ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىشى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 11:05

بىر مەزگىلدىن بۇيان، زىبو كاۋاپلىرى، خاربىن قار ـ مۇز ساياھىتى، تيەنشۈي ئاچچىق-چۈچۈك شورپىسىدىن تارتىپ، جۇڭگو مەدەنىيەت ساياھەت بازىرى جانلاندى، ساياھەت يېڭى شەھەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئۈچ كۈندە مەملىكەت بويىچە ساياھەتكە چىققانلار 119 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.5 ئاشقان؛ دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش خىراجىتى 53 مىليارد 950 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %12.7 ئاشقان، دېيىلدى. گولدمان سىچېس گۇرۇھى بىلەن سىتى گۇرۇھى بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت چىقىمى تۇنجى قېتىم يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ جۇڭگونىڭ ئىستېمال ئىشەنچىسىنىڭ تېز ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، بۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئېشىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.

كورېيە «ئاسىيا ئىقتىسادى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇلتۇر چىڭمىڭ بايرىمىدىن بۇرۇن، شەندۇڭنىڭ زىبو شەھىرى بىر كېچىدىلا نام چىقارغان. يىل بېشىدىكى نۇز-چىراغ بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قولىغا ئالدى. ھازىر نۆۋەت گەنسۇنىڭ تيەنشۈيگە كەلدى، تيەنشۈينىڭ 3 مىليون نوپۇسى بار. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ خىلدىكى ساياھەت چولپان شەھەرلىرىنىڭ بارلىققا كېلىش ئەندىزىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ: ئالدى بىلەن تاراتقۇلار مەلۇم بىر شەھەرنىڭ تېز سۈرەتتە ساياھەت  قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىپ، توردا كىشىلەرنىڭ بۇ شەھەرگە بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى، ئارقىدىنلا شۇ جايغا بارىدىغان پويىز بېلىتى ۋە ئايروپىلان بېلىتىنىڭ سېتىلىش مىقدارى نەچچە ھەسسە ئاشتى. كىشىلەر بۇ تور چولپىنى شەھەرلىرىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلدى ھەمدە بەس-بەستە بۇ شەھەرگە كەلدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ساياھەت چولپان شەھەرلىرىنىڭ داڭىقى چىقىشىدا ئاساسلىقى ۋاقىت مەزگىلى بار، بىر يېڭى تور چولپىنى شەھىرى يېرىم يىل ئەتراپىدا بارلىققا كېلىدۇ. بەلكىم بۇ شەھەر ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان پەسىل ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

«بۈگۈنكى پاكىستان» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان <خاربىندىن خەينەنگىچە، 2024-يىلى جۇڭگونىڭ ساياھەتچىلىكى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى> ماۋزۇلۇق ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: خاربىننىڭ قار-مۇز ساياھىتىدە گۈللىنىش، ئېشىش ئىشقا ئېشىپلا قالماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ۋە ساياھەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئوخشاشلا ياخشى بولدى. ماقالىدە، ساياھەتچىلىكتە گۈللەنگەن مەنزىرە بارلىققا كېلىپ، جۇڭگو ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە 2024-يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى، دېيىلدى.

رۇسىيە ئەركىن تاراتقۇ تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئاھالىلىرى تېخىمۇ كۆپ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلدى. جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى:  كىچىك شەھەر، ناھىيە بازىرى، مەركىزىي شەھەر-بازار، ھەتتا يېزا-كەنتلەردىن بارغانسېرى نۇرغۇن كىشىلەر ساياھەتكە چىقماقتا، دېدى.

فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا، پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە، زېمىنى كەڭ، ساياھەت بايلىقى مول، بۇ فىرانسىيەلىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ساياھەتچىلەر ۋىزا ئالمايلا جۇڭگوغا كىرەلەيدۇ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى كېڭەيتىش جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ساياھەت مەنزىلىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:جۇڭگو ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەمىمىيىتىنى نامايان قىلدى.

ئامېرىكا ساياھەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىش ساياھەت بازىرىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. 2024-يىلى جۇڭگونىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىش ساياھەت بازىرى ئىنتايىن ئاۋات بىر يىل بولىدۇ.

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 2024-يىلى، جۇڭگونىڭ چېگرادىن كىرىش ساياھەتچىلىكى جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە سىياسەت قولايلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە زور دەرىجىدە ئېشىشتىن ئۈمىد بار، دەپ مۆلچەرلىدى. «پاكىستان كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى» جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ۋە ساياھەت كىرىمىنىڭ ناھايىتى ئاشقانلىقىغا دىققەت قىلدى. ساياھەتچىلىكنىڭ گۈللىنىشى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2024-يىلى قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىغا بولغان مۆلچەرىنى ئاشۇردى.

فوربېس ئاخبارات تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت بازارلىرىنىڭ بىرى، 2024-يىلى جۇڭگو ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار، دېيىلدى.

كۇبا لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە: جۇڭگونىڭ ساياھەتچىلىكى ۋە ئىستېمال بازىرى قىزغىن دولقۇننى كۈتۈۋالدى، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن خۇش خەۋەر، دەپ ھېسابلاندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ساياھەت تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان «دۇنيا ساياھەتچىلىكىنىڭ بارومېتىرى» دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ساياھەت بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دۇنيا ساياھەت بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشقان. ۋىزىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كۈچىنىڭ ئېشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، مۆلچەرلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ چېگرادىن كىرىپ چىقىش ساياھەت بازىرى 2024-يىلى تېز تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا ساياھەت بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىشى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىشى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى