ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئاۋكۇس» ياپونىيەنى ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېلىپ، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 08:11
  «بۇ رايون خەۋپسىزلىكىگە قىلىنغان ئېغىر تەھدىت»، يېقىندا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيەنىڭ ياپونىيەنى «ئاۋكۇس» يەنى ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئىتتىپاقىغا قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىشى خەلقئارادا ئاممىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ مەزكۇر تەشكىلات 2021-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈچ دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىم ھەمراھ دۆلەتنى ئېلان قىلىشى. ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئاۋكۇس»نىڭ مۇھىملىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇرغۇن ياپونىيە ئاممىسى تەنقىد قىلىپ: «ئاۋكۇس» ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئەنسىرىشىگە پىسەنت قىلماي ئەزا كۆپەيتىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ لاگېر قارشىلىشىش ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
  ئاتالمىش «ئاۋكۇس» «ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ئۈچ تەرەپلىك  خەۋپسىزلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئاساسلىقى ئىككى چوڭ تۈۋرۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى تۈۋرۈك ئاۋسترالىيەگە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئۈچ دۆلەت بىرلىشىپ كېيىنكى ئەۋلاد يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى تەتقىق قىلىپ ياساش. بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىق يېپىق خاراكتېرلىك بولۇپ، «ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە بىلەنلا چەكلىنىدۇ»؛ ئىككىنچى تۈۋرۈك، ئىلغار ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، گۈللەنمە تېخنىكىلارنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇ جەھەتتە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە باشقا ئاتالمىش«مەسلەكداش دۆلەتلەر»نى قاتنىشىشقا پائال مۇراجىئەت قىلدى.
  ئۇنداقتا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ ياپونىيەنى تاللايدۇ؟ تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇنىڭدا ئىككى سەۋەب بار. تېخنىكا قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ساھەسىدە يېتەرسىزلىكلىرى بار، ياپونىيە ئاۋازدىن تېز سۈرئەتلىك قورال، كىۋانت تېخنىكىسى، ئېلېكتىرون ئۇرۇشى ۋە سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق ساھەلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە، مۇداپىئە ئىشلىرى تېخنىكىسىدا تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ. ياپونىيە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن نازۇك ھەربىي تېخنىكىلاردىن ھەمبەھرىلىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
  ئىستراتېگىيە قاتلىمىدىن قارىغاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ ئويلىغانلىرى بار. ئامېرىكا «ئاۋكۇس» نى ئاتالمىش «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى» نى يولغا قويۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق قىسمى دەپ قاراپ، تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆزىگە تارتماقچى، بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە ھەم تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنى ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ ئۆتۈۋاتقان ياپونىيەنى ئۆزىگە تارتىپ، جۇڭگونى چەكلەش مەقسىتىگە يەتمەكچى. ئەنگلىيە «دۇنياۋى ئەنگلىيە» ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ياپونىيە بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتۇرىۋاتىدۇ، ياپونىيەدىن پايدىلىنىپ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا تېخىمۇ چوڭقۇر ئارىلىشىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
  ئاۋسترالىيەگە نەزەر سالساق، ئۇ ئىلگىرى يېڭى ئەزالارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۆزىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنى تەتقىق قىلىش پىلانىنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئانچە ئاكتىپ بولمىغان. لېكىن بىرىنچى تۈۋرۈك ھەمكارلىقنىڭ ئىلگىرىلىشى ئېغىر دەرىجىدە ئاستا بولغاچقا، ئاۋسترالىيە ئىككىنچى تۈۋرۈك ھەمكارلىقىغا ئۈمىد باغلاپ، ياپونىيەنى تارتىپ كىرىشنى قوللاشقا مەجبۇر بولدى. ياپونىيەگە كەلسەك، «ئاۋكۇس» نى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي ئىشلار كۈنتەرتىپىنى قانات يايدۇرۇش ۋە جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئېلىشنىڭ يېڭى قورالى قىلماقچى. بۇنىڭدىن ئىككى تەرەپنى ناھايىتى تېزلا پۈتۈشتى دېيىشكە بولىدۇ.
  ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاققا كىرىشى «ئاۋكۇس» ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرەلەمدۇ؟ ئاۋسترالىيە «سۆزلىشىش» تور بېكىتىنىڭ  9-ئاپرېل بېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياپونىيەنىڭ ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى بولۇشى تەس، چۈنكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا غۇم بار. بولۇپمۇ نازۇك تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىش جەھەتتە، ئامېرىكا شەخسىيەتچلىك قىلىدۇ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىدىن قىزغىنىدۇ، شۇنداقلا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ.
  دەرۋەقە، «ئاۋكۇس» ئامېرىكىنى يادرو قىلغان بولۇپ، باشقا ئەزالار ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بېقىندىلىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىسىدا يەنە ئىختىلاپ بار. مەسىلەن، ئاۋسترالىيە ئەسلىدە 2026-يىلى ھازىرقى ئالتە «كوللىنىس» دەرىجىلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنى چېكىندۈرۈشنى پىلانلىغان. ئەمما «ئاۋكۇس» قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە 2040-يىلىدىن بۇرۇن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىن يېڭى سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، سۇ ئاستى پاراخوتى « يوق بولۇش مەزگىلى» گە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بايقىدى. تېخىمۇ ئاۋارىچىلىك بولغىنى شۇكى، ئاۋسترالىيە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىدە، ئامېرىكا ئىزچىل نازۇك تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش ۋە ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىغا چېتىلىدىغان بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا قانۇن چىقارمىدى، بۇ كېيىنكى ھەمكارلىققا نۇرغۇن يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلدى.
  بۇنىڭدىن باشقا، «ئاۋكۇس» نىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە سۇ ئاستى پاراخوتىنى تاللاپ سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە زىددىيەت كېلىپ چىقتى. ئاۋسترالىيە ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ «زېرەك» دەرىجىلىك سۇ ئاستى پاراخوتىدا بىر قاتار مەسىلىلەر مەۋجۇت، ئامېرىكىنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىلا سېتىۋالىمىز، دەپ جار سالغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ كۆپ پۇل تېپىشىغا سېلىشتۇرغاندا، ئاۋسترالىيە يۇقىرى تەننەرخ بەدىلى تۆلىدى. ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسۈتۈلىشىچە، %60 كە يېقىن ئاۋسترالىيە ئاممىسى باج قوشۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق «ئاۋكۇس» قا بەدەل تۆلەشكە قارشى تۇرغان. بەزى تەھلىللەردە، «ئاۋكۇس» قا قاتنىشىش ئاۋسترالىيەنىڭ «ئاسىياغا يۇغۇرۇلۇش» ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش مۇساپىسىنى ئۈزۈپ قويىدۇ، دەپ قارالدى.
  ياپونىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، «ئاۋكۇس» قا ئوخشاش ھەربىي تۈسى قويۇق تەشكىلاتقا كىرسە، جەزمەن ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىستراتېگىيەسىدىكى «چاپارمەن» گە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئامېرىكا بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيە ئالاقىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرماقچى بولسا، كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ياپونىيە ئۆزىنى ياۋروپا، ئامېرىكا بىلەن ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە دەپ ماختىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە بىردەك «ئانگلو-ساكسون» دۆلەتلىرى، شەرق دۆلىتى بولغان ياپونىيە باشتىن-ئاخىر «يات» بولۇپ ھېسابلىدۇ. بۇ ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىدە جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئىتتىرىلىشىدىن ۋە خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  سىرىلانكا زۇڭتۇڭى ۋىكراماسىنخا «ئاۋكۇس»نى تەنقىدلەپ بۇ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق ئاسىيانى قارىمۇ قارشى لاگېرغا بۆلۈۋېتىدۇ، دېدى. ھىندونېزىيە ۋە مالايشىيا رەھبەرلىرىمۇ بۇ تەشكىلاتنى رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئاشكارا ئەيىبلىدى. ئەگەر ياپونىيە ئەزا بولۇپ كىرسە، قاپلاش دائىرىسى شەرقىي شىمالىي ئاسىياغىچە كېڭىيىپ، مەزكۇر رايونغا تېخىمۇ كۆپ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىغا تولغان بۇ ھەربىي ئىتتىپاق رايون خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە خىلاپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئەسلىدىلا زۆرۈرىيىتى يوق.
  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئاۋكۇس» ياپونىيەنى ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېلىپ، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزدى

«ئاۋكۇس» ياپونىيەنى ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېلىپ، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزدى