ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيە ساھەسى: سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-19 13:05

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا قاراپ راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، قارشىلاشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيە ساھەسى، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو تارىختىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت قوبۇل قىلىپ، داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىكتە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك دېدى.
ئامېرىكا خارۋارد داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ئالىسون تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو تارىختىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئاقىل ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىنى بەرپا قىلىپ، قارشىلىشىش ھالىتىنى تۈگىتىپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو «تۇسىدىدې تۇزىقى»غا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم، توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى تېپىش ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت ئالىمى جوسېف ناي ئۆزىنىڭ «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ ھەم جۇڭگو-ئامېرىكا رىقابىتى ۋە ھەمكارلىقى» دېگەن يېڭى ئەسىرىدە، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» ئارقىلىق ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى بېكىتىشكە بولمايدۇ دېدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا رىقابەت ۋە ھەمكارلىق مەۋجۇت، لېكىن «مەۋجۇتلۇق تەھدىتى» شەكىللەندۈرمەيدۇ، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە جەھەتتە بىر بىرىگە تايىنىدۇ، ئالاقىنى ئومۇميۈزلۈك ئاجىزلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشى باشقۇرۇپ، رىقابەت بىلەن ھەمكارلىقنىڭ چەك-چېگرىسى ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشى ئىگىلەپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
ئامېرىكىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى، داڭلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت ئوبزورچىسى فەرىد زاكارىيا يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە تىنچ، مۇقىم خەلقئارا مۇھىتنىڭ پايدىسىدىن قولغا كەلگەن، جۇڭگو نۆۋەتتىكى خەلقئارا تەرتىپكە جەڭ ئېلان قىلغۇچى بولماستىن، بەلكى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى. ئامېرىكا جۇڭگو خىرىسىنى كۆپتۈرۈپ، «جۇڭگوغا قارشى بىھۇدە سۆزلەرنى قىلماسلىقى»، تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى قارشىلىشىش ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلماسلىقى كېرەك.
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى-ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نۇرغۇن ھەقىقىي، ئەمەلىي بەخت-سائادەت ئېلىپ كەلدى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 200 نەچچە ھەسسە ئاشتى. جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 4 تىرىليون 440 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئاشقان. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ ساقلانما مىقدارى 260 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، 70 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا كارخانىسى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ، كەسپىنى گۈللەندۈردى، ئۇلارنىڭ يىللىق پايدىسى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى؛ جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشى يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.
ئامېرىكا-جۇڭگو سودا مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىرېگ ئاللېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سودا ئالاقىسى ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلۈك تىرىكى، ئامېرىكىدىكى جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە جۇڭگودىكى ئامېرىكا كارخانىلىرى بۇ بىر قانچە يىلدا «ئېلاستىكىلىق ۋە ئەۋرىشىملىك»نى نامايان قىلدى، ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق مۇھىم رول ئوينايدۇ، گەرچە خىرىس يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن مەن ئامېرىكا-جۇڭگو سودا ساھەسىنىڭ ئىجادچانلىقى، بايلىق قوزغىتىش ئىقتىدارى ۋە خىرىس ئىچىدىن ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش ئىرادىسىنى تۆۋەن چاغلىمايمەن.
جۇڭگو ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى خې مەيكې مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى يەر شارى مۇقىملىقىنىڭ تۈۋرۈكى، جۇڭگو يەر شارى تەمىنات زەنجىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن يۇغۇرۇلدى ھەم يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگودا تىجارەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئامېرىكا كارخانىلىرىنى قايتىدىن ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ھەم تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگوغا كېلىپ ئىمپورت كۆرگەزمىسى، گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى، تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسى قاتارلىق چوڭ ئىقتىساد-سودا پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگوغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭگودا پايدىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا چاب گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ئېۋان گرېنبېرگ ئامېرىكا «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك» دېدى. گرېنبېرگ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىقتىسادتا بىر-بىرىگە تايىنىدۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زىچ قىممەت زەنجىرىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس، بۇنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
بۈگۈنكى دەۋردە، ئىنسانلار جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ شۇنداقلا جۇڭگو-ئامېرىكا ۋە دۇنيا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىدە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ھەر ۋاقىت ئويلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يەر شارىنى ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
ئامېرىكىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى توماس فرىدمان يېقىندا ئامېرىكا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر مۇقىم بولغان 21-ئەسىرنى ئىشقا ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى كېرەك، ئەگەر رىقابەت ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي قارشىلىشىش ئىگىلىسە، ئۇنداقتا ئىككى دۆلەت جەزمەن قالايمىقانچىلىققا تولغان 21-ئەسىرگە دۇچ كېلىدۇ، دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان سۈنئىي ئەقىل، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلاشسا، دۇنياغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ.
ئامېرىكا دېنۋېر داشۆسى خەلقارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى قوشۇمچە ئامېرىكا-جۇڭگو ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ سۈيشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى. ئەگەر ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو توقۇنۇشۇپ، قارشىلىشىپ قالسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىككىلا تەرەپ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ شۇنداقلا دۇنياغا غايەت زور زەربە بولىدۇ. جاۋ سۈيشېڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئىجابىي مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك، بۇ، ئىككى دۆلەت ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيەت شۇنداقلا چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىغا، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا، ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋى خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىلىق. مەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆزلىشىشىشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى سىتىفېن ئولۇنس جۇڭگو-ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىدە سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى قانچە قىيىن بولغان چاغدا، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى شۇنچە زور جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىجابىي، مول-ئۈنۈملۈك مۇناسىۋىتى ئامېرىكا خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كېلىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىكتە تىرىشىپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيە ساھەسى: سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى كېرەك

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى