ماسك AI ناھايىتى تېزلا ئادەمدىنمۇ ئەقىللىق بولىدۇ دېدى، بۇ ئىشەنچىلىكمۇ؟
ئامېرىكىدىكى داڭلىق كارخانىچى ئېلون ماسك يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرى ياكى 2026-يىلىغا بارغاندا، يېڭى سۈنئىي ئەقىل، يەنى AI مودېلى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدىن ھالقىپ، «ئەڭ ئەقىللىق ئادەملەردىنمۇ ئەقىللىق بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
ماسكنىڭ بۇ مۆلچەرى ئىشەنچىلىكمۇ؟ سۈنئىي ئەقىل تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلسا، ئىنسانلار پايدىدىن بەھرىمەن بولالامدۇ-يوق؟ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات داۋامىدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىكى خىيىم-خەتەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟
ماسكنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى نورۋېگىيە بانكا سېلىنمىسىنى باشقۇرۇش فوندىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى نىكولاي تانگېن بىلەن بولغان سۆھبىتى شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلىندى. ماسك سۆھبەتتە، پەرىزىمچە، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بىز ھەر قانداق بىر ئىنساندىنمۇ ئەقىللىق سۈنئىي ئەقىلگە ئىگە بولىمىز دېدى.
بۇنىڭ ئىستىقبالى مۇناسىۋەتلىك بوغما ھالەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى مىكرو ئۆزەك بىلەن تەمىنلەشنىڭ بوغما ھالەتكە كىرىشى سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچرىغان، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئىنۋىدىيا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مىكرو ئۆزەك تېخىمۇ شۇنداق بولغان، ئۇ سۈنئىي ئەقىل مودېلىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ماسك بۇ چەكلىمىلەر گەرچە ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى مودېل نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئېلېكتىر تورى ئىقتىدارىنى سىناۋاتىدۇ دېدى.
چىڭخۇا داشۆسى ئىستراتېگىيە ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى جۇ رۇڭشېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئادەم مېڭىسىنىڭ سەرپ قىلىدىغان قۇۋۋىتى سۈنئىي ئەقىل ھەرىكەت قىلغاندا سەرپ قىلىدىغان قۇۋۋەتتىن خېلىلا تۆۋەن، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەقىل سەۋىيەسىگە يېتىشىدە يەنىلا پەرق بار. لېكىن، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئادەم مېڭىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يېتەرسىز بولغان نۇرغۇن سۈنئىي ئەقىل ھېسابلاش ئۇسۇلى، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۈزلۈكسىز قوشقان ئەھۋالدا ئاخىرىدا ئىنسانلارنىڭ ئەقلىدىن ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال ئايرىم-ئايرىم ئۆزەك ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلىدۇر.
ئۆتكەن 18 ئايدىن بۇيان، ۋىدىيو ھاسىل قىلىش قورالى ۋە پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈنئىي ئەقىلدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى.
«پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ماسك بۇلتۇر ئىنسانلار 2029-يىلى ھەممىباب سۈنئىي ئەقىلنى «تولۇق» ئىشقا ئاشۇرالايدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن. ماسك ھەممىباب سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل ئۈمىدۋار پوزىتسىيە تۇتۇپ، بۇ خىل سۈنئىي ئەقىل قورالى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھەتتا ھەر قانداق ساھەدە ئەڭ ئىقتىدارلىق ئىنسانلارنى مەغلۇپ قىلالايدۇ، دەپ قارىدى. گوگىل قارىمىقىدىكى سۈنئىي ئەقىل شىركىتى «چوڭقۇر قاتلاملىق تەپەككۇر»نىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى دېمىس خاسابىس بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ھەممىباب سۈنئىي ئەقىل 2030-يىلى ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى.
جۇ رۇڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتى ئالدى بىلەن سىياسەت، بايلىق ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشقا موھتاج، نۇرغۇن ساھەلەردىكى سۈنئىي ئەقىلنى «يېتىلدۈرۈش»تە ئالاقىدار قوللاش كەمچىل؛ ئۇنىڭدىن قالسا، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن، ھازىر نۇرغۇن خەلقئارا ھەمكارلىق رايون سىياسىيسى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى، سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىدى؛ سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتى يەنە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: ChatGPTبەرگەن جاۋاب ئىنگلىزچە كونتېكىستقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا، بىرلا دۆلەتنىڭ كۈچى بىلەن سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يەر شارى سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ تەكشىسىزلىكىنى ئاشۇرۇۋېتىشى، يەنى سانلىق مەلۇمات ھاڭىنى كېڭەيتىۋېتىشى مۇمكىن. يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، مەبلەغ بىلەن بازارنى دەل جايىدا تۇتاشتۇرۇش ھەم خەلقئارا ھەمكارلىقنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ سابىق ئىجرائىيە مۇدىرى ئېرىك سولھېيم يېقىندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا سۈنئىي ئەقىلغا قارىتىلغان يەر شارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا موھتاج، بۇ جەھەتتە، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىپ، مۇۋاپىق بەلگىلىمە تۈزۈپ، يېڭى تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن نەپ ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
سۈنئىي ئەقىل ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىگە كەڭ يول ئېچىپ بەردى. گەرچە ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن، سۈنئىي ئەقىلنى ئىشلەتكەندە كېلىپ چىقىدىغان مەسىلە ۋە خېيىم-خەتەرمۇ ئاز ئەمەس.
ئەنگلىيە «تەبىئەت» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 2023-يىلى ئىلىم-پەن خىزمەتچىلىرىگە قارىتا قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %30 زىيارەت قىلىنغۇچى ماقالە يېزىشتا سۈنئىي ئەقىل قورالىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئامېرىكا «ئاۋام ئىلىم-پەن» ئايلىق ژۇرنىلى تور بېكىتىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار سۈنئىي ئەقىل قورالىغا تايىنىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كەسپىي ژۇرناللار سۈنئىي ئەقىل قورالى ھاسىل قىلغان «قالايمىقان گەپ»لەر بىلەن تولۇپ كەتتى، نۇرغۇن ماقالىلەردە سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىزناسى روشەن بولدى.
جۇ رۇڭشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: سۈنئىي ئەقىل پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يامراش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز، دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، بۇ تېخنىكا نەشىر ھوقۇقى قانۇنى، ئەسەر ھوقۇقى، مەخپىيەتلىك ھوقۇقى قاتارلىق قانۇن مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، شۇڭا يېڭى تېخنىكىنىڭ ئەخلاق چېگرىسى ۋە قانۇن قائىدىسىنى تەتبىقلاش ناھايىتى مۇھىم.
سۈنئىي ئەقىل دەۋرى-خىيىم-خەتەر ۋە پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان دەۋر، بۇ تېخنىكىنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتى ۋە تەقدىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئېنىقسىزلىقى ئېنىقلىقتىن چوڭ بولۇشى مۇمكىن. جۇ رۇڭشېڭ توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان بۇ دولقۇن ئالدىدا، بىز سۈنئىي ئەقىل قىزغىن دولقۇنىدا سوغۇققانلىق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك دېدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا