جۇڭگو سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-13 08:40
يېقىندا، جۇڭگو سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىككى سانلىق مەلۇمات چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىرى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇلازىمەت كەسپىنى تەكشۈرۈش مەركىزى، جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات: 8-ئايدا، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ مال سېتىۋېلىش باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى %49.1 بولغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ مال سېتىۋېلىش باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %51.7 ۋە %51.2 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 2.3 ۋە 1.7 پوئېنت ئۆرلەپ، قايتىدىن كېڭىيىش دائىرىسىگە كىردى. يەنە بىرى دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات: 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى ياراتقان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون 99 مىليارد 170 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە جابدۇق ياسىمىچىلىقنىڭ پايدىسى مۇقىم ئېشىپ، كۆلەملەشكەن سانائەت پايدىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يېڭى قوۋۋەت داۋاملىق يېتىلىپ زورايدى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم بولدى، جۇڭگو سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى داۋاملىق ئەسلىگە كېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋول كوچىسى گېزىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگودىكى كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئۇدا تۆت ئاي ئاشقان، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىغا نىسبەتەن بىر ئىجابىي سىگنال ئىكەن. يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق پايدىنىڭ ئېشىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ئالدىنقى يەتتە ئايدا بۇ ساھەنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە ياساش ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك دېتال مەخسۇس ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كەسپىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %45.6 ۋە %16 ئاشقان.
بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو سانائەت كارخانىلىرى پايدىسىنىڭ ئېشىشى تاشقى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ۋە جۇڭگونىڭ سىياسەت تۈرتكىسىدە، جۇڭگودىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى يەنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
كېنىيە نايروبى داشۆسى سودا ۋە باشقۇرۇش ئىلىمى شۆيۆەنىنىڭ پىروفېسسورى ئىراكى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئاساس سالدى، جۇڭگو ماركىسىنىڭ خەلقئارادىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، جۇڭگو ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سانائەت ماشىنا ئادەم بازىرى، كۈنسېرى ئىلغارلىشىۋاتقان تېخنىكا جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياسىمىچىلىق، ئاپتوموبىل كەسپى، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، داۋالاش ۋە ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەكتە.
بىرازىلىيە «مۇنبەر» ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارالدى. جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر يۆنىلىشكە قاراپ ئومۇميۈزلۈك تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشمۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ تور بېكىتىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ دۇنيا تەتقىقات تەجرىبىخانىسى بولۇش رولى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. غەربنىڭ جۇڭگودىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بۆشۈكىگە ئايلاندى، ئۇنىڭ نەتىجىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلاردا قوللىنىلدى.
فىنلاندىيە «خېلسىنكى ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىنى زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاراتتى. كەلگۈسى كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلىشىشى جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، يۇغۇرۇشتىن ئىبارەت زامانىۋى سىستېمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تىپ ئۆزگەرتىش جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا يېڭى ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
پاكىستان «ئاخبارات گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن 20 يىلدا، جۇڭگو ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ۋە ئېكسپورت تىپىدىكى ئىقتىسادتىن تەدرىجىي ھالدا يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار كۆجۈملەشكەن ۋە تېخنىكا كۆجۈملەشكەن ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، جۇڭگو يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، سۈنئىي ئەقل ۋە G5 قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىدىن ئۈمىد بار. ماقالىدە، جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئۈسكۈنە، سۈنئىي ھەمراھ ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتارلىق ساھەلەردىكى ياساش ئەمەلىي كۈچىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد