ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىش سىياسىتى» ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۋېتەمدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-17 09:22

  ئىران ئىسلام قوغدىنىش قىسمى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەندە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا نەچچە ئون باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق، بۇ تەدبىر ئىسرائىلىيەنىڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىراننىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ كۇنسۇل تارمىقى قاتارلىقلارغا قىلغان ھۇجۇمىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس، دېدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى: 300 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىسرائىلىيەگە قويۇپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە %99 تىن كۆپرەكى توسۇۋېلىندى، دېدى.

  تەھلىلچىلەر  مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسرائىلىيەنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ھەرىكىتى كەلگۈسى ۋەزىيەتكە قارىتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران «ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قىلىش سىياسىتى» ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

  ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئىسرائىلىيە ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن جىنايى قىلمىشلارغا، جۈملىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىراننىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى كۇنسۇل تارمىقى بىناسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا قارىتىلغان. ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئىسرائىلىيەگە قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى نىشانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەگكەن.

  ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى تاراتقۇلارغا: بۇ ئىراننىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئىسرائىلىيەگە تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلىشى دېدى. نىڭشيا داشۆسى جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى نيۇ شىنچۈن مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ ئۆز دۆلىتى چېگراسى ئىچىدىن ئىسرائىلىيە زېمىنىغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىشى ئىلگىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىرىكىشىشتە تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىگە بولغان كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

  ئىراننىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىنىيى بىلەن زۇڭتۇڭى رەئىسى ئۆچ ئالىمىز، دەپ قەسەم قىلدى. لېكىن ئۆچ ئېلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، گەرچە ھۇجۇم قىلىش كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيەگە كەلتۈرگەن زىيىنى ئانچە ئېغىر ئەمەس. بۇنىڭغا قارىتا تەھلىلچىلەر: بۇ ئىراننىڭ ھەم كۈچ كۆرسىتىش ھەم ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئويلىنىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  كۈچ كۆرسىتىش جەھەتتە، ئىران ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى-ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىشى، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئالى قوماندانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى، ئىراننىڭ مەملىكەت ئىچى بۇنىڭدىن ناھايىتى غەزەپلەندى. شاڭخەي چەت ئەل تىللىرى داشۆسى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جۇڭمىن: ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمى دۆلەت ئىچىدىكى خەلققە زور دەرىجىدە تەسەللى بېرىدۇ ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ، دېدى.

  ئىران ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى «قارشىلىق كۆرسىتىش ئوق مەركىزى»نىڭ يادروسى دەپ قارىلىپ كەلگەن. نيۇ شىنچۈن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراننىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئىسرائىلىيەگە زەربە بېرىشنى تاللىشى ھەم يىراق ئارىلىقتىن ھۇجۇم قىلالايدىغان ھەربىي كۈچىنى نامايەن قىلىش ھەم ئىسرائىلىيەنى چۆچۈتۈپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ ھەددىن ئېشىش نېيىتىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش جەھەتتە، ئىران بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆچ ئېلىشقا قەسەم بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىش «ئەلچىخانىنى پارتلىتىش» ۋەقەسىدىن ئىككى ھەپتە كېيىن بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن تاراتقۇلار ئىراننىڭ 24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، ئىسرائىلىيەمۇ مەكتەپلەردىن دەرس توختىتىشنى تەلەپ قىلىش، ئادەملەرنىڭ توپلىنىشىنى چەكلەش قاتارلىق قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. ۋەقەدىن كېيىن ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ ناھايىتى تېزلا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق، ئىراننىڭ «قانۇنلۇق» قايتۇرما زەربىسىنى ھازىر ئاخىرلاشتى دەپ قاراشقا بولىدۇ، دېدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ياردەمچى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مايكول مارروي مۇنداق دېدى: ئىران ئالدىن سىرتقا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئاشكارىلاپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىگە قەستەن يول قويغاندەك قىلىدۇ. ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى ۋاشىنگتون يېقىن شەرق سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايكىل سىنگى :بۇ بىر قېتىملىق «ھەرىكىتى ئاستا، سىرتقا ئاشكارىلانغان» ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇپ، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاسىتە قارشىلىشىشنى خالىماسلىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، دەپ باھا بەردى.

  ئىراننىڭ بۇ قېتىمقى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى مەزگىلىدە، يەنە كۆپ تەرەپتىكى كۈچلەرمۇ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قوزغىدى، بۇ يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى، لىۋان  جېنجۇداڭ، ئىراقتىكى شىئە مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توسۇشىغا ياردەم بەردى ھەمدە ئىسرائىلىيەنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا يېرىم يىل بولدى، ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ھازىر يەنە كۆپ تەرەپنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشىۋاتىدۇ، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بۇ قېتىمقى ۋەقە توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئەڭ زور چەكتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تارىختا بەش قېتىم ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ رايوندىكى خەلققە ئېغىر بالايىئاپەت كەلتۈرگەن. نيۇ شىنچۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئەتراپتىكى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ باقمىدى. گەرچە ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا، ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەر نۆۋەتتىكى توقۇنۇشنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىسىمۇ، لېكىن ھەر قايسى تەرەپلەر «ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىش سىياسىتى»نى قوللىنىۋاتىدۇ، يەنى قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى خالىماسلىق پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇش تەھدىتى سېلىش ياكى غەيرىي رەسمىي ئۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۆز مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى خەتەرلىك، ناۋادا خاتا ھۆكۈم چىقىرىلسا ۋەزىيەت كونتروللۇقىنى يوقىتىشى مۇمكىن.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىش سىياسىتى» ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۋېتەمدۇ؟

«ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىش سىياسىتى» ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۋېتەمدۇ؟