ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ياۋروپادا كۆپ مەنبەلىك ساياھەت قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-31 10:38
ئىلگىرى يازلىق تەتىل كېلىشى بىلەن فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ ساياھەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىسى ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ياۋروپادىكى باشقا بىر قىسىم كىچىك دۆلەتلەرگە قىزىقىشقا باشلىدى ھەمدە ساياھەت شەكلىنى تېز رېتىملىق «كارتا سۈركەپ ساياھەت قىلىش»تىن ئاستا رېتىملىق «ئىستىراھەت ساياھىتى»گە ئۆزگەرتتى.
ئادرىئاتىك دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان كرودىيە گۈزەل مەنزىرىسى، مول تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن بارغانسېرى كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. كرودىيە دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى كارخانا تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كىرىستىنا مامىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 8-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، كرودىيەگە كىرگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 97 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %93 ئاشتى. مامىچ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تېخى يۇقۇم يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتكىنى يوق، كرودىيە ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە كرودىيەدە تۇرغان مەزگىلىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
ئوخشاشلا ئادرىئاتىك دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان ئالبانىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەت قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە ئالبانىيەگە ساياھەتكە بارغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 13 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %118.6 ئاشقان. ئالبانىيەدە كۆپ يىل ساياھەت يېتەكچىسى بولغان جۇڭگولۇق ياش چېن شو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ياۋروپادىكى باشقا مەنزىل جايلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئالبانىيەنىڭ ساياھەت تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ياتاق-تاماق تېخىمۇ ئەرزان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالبانىيەنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى ۋە مول تارىخىمۇ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم سەۋەب، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىك كىشىلەرنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەردە ياخشى تەسىر قالدۇردى.
بالقان رايونىدىكى قەدىمىي شەھەر سارايېۋو ۋە سارايېۋو جايلاشقان بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنامۇ يېقىندىن بۇيان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ساياھەتكە بارىدىغان يېڭى مەنزىلىگە ئايلاندى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئايغىچە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا جەمئىي 29 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، بۇ بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئومۇمىي سانىغا يېقىنلىشىدۇ.سارايېۋو شەھەرلىك مۇزېينىڭ باشلىقى سورگۇچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر سارايېۋونىڭ تارىخىغا ناھايىتى قىزىقىدۇ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇقلارنىڭ ساياھەتكە كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
«گوللاندىيەنىڭ ۋېنىتسىيەسى» دېگەن نامى بار گىېئزورن كەنتى بۈگۈنكى كۈندە گۈزەل مەنزىرىسىگە تايىنىپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ گوللاندىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلىشىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. گوللاندىيە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى، گىئېزورن كەنتىنىڭ باشلىقى گەيبى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساياھەت ئۆمىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ساياھەتكە كېلەتتى، بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ياش ساياھەتچى ئەركىن ساياھەت قىلىشنى تاللايدىغان بولدى. ھازىر جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ گىئېزورن كەنتىدە تۇرۇش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن، ئۇلار گىئېزورن كەنتىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە يەرلىكنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشنى خالايدۇ.
گرېتسىيەدىكى جۇڭگولۇقلار ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ گرېتسىيەگە كېلىپ ساياھەت قىلىش ئۇسۇلىمۇ كۈنسېرى كۆپ خىللىشىپ، ئىختىيارىي ساياھەت قىلىش، چوڭقۇر ساياھەت قىلىش، ئىستىراھەت ساياھىتى نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشقان. بەزى ساياھەتچىلەر مەخسۇس گرېتسىيەگە بېرىپ يەلكەنلىك كېمە، يەلكەنلىك تاختا، سۇغا چۆكۈش، دېڭىزدا بېلىق تۇتۇش قاتارلىق تۈرلەرگە قاتنىشىدۇ، يەنە بەزى ساياھەتچىلەر پوچتا پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ ئېگېي دېڭىزىدا «ئارال ئاتلاپ ساياھەت قىلىش»نى تاللاپ، شۇ جاينىڭ «ئاستا ساياھەت» دىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن بولىدۇ.
چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىدىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ، يېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئارقىلىق، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ساياھەت تەسىراتىغا ئىگە قىلدى.
چېخ ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فرانچىشېك رايسمىللېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 1-پەسىلدىن باشلاپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تەدرىجىي ئاشتى. 2-پەسىلدە بېيجىڭ-پراگا بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %125.7 ئېشىپ، چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئىچىدە ئېشىش نىسبىتى ئەڭ چوڭ توپقا ئايلاندى.
چېخ ساياھەت ئىدارىسى چېخنىڭ ساياھەت بايلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ بىر نەچچە ساياھەت بلوگ ئىگىسىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو خەلقىگە چېخنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە پراگا، كاروۋىفالى، كرۇملوف قاتارلىق كىلاسسىك مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە كىچىك مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۇلارنىڭ بىۋاستە كەچۈرمىشى ئارقىلىق نامايەن قىلدى.
چېن شو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالبانىيەگە كەلگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ساياھەت تەسىراتى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، خەنزۇچە سۆزلىيەلەيدىغان ساياھەت يېتەكچىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتۇق ھەم تەربىيەلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ساياھەت پىلانى تۈزدۇق ھەم جۇڭگونىڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە تور سۇپىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ساياھەت جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردۇق.
بۇ يىل 4-ئايدىن بۇيان، جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئافىناغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئاچتى، بىۋاستە ئاۋىئاتسىيە كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يازلىق تەتىلدە گىرىتسىيەگە ساياھەتكە بارىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. گرېتسىيە ئافىنا خەلقئارا ئايرودرومى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن يەنە خەنزۇچە يېتەكلەش بەلگىسىنى كۆپەيتتى ھەمدە خەنزۇچە مۇلازىمەت قىلالايدىغان ئىككى ماشىنا ئادەم سەپلىدى.
فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكى ئايرودۇرۇمىدىكى بىر تىجارەت شىركىتىنىڭ تاراتقۇ ۋەكىلى نېيلى كوسىكېماك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خېلسىنكى ئايرودۇرۇمى جۇڭگودىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، ئايرودۇرۇم خەنزۇچە بەلگە تاختىسى ئورنىتىش، ئايرودۇرۇم ماگىزىنىغا چىقىمداننى ئىشلىتىشنى قوللاش، جۇڭگونىڭ ساياھەت ئۆمىكىگە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەپسىلاتلار ئارقىلىق، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ئايرودۇرۇمنىڭ قىزغىن مۇلازىمىتىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز يەنە جۇڭگو ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن پائال سۆھبەتلىشىپ، خېلسىنكى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان سانىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىمىز». 

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ياۋروپادا كۆپ مەنبەلىك ساياھەت قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى

جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ياۋروپادا كۆپ مەنبەلىك ساياھەت قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى