ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى سۈرئەتنى تېزلەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-10 09:43

جۇڭگو 2026-يىلى جۇڭگودا 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭ جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر ئابىدە بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 30-ماي، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش مەقسەتتە قىلغان سۆزىدە بۇ خەۋەرنى جاكارلىدى. بۇ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە «بەش چوڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسى» تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈردى. شۇ كۈنى، ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا خەنزۇچە يازما ئېلان قىلىپ، «ئەرەب ئەللىرى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

بۇ يىل جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ 2022-يىلى 12-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىدا «يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقى بارغانسېرى ئەمەلىي بولدى. نۆۋەتتە  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ  قۇرۇش 22 ئەرەب دۆلىتىدە  «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپتىكى 2 مىليارد خەلققە نەپ يەتكۈزمەكتە. جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى «سەككىز چوڭ ئورتاق ھەرىكەت»تە مۇھىم دەسلەپكى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ھازىر دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئۆز مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلمەكتە، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كۈچلۈك ئارزۇسى بار. بۇلتۇردىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يارىشىشى، خاماس بىلەن فاتاخنىڭ بېيجىڭدا كېڭىشىشى ئەرەب ئەللىرىگە جۇڭگونىڭ ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئەرەب ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن مۇنبەر ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق يىغىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش ئەھمىيىتىگە گەپ كەلمەيدۇ.

سىرتتىكىلەر بەھرەين، مىسىر، تۇنىس، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىبارەت تۆت ئەرەب دۆلىتىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشقانلىقىغا دىققەت قىلدى. «ئەرەب ھەپتىلىك گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئەرەب ئەللىرى تۆت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى جۇڭگو - ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ باشلىقلار يېتەكچىلىكىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈردى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، جۇڭگو - ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئورتاق ئارزۇسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى «بېيجىڭ خىتابنامىسى»، «جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 2024-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىش پىلانى» قاتارلىق ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاپ، بۇ ئارزۇ ۋە ئىرادىنى ئەكس ئەتتۈردى. 

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا،  جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تىرىشىدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى «دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى»، « <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى»، «ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنىڭ ئۈلگىسى»، «دۇنياۋى ئىدارە قىلىش توغرا يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ئۈلگىسى» بولۇشى كېرەك. بۇ تۆت نىشان جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق تەرەققىياتىنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. 

نىشان ۋە پىلان بار بولدى، قانداق قىلغاندا كونكرېت ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ جۇڭگو  ئەرەب ئەللىرى  بىلەن «سەككىز چوڭ ئورتاق ھەرىكەت» ئاساسىدا، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسى، تېخىمۇ كۆلەملەشكەن مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە ئەندىزىسى، تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئەندىزىسى، تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان ئىقتىساد ـ سودىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئەندىزىسى، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئادىمىيەت ئالاقىسى ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «بەش چوڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسى»نىڭ بەرپا قىلىنىشى تېخنىكا، مەبلەغ، مەھسۇلات، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى خەلقىگە كەڭ نەپ يەتكۈزىدۇ. 

بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ساھە قىلىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ، بۇ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ دۇنيا پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم  گۈللەنمە كۈچكە ئايلىنىشىغا پايدىلىق. پۇل مۇئامىلىگە قارايدىغان بولساق، بۇ بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرىنىڭ ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلىرىگە سالغان مەبلىغى تېز ئاشتى، ئەرەب ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بايلىق فوندىنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغىمۇ تېز ئاشتى. جۇڭگو بۇ قېتىم «جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى بانكا بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «ئەرەب ئەللىرىنىڭ جۇڭگودا <مۈشۈكئېيىق قەرزى>تارقىتىشى»، «ئەرەب ئەللىرى بانكا ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئارقىلىق چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش راسچوت سىستېمىسىغا كىرىشىنى قارشى ئېلىش» قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى جەھەتتە، ئەنئەنىۋى نېفىت، تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتىن باشقا، جۇڭگو «جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 3 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىغان تىرىلمە ئېنېرگىيە تۈرىگە قاتنىشىشىنى قوللاش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەرەب ئەللىرى يېشىل ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگونىڭ مۇكەممەل ئۈسكۈنىسى، تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىسى بار، ئەرەب ئەللىرىنىڭ زور بايلىقى ۋە مەبلىغى بار، تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىككى تەرەپنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو يەنە 3 مىليارد يۈەنلىك تەرەققىيات ھەمكارلىق تۈرىنى يولغا قويۇشنى داۋاملىق پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ھەر يىلى ئەرەب ئەللىرىدىكى 200 نەپەر پارتىيە رەھبىرىنى جۇڭگوغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلىدۇ؛ كەلگۈسى بەش يىلدا ئەرەب ئەللىرى بىلەن 10 مىليون ساياھەتچىنى ئۆزئارا زىيارەت قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ ...... ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت ئالاقىسى جەھەتتىكى بۇ كونكرېت پىلانلار تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. 

رايون خەۋپسىزلىكى ئەرەب ئەللىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە، پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى. 5-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا غەززە رايونىدا 36 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا «جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى» ئېلان قىلىنىپ، غەززە توقۇنۇشىنى تېزدىن تىنچىتىشقا، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتەك ھەققانىيەت ساداسى ياڭرىتىلىپ، دۇنياغا: ئۇرۇشنى يەنە چەكسىز داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ھەققانىيەتمۇ مەڭگۈ كەم بولسا بولمايدۇ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» دىن خالىغانچە تەۋرىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، دېگەن ئېنىق ئۇچۇر يەتكۈزۈلدى.

ئەرەبلەردە: «ئۆزئارا ھەمدەم بولسا، تېخىمۇ كۆپ نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ»، دەيدىغان ماقال بار. بۇمۇ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى بۇ قېتىمقى يىغىننى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ،  ياخشى ھەرىكەت قىلغۇچىلار، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولسىلا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ كېيىنكى تېخىمۇ شانلىق 20 يىلىنى يارىتىپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلغىلى بولىدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى سۈرئەتنى تېزلەتتى

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى سۈرئەتنى تېزلەتتى