ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى دۇنيا ئۈچۈن بىر خۇش خەۋەر

مەنبەسى:     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-19 10:32

  گېرمانىيە زۇڭلىسى شۇلز 16-ئاپرېل جۇڭگودىكى ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، شۇلزنىڭ چۇڭچىڭ، شاڭخەي ۋە بېيجىڭدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرگە قىلغان سەپىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ يېشىل پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو-گېرمانىيە رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم خەلقئارا قارالمىلاردا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلاندى، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشتى، گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مېركىل ئۇدا نەچچە يىل ھەر يىلى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن. گېرمانىيە «فىرانكفورت گېزىتى»نىڭ «مېركىل دەۋرىدىكىدەك زىيارەت» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: «ھازىرقى گېرمانىيە زۇڭلىسى جۇڭگوغا قاراتقان سىياسەتتە ئالدىنقىلارنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى».

  زۇڭلى شۇلزنىڭ زىيارەت ئۆمىكى چوڭ بولۇپ، كابىنېت مىنىستىرلىرىدىن باشقا يەنە سىمېنس، مېرسىدىس-بېنىز، بەيېر، BMW قاتارلىق گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بار. شۇلز مۇنداق دېدى: مەن ۋە گېرمانىيە كارخانا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق، گېرمانىيە-جۇڭگو كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ زىچ، ياخشى ھەمكارلىقى بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  گېرمانىيە «سودا گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، گېرمانىيە سودا ساھەسىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۆمىكىگە قاتنىشىشىدا «رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن» بولغان. شۇلز جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە چوڭ تىپتىكى سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئېلىپ كەلدى، بۇ دەل جۇڭگو بازىرىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتكەنلىگىنى، شۇنداقلا گېرمانىيە ھەتتا ياۋروپا سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن مەنپەئەت رىشتىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  ئەمەلىي ھەمكارلىق جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە بىر-بىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى. گېرمانىيە ئۇدا 49 يىل جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولدى، جۇڭگو ئۇدا سەككىز يىل گېرمانىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە سودا ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرگەن، ئەركىن سودا ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى چوڭقۇر گىرەلەشكەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت بازىرى يۈكسەك دەرىجىدە بىر-بىرىگە تايىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى «خەۋپ خەتەر» ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتى، كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ پۇرسىتى. گېرمانىيە ئاقىللار ئامبىرى مېركاتور جۇڭگو تەتقىقاتخانىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ماكس سېنلېيىن: « گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشى رېكورت يارىتىش سەۋىيەسىدە تۇرماقتا، دېدى. گېرمانىيە فېدېراتسىيە بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى گېرمانىيەنىڭ جۇڭگوغا بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى  %4.3 ئېشىپ، 11 مىليارد 900 مىليون ياۋروغا يەتكەن.

  جۇڭگو-گېرمانىيە كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى. مەيلى ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەر بولسۇن ياكى يېشىل تىپنى ئۆزگەرتىش، رەقەملەشتۈرۈش، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەر بولسۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى تېزدىن قېزىشقا توغرا كېلىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە شۇلز بوشى ھىدروگېن ئېنېرگىيە سىستېمىسى (چۇڭچىڭ) چەكلىك شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەسىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئىگىلىدى؛ چۇڭچىڭ داشۆسى فوتو ئېلېكتىر شۆيۈەنى بىلەن گېرمانىيە كۇرت ـ شۋاب ئۆلچەش ۋە سېنزور پەن ـ تېخنىكا تەتقىقاتخانىسى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان سۇ بۇلغىمىلىرىنى كۆزىتىش ئۆزىكىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ يېشىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تېخنىكىغا كۈچ چىقىۋاتقان گېرمانىيە كارخانىسى كېسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى تەتقىقاتى ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تىرىلمە ئېنېرگىيەنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىشىش ئارزۇسى ۋە شارائىتى بار.

  شۇلز ئۈچ كۈندە ئۈچ شەھەرنى زىيارەت قىلدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق. جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپلىك كاتېگورىيەدىن ھالقىغان، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن، قورۇقچىلىق ئەۋج ئېلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، دۇنيادىكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدا بىرلىكتە ئىجابىي سىگنال تارقاتتى، بۇ دۇنيا ئۈچۈن ياخشى خەۋەر. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى دۇنيا ئۈچۈن بىر خۇش خەۋەر

گېرمانىيە زۇڭلىسى شۇلز 4-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگودىكى ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، شۇلزنىڭ چۇڭچىڭ، شاڭخەي ۋە بېيجىڭدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرگە قىلغان سەپىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ يېشىل پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.