ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا جەمئىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-12 15:52
  78-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى 7-ئىيۇن جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلىش قارارىنى كېڭىشىپ بىردەك ماقۇللاپ، 10-ئىيۇننى مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى قىلىپ بېكىتتى. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەربابلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارىسىدىكى بىر تەرەپلىمە خاتا چۈشىنىشنى تۈگىتىپ، چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىي قىلىشى، بىرلىكتە گۈللىنىشىگە مەدەنىيلىك كۈچى قوشۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى.
  زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئەرباپلار مۇنداق دەپ قارىدى: مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلىش قارارى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئىناق بىللە ئۆتۈش، ئىككى گۈزەللىكنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇسىغا چوڭقۇر ماس كېلىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ كېڭىشىپ بۇ قارارنى بىردەك ماقۇللىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور. جۇڭگو لايىھەسى كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، تەڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم ئاكتىپ كۈچ قوشتى.
  پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ناگامانا ھاشىمى مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ بۇ قارارنى ماقۇللىشى ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئىش، بۇ جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغا ناھايىتى ياخشى ماسلاشقانلىق. مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى كىشىلەرگە مەدەنىيلىكنىڭ يادرولۇق ئەھمىيىتى ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىنى قوللىشىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ كۆپ تەرەپچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېشىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
  كېنىيەنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر ئالىمى كاۋېنس ئادھىل باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى، دوستلۇقنى ۋە ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە باسقان مۇھىم بىر قەدىمى. مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلارغا كەڭ قورساق بولۇش، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشتەك ئومۇميۈزلۈك تونۇشىنى نامايان قىلدى، سۆزلىشىشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولى قىلىشنى قوللايمەن.
  تايلاند تايلاند-جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋىلۇن پىچاۋېڭپادى مۇنداق دەپ قارىدى: ھەر قايسى دۆلەت خەلقى ئومۇميۈزلۈك تىنچ تەرەققىياتنى ئارزۇ قىلىدۇ. قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى نامايان قىلدى، مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىكتە ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش، تىنچ تەرەققىياتقا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
  ھازىر كۆپ خىل كىرىزىسلار ۋە خىرىسلار گىرەلىشىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇردى. كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  سىرىلانكىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ياشلۇ راناراجا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان سۆزلىشىشنى قوللاش سىياسىتىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق.
  سېنېگال ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى شەيخ ئېندىيايې نۆۋەتتە ئوخشىمىغان مەدەنىيىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە سۆزلىشىشنىڭ بارغانسېرى مۇھىملىشىۋاتقانلىقىغا، مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلىشنىڭ چۈشىنىش ۋە ھۆرمەتلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خاتا چۈشىنىش ۋە توقۇنۇشنى ئازايتىش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى.
  تۈركىيە تۈركىيە-جۇڭگو مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىرفان كاسىلې مۇنداق دېدى: بۇ قارارنىڭ ماقۇللىنىشى دۇنيانىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان تىنچ تەرەققىيات مۇھىتىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئويناپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.
  كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىلىك ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىزمىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو دۇنيا مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە تىنچ تەرەققىي قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.
  سۇرىيەنىڭ سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ماھىر ئېھسان مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلىش قارارىنى ماقۇللاپ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشنى گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگو ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارىسىدىكى باراۋەر سۆزلىشىش ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش جەھەتتە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى ۋە لايىھەسى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ كۆپ تەرەپچىلىك ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا پايدىلىق، يەر شارىدا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
  ئافغانىستان كادان داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئالىمى جالال بازىۋان مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئارا باراۋەر سۆزلىشىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدىغان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.
  جەنۇبىي ئافرىقا غەربىي كاپ داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ چەت ئەل تەرەپ مۇدىرى ۋۇ چاڭخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، مەدەنىيلىك سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە قەتئىي بوشاشماي تىرىشىدۇ، بۇ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، تەڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، تەڭ ئىلگىرىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
  جۇڭگو ۋەكىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا قارار لايىھەسىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ قارارىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مول مەزمۇنلۇق خەلقئارا كۈننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك سۆزلىشىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا جەمئىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى

78-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى 7-ئىيۇن جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلىش قارارىنى كېڭىشىپ بىردەك ماقۇللاپ،