ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېشىللىقنى قوغداش، يېشىل قورۇقچىلىق قىلماسلىق كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-12 09:10
  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس 5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنىدە ئالاھىدە سۆز قىلىپ، دۇنيانى ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىشقا سەپەرۋەر قىلدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپ خىل پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ يېشىللىق ئېڭى ئويغىتىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ يەر شارى ماكانىنى قوغدىشى مۇراجىئەت قىلىندى.
  يېقىنقى بىر مەزگىلدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بەردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىلىماتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئورگىنى بولغان كوپېرنىك كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇلازىمەت ئىدارىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، 2024-يىلى 5-ئاي-تارىختا خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق 5-ئاي بولغان، بۇ، يەر شارىنىڭ يەككە ئايلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۇدا 12 ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يېڭىلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، كەلگۈسى بەش يىلدا، يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئاز دېگەندە بىر يىل سانائەتلىشىشتىن بۇرۇنقى، يەنى 1850-يىلىدىن 1900-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن 1.5 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولۇش ئېھتىماللىقى %80 كە يېتىدۇ دېيىلدى. ئەمەلىيەت ۋە سانلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ئادەم بەدىنى ھېس قىلالايدىغان ئۇسۇل بىلەن ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئېغىر تەسىر پەيدا قىلىۋاتىدۇ. گۇتېررېس ئالاھىدە سۆزىدە: «ھازىر كىلىمات مەسىلىسىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرۇۋاتىمىز، ھەر قانداق دۆلەت كىلىمات كىرىزىسىنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالمايدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
  ھالبۇكى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، كىلىمات ئاپىتىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا ئورتاق تونۇش ۋە يۈزلىنىش ئالدىدا، نۆۋەتتە يەر شارىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى كېچىكتۈرىدىغان ھەتتا ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تەتۈر ئېقىم پەيدا بولدى. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە بازار پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، قورۇقچىلىقنى قالايمىقان يولغا قويۇپ، «يېشىل» قوش ئۆلچەم بىلەن ھەدەپ ھەپىلىشىپ، بىر تەرەپتىن باشقا دۆلەتلەردىن كىلىمات ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىپ، جۇڭگونىڭ يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا بېسىم ئىشلىتىپ، يەر شارى يېشىل كەسىپ زەنجىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۇنيانىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلدى.
  كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا ھەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشىغا، ھەم يېشىل تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشكە تايىنىش كېرەك. يېشىل كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان يول تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك يېشىل مەھسۇلاتلارنىڭ تىرىكىگە موھتاج، جۇڭگونىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېشىل مەھسۇلاتلىرىغا «ياق» دېيىش ئەمەلىيەتتە يېشىل كەلگۈسى يارىتىشقا توسالغۇ پەيدا قىلغانلىق. ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر قورۇقچىلىقنى مەقسەت قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ يېشىل مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ، تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ كىلىمات ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيانىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانىغا يېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ھېسابلاشقا قارىغاندا، ھەر بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ھەر يىلى تەخمىنەن 1.66 توننا كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىدىكەن، جۇڭگو 2023-يىلى بىر مىليون 203 مىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى ھەر يىلى تەخمىنەن 2 مىليون توننا ئازايتىدىكەن. «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ 2022-يىلىدىكى بىر پارچە ماقالىسىدە ھېسابلىنىشىچە، 2008-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جۇڭگونى ئاساس قىلغان يەر شارى يورۇقلۇق ۋولت زاپچاسلىرى تەمىنات زەنجىرى ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىشى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم 24 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋە 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تېجەپ بەرگەن. ئەگەر ھەر قايسى دۆلەتلەر دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلەنسە، يورۇقلۇق ۋولت زاپچاسلىرىنىڭ باھاسى يەر شارىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشتىن %20 تىن كۆپرەك يۇقىرى بولىدىكەن، بۇ، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
  جۇڭگو كىلىمات ۋەدىسىگە باشتىن-ئاخىر ئاكتىپ ئەمەل قىلىپ كەلدى، جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان يېشىل مەھسۇلاتلار ئۆز دۆلىتىنىڭ كىلىمات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم جابدۇق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان قىممەتلىك كۈچ بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ كېڭىيىشى يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئىلغار يېشىل تېخنىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلەتتى.
  ئىنسانلار يېشىللىقنى قوغداشقا موھتاج، يېشىل قورۇقچىلىققا موھتاج ئەمەس. ئايرىم دۆلەتلەر ئۆزى سوققان چوتنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى كېرەك، مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ يېشىل كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان توغرا يولى.

  تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
  
  سېلىشتۇرغۇچى:ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېشىللىقنى قوغداش، يېشىل قورۇقچىلىق قىلماسلىق كېرەك

ىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس 5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنىدە ئالاھىدە سۆز قىلىپ، دۇنيانى ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ،