ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا كئېن داشۆسىنىڭ مۇدىرىغا جاۋاب خەت يازدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-11 15:33
رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا رېپوللېتقا جاۋاب خەت يېزىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە 2006-يىلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشىپ ۋېنجۇ كئېن داشۆسىنى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىغا گۇۋاھ بولغان چاغنى ئەسلىدى، يەنە ئالايىتەن ئامېرىكا كئېن داشۆسىنىڭ مۇدىرى لامونت رېپوللېت ئارقىلىق مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى دوكتور فاراخىغا سالام يوللىدى.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەكتەپكە بولغان غەمخورلۇقى، جۇڭگو-ئامېرىكا مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى، قەدىناس دوستلىرىنى قەدىرلىشى ۋە ياد ئېتىشى رېپوللېتنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماڭا جاۋاب خەت يازغىنىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سۆزلىرى كىشىگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. داۋاملىق تىرىشىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈپ ئىلگىرى سۈرگەن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىپ مەكتەپ قۇرۇش تۈرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.
دوكتور فاراخى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سالىمىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ئىشلىرىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىغا يول ئېچىپ بەردى.
2006-يىلى 5-ئايدا، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، ۋېنجۇ داشۆسى بىلەن ئامېرىكا كئېن داشۆسى رەسمىي كېلىشىم ئىمزالاپ، ۋېنجۇ كئېن داشۆسىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇشنى قارار قىلغان. 2014-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ۋېنجۇ كئېن داشۆسى رەسمىي تەسىس قىلىنغان، ھازىر تولۇق كۇرس، ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 4500 گە يەتتى، سەككىز قاراردا جەمئىي 3300 دىن ئارتۇق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچى تەربىيەلەندى. 2015-يىلى 9-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە سېئاتلدا 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئۆلكە، ئىشتات باشلىقلىرى مۇنبىرىگە قاتناشقان ھەمدە سۆز قىلغاندا، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ  « ياخشى يۈرۈشۈۋاتقانلىقى» نى مەخسۇس تىلغا ئالغان ئىدى.
2006 - يىلى، دوكتور فاراخ يېڭى جېرسىي ئىشتاتى ۋە كئېن داشۆسىگە زىيارەتكە بارغان شى جىنپىڭ بىلەن «نەچچە سائەت چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغان». كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ جۇڭگونى قايتا - قايتا زىيارەت قىلىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان، سىجىل يېڭىلىق يارىتىۋاتقان جۇڭگونى كۆردى، مەكتەپ تۇرۇشلۇق جېجياڭ ئۆلكىسى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە ئىزچىل ئالدىدا ماڭدى. دوكتور فاراخى:خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ 2006-يىلى ئېيتقاندەك، بىز ئورۇننى، ۋاقىتنى توغرا تاللىدۇق، دېدى.
ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسېي ئىشتاتىدىكى كئېن داشۆسى ئاساسىي مەكتەپ رايونىنىڭ ئوقۇغۇچىلار مەركىزى كارىدورىغا بۇ مەكتەپنىڭ ھەرقايسى مەكتەپ رايونلىرىنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋېنجۇ كئېن داشۆسىنىڭ گۈزەل مەكتەپ مەنزىرىسى ۋە ئۇل سېلىش مۇراسىمىنىڭ سۈرەتلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مۇخبىر زىيارەت قىلغان ھەر بىر كىشى جۇڭگو - ئامېرىكا بىرلىشىپ قۇرغان بۇ تۈرنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن 18 ئايدا رېپوللېت جۇڭگوغا تۆت قېتىم كەلدى. ھەر ئوقۇش يىلىدا ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم جۇڭگوغا كېلىش ئۇنىڭ نىشانى. ئۇ: ئىككى دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنىڭ گۈزەللىكى» نى چۈشەندۈرۈشتە مائارىپچىلار ئۈلگە بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى.
ئامېرىكا كئېن داشۆسى سودا باشقۇرۇش كەسپىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى دايانا كاستانېدا:  كېلەر يىلى يازلىق تەتىلدە ۋېنجۇ كئېن داشۆسىگە بېرىپ  ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولۇۋاتىمەن،  جۇڭگو توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، دېدى.
بۇ مەكتەپ تەنھەرىكەت ئىلىمى كەسپىنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بېبا ئەيشۈن:پۇرسەت بولسا مەنمۇ چوقۇم جۇڭگوغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىمەن. كۆڭۈل-كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، بىرلىكتە ئالغا بېسىپ، بىر- بىرىمىزنى چۈشىنىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلساقلا، چوقۇم ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايمىز،دېدى. 
ۋېنجۇ كئېن داشۆسىدە بەش يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچى مىك بامو مۇنداق دېدى:رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خەت يېزىشى بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلغانلىق. بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا ياش ئەۋلادلىرىنىڭ تېخىمۇ يېقىن ئۆتۈشى، بىر - بىرىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ.
ئامېرىكا جۇڭگو-ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، ئىلگىرى كۇنشەن دۇك داشۆسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان دانىس سىمون: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئىلىم ھەمكارلىقى ئىزچىل ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرى، دېدى.
جۇڭگو-ئامېرىكا مائارىپ فوندىنىڭ لىدىرى مادېلىن رۇس مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى جېرسېي ئىشتاتىدىكى كئېن داشۆسىنىڭ مۇدىرىغا جاۋاب خەت يېزىشى ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىق. بىز جۇڭگو - ئامېرىكا ياشلىرىغا قارشى تەرەپنى چۈشىنىش، قارشى تەرەپكە بېرىپ ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك، بۇ كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى مائارىپ ھەمكارلىق تۈرلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. ۋېنجۇ كئېن داشۆسىدىن باشقا كۇنشەن دۇك داشۆسى، شاڭخەي نيۇ-يورك داشۆسى ۋە تيەنجىن جۇلىيا شۆيۈەنىمۇ كىشىلەرگە تونۇشلۇق. جونس خوپكىنس داشۆسى بىلەن نەنجىڭ داشۆسى ھەمكارلىشىپ قۇرغان جۇڭگو-ئامېرىكا مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق  نەچچە ئون ھەمكارلىق تۈرىمۇ پائال ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 

 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا كئېن داشۆسىنىڭ مۇدىرىغا جاۋاب خەت يازدى

رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا رېپوللېتقا جاۋاب خەت يېزىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى