ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش ئاياغلاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار| يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-12 15:23
10-نۆۋەتلىك ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش بريۇسسېل ۋاقتى 9-ئىيۇن كەچتە ئاياغلاشتى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرھال مەيداندىكى ياۋروپانى گۈللەندۈرۈش پارتىيەسى گۇرۇھى، يېشىل پارتىيە ۋە ياۋروپا ئەركىن ئىتتىپاقىدىن تەشكىللەنگەن پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ پارلامېنتتا ئېرىشكەن ئورنىنىڭ ئازىيىش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولغان، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئوڭغا ئېغىشى روشەن بولغان.
بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا پارلامېنت سايلىمى 6-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلدى. 9-ئىيۇن، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 21 دۆلەت ئاۋاز بەردى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى گوللاندىيە، ئىرېلاندىيە، چېخ، لاتۋىيە، مالتا، سىلوۋاكىيەدىن ئىبارەت ئالتە ئەزا دۆلەتتە بېلەت تاشلاش تاماملاندى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسى 9-ئىيۇن كەچتە ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى.
ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نازارەت قىلىش، مەسلىھەت بېرىش ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يادرولۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىگىلىگەن ئورنى ئومۇمىي جەھەتتىن دۆلەتنىڭ نوپۇس سانى ئۆلچەم قىلىنىپ، سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ، نوپۇسى كۆپرەك دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتتا ئىگىلىگەن ئورنى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 720 ئورۇننىڭ گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيەلەرگە تەقسىم قىلىنغىنى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 96، 81 ۋە 76 ئورۇننى ئىگىلىگەن، نوپۇسى ئازراق بولغان سىپرۇس، لىيۇكسېمبۇرگ ۋە مالتالارغا ئالتىدىن ئورۇن بېرىلگەن.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سايلىغۇچىلىرى بىۋاسىتە سايلاپ چىقىدۇ، ئەزا دۆلەتلەر سايلام ئۆتكۈزگەندە بەزى ئورتاق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىدۇ، لېكىن پەرقلەرمۇ مەۋجۇت. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا پارتىيە-گۇرۇھلار بويىچە دۆلەت ھالقىغان پارتىيە-گۇرۇھ بولۇپ تەشكىللىنىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ سىياسىي تەلىپىگە ئاساسەن كۈندىلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئاساسلىق دۆلەتلەر ئىچىدە، گېرمانىيەنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىتتىپاق پارتىيەسى % 30.7 ئاۋازغا ئېرىشكەن، چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيە گېرمانىيە تاللاش پارتىيەسى بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى شولتس تۇرۇشلۇق سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ئوخشاشلا %14.5 ئاۋازغا، گېرمانىيە يېشىل پارتىيەسى % 12.5 ئاۋازغا ئېرىشكەن.
فىرانسىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ 9-ئىيۇن كەچتە ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيە-خەلق ئىتتىپاقى %31.7تىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ، فىرانسىيەدىكى پارتىيەلەر ئارىسىدا بىرىنچى بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە گۈللىنىش پارتىيەسى ئاران %14.9 ئاۋازغا ئېرىشىپ، چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيەنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 9-ئىيۇن كەچتە تېلېۋىزىيەدە نۇتۇق سۆزلەپ، خەلق پارلامېنتىنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ھەمدە يېڭىدىن خەلق پارلامېنتى سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىتالىيەنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىتالىيە زۇڭلىسى مېرونى رەھبەرلىكىدىكى ئىتالىيە قېرىنداشلار پارتىيەسى ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى % 27.7 كە يەتكەن، ئوتتۇرھال سول قانات ئىتالىيە دېموكراتلار پارتىيەسى ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى % 23.7 كە يەتكەن، نارودنىك بەش يۇلتۇز ھەرىكىتى پارتىيەسى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى % 11.1 بولغان.
پولشانىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرھال ئوڭ قانات پۇقرالار ئىتتىپاقى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 53 ئورۇننىڭ 21ىنى ئىگىلىگەن، قانۇن ۋە ئادىللىق پارتىيەسى ۋە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئىتتىپاقى ۋەكىللىكىدىكى ئوڭ قانات مۇتەئەسسىپ كۈچلەر جەمئىي 25 ئورۇنغا ئېرىشكەن.
ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى (ياشلار دېموكراتىك ئىتتىپاقى ۋە خىرىستىيان دىنى دېموكراتلار پارتىيەسى) % 43.76 ئاۋاز بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، ۋېنگىرىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 21 ئورۇنىنىڭ 11 گە ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەن. يېڭىدىن قۇرۇلغان ھۆرمەت ۋە لىبورىستلار پارتىيەسى بىردىنلا باش كۆتۈرۈپ، %30.70 ئاۋازغا ئېرىشكەن. ياۋروپا پارلامېنتىدا يەتتە ئورۇنغا ئېرىشىشى مۇمكىن.
ئاۋسترىيە چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيەسى ئاۋسترىيە لىبورىستلار پارتىيەسى % 25.7 ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، بېلەت نىسبىتى % 24.7 بولغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە خەلق پارتىيەسىدىن سەل يۇقىرى بولغان.
گوللاندىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئىيۇن كەچتە ئېلان قىلغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، يېشىل سولچىلار ئىتتىپاقى ۋە ئىشچىلار پارتىيەسىدىن تەشكىللەنگەن پارتىيەلەر ئىتتىپاقى سەككىز ئورۇنغا ئېرىشىپ، گوللاندىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيەسىگە ئايلانغان، چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات لىبورىستلار پارتىيەسى ئالتە ئورۇن بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.
تېخىمۇ كۆپ سايلام رايونىنىڭ ئىستاتىستىكا نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئورۇن تەقسىماتىدا يەنە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى سايلامدا بېلەت تاشلاش نىسبىتى %51 بولغان.
تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار