ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئۆزئارا پايدا ئېلىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 11:07

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2023 يىلى، ئېلىمىز ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ۋە ئىمزالاش جەھەتتە يېڭى تارىخىي رېكورتى ياراتقان. يېڭىدىن ئىمزالانغان كېلىشىم تۆتكە يەتكەن. ئېلىمىز ھازىرغىچە 29 دۆلەت ۋە رايون بىلەن 22 ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ھالىتىنى نامايان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرىگە تېخىمۇ كەڭ بازار بوشلۇقى ئېچىپ بېرىپ، گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشتى.

لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، يېقىندا ھوندۇراس بىلەن جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، دېيىلدى. ھوندۇراسنىڭ ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرى سېرراتو ئىككى تەرەپ مال ئالماشتۇرۇش، باجنى كېمەيتىشنىڭ مۇددىتى ھەمدە تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىپ ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە كىرىدىغان جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەرگە قارىغاندا 2023-يىلى 3-ئايدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ھوندۇراس ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. ھوندۇراستا چىقىدىغان «پېشۋالار گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە: ھوندۇراس ھۆكۈمىتى ھوندۇراس بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىنكى بۇ بىر يىل «ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دەپ قارىدى، ئىككى تەرەپ سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقاردى دېيىلدى.

نىكاراگۇئا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە، 2024-يىلىدىن بۇيان، نىكاراگۇئا جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلغان شېكەر مىقدارى ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان ئەركىن سودا كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن نورمىدىن %50 ئاشتى دېيىلدى.

ئېفې ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن نىكاراگۇئا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. مال سودىسى جەھەتتە، ئىككى تەرەپ باج مۇندەرىجىسىدىكى %95 تىن ئارتۇق مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجى ئالمايدىكەن. ھازىر نىكاراگۇئانىڭ كالا گۆشى، شېكەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ھەسەل، ئات جابدۇقلىرى، توقۇلما بۇيۇملار قاتارلىق %60 مەھسۇلاتى تاموژنا بېجى ئېلىنماي جۇڭگو بازىرىغا كىردى.

سىنگاپورنىڭ «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يېقىندا ۋېللىنگتوندا يېڭى زېلاندىيەنىڭ سودا مىنىستىرى مىكلاي بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى جۇڭگونىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن ئىككى دۆلەت ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى پائال ئۆستۈرۈپ ، مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكى سۆھبىتىنى تېزدىن باشلاپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىق يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېكۋاتور خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا جۇڭگو بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تەستىقلىغان. ئەركىن سودا كېلىشىمى ئارقىلىق، ئېكۋاتورنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان %99.6 مەھسۇلاتىنىڭ تاموژنا بېجى دەرھال ياكى تەدرىجىي كېمەيتىلىدىكەن ۋە كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. ئېكۋاتور لاتىن ئامېرىكىسىدىكى جۇڭگو بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلغان تۆتىنچى دۆلەت.
سېربىيە جۇڭگونىڭ 29-ئەركىن سودا ھەمراھى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا ھەمراھى. جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئېچىۋېتىپ،

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جۇڭگو-سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى قۇۋۋەت قوشىدۇ.

«يېڭى ھەمراھلار» ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، «قەدىناس دوستلار» مۇناسىۋىتى مۇستەھكەملەندى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان «ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنىڭ 2024-يىللىق دوكلاتى» دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» دە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ئىمزالىغان بارلىق دۆلەتلەرگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان، تۈزۈم پايدىسى داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈلۈپ، رايون ئىچىدىكى سودا سېلىنمىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ چىڭىيتىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى كۈچ قوشتى.

بېيجىڭ داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، خەلقئارا سىياسىي ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان جۇڭگو بازىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ھەمبەھرىلەندۈرۈپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم ئېشىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش، ئىمپورت بازىرى قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ھالىتىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو بازار ئارقىلىق، دۇنيا سودىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۇنياۋىلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق كۈچى قوشتى.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئۆزئارا پايدا ئېلىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2023 يىلى، ئېلىمىز ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ۋە ئىمزالاش جەھەتتە يېڭى تارىخىي رېكورتى ياراتقان.