ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ئاممىسى «بايدىن ئىقتىسادشۇناسلىقى»غا ئىشەنمەيدىغان بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 11:15

ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى يەنە بىر قېتىم ئۆستى ھەمدە ئۆسۈش نىسبىتى بازار كۆزلىمىسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئايدا ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى 2-ئايدىكىدىن 0.3 پوئىنت چوڭايغان. كۈندىلىك تۇرمۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىك، ئېنېرگىيە قاتارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆرلىشى نۇرغۇن ئامېرىكا خەلقىنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى قوزغىدى.

پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۇدا كۈچەيگەنلىكىگە ھەتتا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق «چوڭ غوجىدارى»مۇ بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىدى. ئاق ساراي ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى رون كلائىن يېقىندا بىر پائالىيەتتە بايدىننى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بايدىن ھەر ھەپتىدە ئىككى، ئۈچ قېتىم قۇرۇلۇش پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ لېنتا كېسىدۇ، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى، مىلىچ مال دۇكىنىدىكى تۇخۇم ۋە سۈت قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسى بەك يۇقىرى، بۇ قۇرۇلۇشلار جىددىي خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ.

بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا، بىر يىگىت ماينى توشقۇزماي تۇرۇپلا ھېسابلىشىپ ماڭماقچى بولدى. ئۇ مۇخبىرغا ئامالسىز ھالدا ماي بەك قىممەت ئىكەن، ئاۋۋال يېرىمىنى قاچىلاپ تۇراي دېدى.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا كوچىدىكى تىلەمچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ئۇلارنىڭ كىيىملىرى جۇل-جۇل بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالى يېزىلغان تاختايلارنى كۆتۈرۈپ، مۇھىم قاتناش يولى ياكى تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا يولدىن ئۆتكەنلەردىن پۇل تىلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، مېيىپلار بار.

يېقىندا، بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا بىر ياشانغان ئايال ئۆزى يازغان كىتابنى مۇخبىرغا ئىككى دوللارغا تېگىشمەكچى بولدى. ئۇ مەن تىلەمچى ئەمەس، لېكىن مال باھاسى بەك يۇقىرى، مەن يەيدىغان نەرسە سېتىۋالالمىدىم، دېدى.
يۇقىرى پۇل پاخاللىقىدا، نۇرغۇن ئامېرىكا ئاممىسى ئىقتىسادتىن ئۈمىدسىزلەندى. «ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ 3-ئايدا ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدىكى يەتتە ھالقىلىق «تەۋرەنمە ئىشتات»تىكى سايلىغۇچىلارنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %56 زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچارلاشتى دەپ قارىغان، پەقەت %25 زىيارەت قىلىنغۇچى ئىقتىساد ياخشىلاندى دەپ قارىغان؛ %74 زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى «خاتا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى»، دەپ ئويلىغان. زىيارەت قىلىنغۇچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى ئىقتىسادىي ئەھۋالنى ناچارلاشتۇرۇپلا قالماي، خەلقنى تۇرمۇشنىڭ «جاپالىق» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

بۇنىڭغا قارىتا خارۋارد داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد پىروفېسسورى ستېفاننى ستانتچېۋا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى ئاممىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، دېدى.

ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە تىرىشىۋاتقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادقا بولغان ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ھەرگىزمۇ ياخشى ئىش ئەمەس. يىل بېشىدىن بۇيانقى پارتىيە ئىچىدىكى دەسلەپكى سايلام باسقۇچىدا، ئاقساراي «بايدىن ئىقتىسادشۇناسلىقى» نەتىجىسىنى كۈچىنىڭ بارىچە بازارغا سالغان بولسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى، ھەتتا ئەكسىچە ئۈنۈم بەردى.

«ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەيدىغان يەتتە «تەۋرەنمە ئىشتات» ئىچىدە، بايدىننىڭ ئالتە ئىشتاتتىكى قوللاش نىسبىتى ترامپنىڭ كەينىدە قالغان. بايدىن بىلەن ترامپتىن كىمنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرالايدىغانلىقى سورالغاندا، پەقەت %34 زىيارەت قىلىنغۇچى بايدىننى تاللىغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي بايدىنغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر كونترول قىلغان پارلامېنت ئاۋام پالاتاسى خامچوت كومىتېتىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: بايدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، تېز كۆپەيگەن ھۆكۈمەت چىقىمى پۇل پاخاللىقىنى ئۆرلىتىۋەتتى. زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە، يۇقىرى مال باھاسى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ئىلگىرى كىچىك بوش ھۆكۈمىتىدە دۆلەتلىك ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان لارى لىندسى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بايدىن ھۆكۈمىتى «پۇل پاخاللىقى پەسەيگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياخشىلانغان» ئەھۋالدا، ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ مال باھاسىنىڭ يەنىمۇ چۈشۈشىنى ئارزۇ قىلىشى «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس»، دەپ ئويلىدى، بۇنداق كۆزقاراشتا ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىغا سەل قارالغان.

دېموكراتلار پارتىيەسىگە ئەزا ئەل رايىنى تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسى سېلىندا لايك ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ياخشىلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە، لېكىن ئامما بارغانسېرى بىزار بولۇۋاتىدۇ، بۇ بايدىنغا نىسبەتەن ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال دېدى.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا ئاممىسى «بايدىن ئىقتىسادشۇناسلىقى»غا ئىشەنمەيدىغان بولدى

ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى يەنە بىر قېتىم ئۆستى ھەمدە ئۆسۈش نىسبىتى بازار كۆزلىمىسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،