشالايدۇ. ياپونىيە ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ، ئورتاق تەدبىر بەلگىلەپ، ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ئىجرا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقىمۇ شۇ ئارقىلىق ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تەڭ ھازىرلىغان ئىتتىپاققا ئايلىنىدۇ.

  ياپونىيە «ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە-ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى قوغدىنىش قىسمى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «ئىتتىپاقداشلارنىڭ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى»نى كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان. ياپونىيە «بىر تۇتاش ئۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى»نى يۇقىرىقى مېخانىزمغا كىرگۈزۈپ، تەشكىللەش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىقتىدارىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

  ئەمەلىيەتتە، ياپونىيە 2022-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزگەن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۈچ ھۆججىتى ياپونىيەنىڭ قەدەممۇ-قەدەم «قوغدىنىش»تىن «ھۇجۇم»غا ئۆتۈشىگە ئاساس سېلىپ بەردى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، ياپونىيە قورال ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويىدىغان «مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى يۆتكەشنىڭ ئۈچ پىرىنسىپى»نى قوللىنىش كۆرسەتمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ياپونىيە ئەنگلىيە، ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئۈچىنچى دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى. يېقىندىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ كۆپەيدى: يەنى جۇڭگوغا ئارقا-ئارقىدىن قارا چاپلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئامېرىكىغا ئەگىشىپ نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىگە قول تىقىپ، ئامېرىكىدىن «جەڭ پالتىسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىپ، ئامېرىكا-ياپونىيە-ئاۋسترالىيە-فىلىپپىن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا پائال قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ «ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى نۇسخىسىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى»نى بەرپا قىلىشىغا ماسلىشىپ، ھەربىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دائىرىسى ۋە ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

  بەزى تەھلىللەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 1960-يىلى، 1978-يىلى، 1997-يىلى ۋە 2015-يىلىدىكى ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى «تەڭشىشى»نىڭ مۇھىم نۇقتىسى-ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيە ۋە «يىراق شەرق رايونى»دىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات ياردىمى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بولدى. بۇ قېتىم ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا تىلغا ئېلىنغان «ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش» بولسا ئادەتتىن تاشقىرى خەتەرلىك، چۈنكى، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە ئارىلاشتۇرۇۋېتىشى ئەمەلىيەتتە ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىغا  تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى بېرىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ، ياپونىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىدىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كەچكەنلىك. ياپونىيە ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولدى، بۇنىڭدىن مەقسەت-ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق خاراكتېرىنى ئۇ كۆككە كۆتۈرگەن «ئىچىگە يۈزلەنگەن» مۇداپىئە خاراكتېرىدىن رايون قوراللىق توقۇنۇشىغا ئارىلىشالايدىغان «سىرتقا يۈزلەنگەن» ھالەتكە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. ئامېرىكا بولسا ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىق جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى ھەربىي ئارىلىشىش ھەرىكىتىنى قوللاش، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايون ئىچىدىكى تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارغا ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى قورشاش، بېسىم ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى «ئۆزلەشتۈرۈپ» بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە «ئاتاكىغا ئۆتۈش» رولىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىدى.

  ياپونىيە جۇڭگو «ھەربىي تەھدىت سەپسەتىسى»نى جېنىنىڭ بارىچە بىلەن كۆپتۈردى ھەم ئامېرىكىنىڭ سۈكۈت قىلىشى ئاستىدا، ئۇرۇشتىن كېيىنكى «ھەربىي چەكلىمىنى بوشىتىش» ئۈستىدە ئىزدەندى. ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى «جۇڭگوغا قارشى» كۈچلەر «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ئۇنسۇرلىرى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالاشتى، ئاتالمىش «تەيۋەنگە بىر ئىش بولسا، ياپونىيەگىمۇ بىر ئىش بولىدۇ» دېگەن سەپسەتە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان سۆزگە ئايلاندى، ئۇلار تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ، كەلسە-كەلمەس قول شىلتىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايلاردىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە غەربىي جەنۇبتىكى ئاراللارنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تېزدىن ئۆستۈرۈۋاتقان بولۇپ، تەيۋەن بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 110 كىلومېتىر كېلىدىغان ناگو ئارىلى ياپونىيەنىڭ «بىرىنچى سېپى»گە ئايلانغان. ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە بەش ئايرودۇرۇم ۋە 11 پورتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى ھەم بۇ ئايرودۇرۇم ۋە پورتلارنى «جىددىي ئەھۋال» يۈز بەرگەندە ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى ۋە دېڭىز ئۈستى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش نازارىتىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشنى بەلگىلىدى. ياپونىيە يېقىندا يەنە غەربىي جەنۇب رايونىدا قۇرۇقلۇق قوغدىنىش قىسمىنىڭ «سۇ-قۇرۇقلۇق ھەرىكەتچان تۈەنى»نى كېڭەيتتى.

  ئامېرىكا بولسا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائەت بازىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتتى. ئامېرىكا كەلگۈسىدە تەيۋەن بوغۇزىدا توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى نەچچە ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئامېرىكا زېمىنىغا قايتماستىن، بەلكى ياپونىيەدە پاراخوتلارنى تېز سۈرئەتتە رېمونت قىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى يەنە ئوق-دورا، ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا راند شىركىتىنىڭ نوپۇزلۇق سىياسىي ئالىمى جېخونون تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش ھەم ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشنى ياپونىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى زور. ياپونىيەدە زاپاس ئەشيا ۋە زاپچاسلار بار، ناۋادا توقۇنۇش پارتلاپ قالسا، بىزنىڭ يەنە ئامېرىكىدىن بۇ نەرسىلەرنى ياپونىيەگە توشۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن غايەت زور پايدا.

  ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى كۈچىيىۋاتقان ئەھۋالدا، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىدا چوڭقۇر يۇغۇرۇلىدىغان، بىر-بىرىگە تىرەك بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىغا ئېسىلىۋالغان كىچىك گۇرۇھ بولۇپ، رايون خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە نۇرغۇن يېڭى ئېنىقسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ. خۇددى جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئېيتقاندەك، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، لاگېر قارشىلىشىشى ھەققىدە داۋراڭ سېلىپ،  توقۇنۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالماقتا. ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ مەھسۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلماسلىقى، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. ھەربىي خەۋپسىزلىك ساھەسىدە «كىچىك چەمبىرەك» قۇرۇش بىلەن ھەپىلىشىش پۈتۈنلەي دەۋر ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىق بولۇپ، ئاخىرىدا ئوتنى ئۆزىگە تۇتاشتۇرۇۋالىدۇ.

  تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سىلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت


 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىپ، تىغ ئۇچىنى ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتتى

ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىپ، تىغ ئۇچىنى ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتتى