ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 10:43

  بۇ يىل 3-ئايدا، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ  سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى %50.8 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى %53.9 كە يەتتى. ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئېشىپ، بۇلتۇردىن بۇيانقى ياخشى ۋەزىيەت داۋاملاشتى. 1-پەسىلدە جۇڭگونىڭ مال سودىسىدا ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۇنجى قېتىم 10 تىرىليون يۈەن ئېشىپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ئالتە پەسىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى... يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگونىڭ توك تارقىتىش، يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت مىقدارى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىمۇ ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىش ۋە ياخشىلىنىش ئاكتىپ سىگنالىنى چىقاردى.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى داۋاملىق قايتا يۈكسىلىپ ۋە ياخشىلىنىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سىجىل ئاشتى، ئىجتىمائىي كۆزلىمە ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىردە مۇنداق دەپ قارالدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئۈزلۈكسىز قۇۋۋەت قوشتى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا كۈچ توپلىدى.

  كامبودژا ئاخبارات تورىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەنئەنىۋى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىدىن پەرقلىنىدۇ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. جۇڭگو يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقارماقتا، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى غايەت زور پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ «يوشۇرۇن كۈچ» ناملىق تورىدا ئېلان قىلىنغان ئوبزورچى ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ موتور بولغان جۇڭگو يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال يېتىلدۈردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ، شۇنداقلا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭىدىن تېخىمۇ زور پۇرسەت يارىتىدۇ.

  ۋېنگىرىيە «دېموكراتلار ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئىقتىسادتا غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى، ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ سىجىل گۈللىنىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولماقتا. بۇلتۇر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مىقدارى ئوتتۇرا ھال سەۋىيەدىكى بىر دۆلەتنىڭ بىر يىللىق ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىغا تەڭ بولدى، جۇڭگونىڭ بۇ يىل تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  بىرازىلىيە «مۇنبەر» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو تەرەققىيات سۈپىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجادىي تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. ماقالىدە مۇنداق دەپ قارالدى: جۇڭگو ئۇل ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەرىلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  يامايكا بۈگۈنىمىز ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو «ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش زور تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى دەۋردە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى تارىخىي خاراكتېرلىك ئاشتى، خەلقئارا تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىدارە قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىدى.

  رىۋاندا ۋاقىت تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، جۇڭگو كارخانىلىرى ئافرىقىدا نۇرغۇن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆز ئارا ئىشىنىش ۋە ھۆرمەتلەش ئاساسىدا مۇقىم راۋاجلاندى، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى گەۋدىلىك ئۈلگىگە، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.

  ۋېنېزۇئېلا «ئورىنوكو پوچتا گېزىتى»نىڭ مەزمۇن باش نازارەتچىسى فرېد ئالفونسو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىق مېخانىزمى كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان مۇھىم سۇپىغا كۈنسېرى ئايلانماقتا، بۇ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، ھەمكارلىق ھەمراھلارغا ئەمەلىي مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.

  يەمەن دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خالىد ئەلېيان يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەرەب ئەللىرى بىلەن جۇڭگو ئۇزاق تارىخىي مەنبەگە ئىگە، بۈگۈنكى كۈندە «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ  قۇرۇش تەشەببۇسى ئىككى تەرەپنى تېخىمۇ زىچ باغلىدى. بۇ تەشەببۇس ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت سۇپىسى بولۇپ، ئىنتىلدىغىنى  بىر تەرەپ يېتەكچىلىك قىلىش ئەمەس، بەلكى ئورتاق مەنپەئەتتۇر، بۇنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا  بولغان ئەھمىيىتى زور. 

  ياۋروپا «ھازىرقى زامان دىپلوماتىيەسى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى دۇنيادىكى 150 نەچچە دۆلەتنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، 30 نەچچە كەسپىي ساھەدىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇشچان تەرەققىي قىلىشقا بەرگەن ۋەدىسى نامايان قىلىندى، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشى ۋە بىرلىكتە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى