دۇنيا ئامېرىكىنىڭ كىلىمات سىياسىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېغىر دەرىجىدە «چېكىنىشى»دىن ئەندىشە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كىلىماتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى-كوپېرنىك كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇلازىمەت ئىدارىسى شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 2024-يىلىنىڭ 1850-يىلىدىكى ئالاقىدار خاتىرىلەردىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق يىل ئىكەنلىكىنى، كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق كىلىمات كۆرسەتكۈچلىرىدە رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
دۇنيا ھاۋا رايى تەشكىلاتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتىمۇ بۇ نەتىجە ئىسپاتلاندى.
بۇ تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى سانائەتلىشىشتىن بۇرۇنقى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تەخمىنەن 1.55 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولۇپ، 1.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقان تۇنجى يىل بولغان.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئىسسىق دولقۇن، قۇرغاقچىلىق ۋە تاغ ئوت ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەرنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە ئاتموسفېرادىكى سۇ پارىنىڭ مىقدارىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ناچار ھاۋا رايى ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دۇنيا ھاۋا رايى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى كلاير نۇلىس ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىنىڭ گەۋدىلىنىشىدىكى يەنە بىر ئېنىق سىگنال، بۇ دەل كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان ناچار ھاۋا رايى ھادىسىسىگە ئەگىشىپ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، «ھاياتلىق، تىرىكچىلىك، ئۈمىد ۋە ئارزۇغا تەسىر كۆرسەتتى».
ياۋروپا 2024-يىلى ناچار ھاۋا رايى ھادىسىسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى. ئۆتكەن يىلى ئىتالىيە، فىرانسىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يازدا تېمپېراتۇرا ئۇدا ئۆرلىدى، بەزى رايونلاردا تېمپېراتۇرا ئۇدا ئۆرلەپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى.
ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا 24 مەيدان كېلىمات ئاپىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، جەمئىي بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچرىدى. ئەمما ئۆتكەن يىلىدىكى قارا بوران قاتارلىق ئاپەتلەر ھازىرغىچە تولۇق بىر تەرەپ قىلىنماي تۇرۇپ، ھازىر يەنە كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ جەنۇبى قىسىمىدىكى نۇرغۇن جايلاردا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور تاغ ئوت ئاپىتى يەنە يېڭىدىن ھاياتلىق ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.
تەھلىلدە مۇنداق دەپ قارالدى: بوران ۋە قۇرغاقچىلىق جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى تاغ ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىل، بۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى شارائىتنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋەتتى.
ياۋروپا ئورمان تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى لىندېن پرونتو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆيۈشىنى تىزلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ سانى ھەر يىلى بىر ھەسسە ئاشتى، شۇڭا تاغ ئوت ئاپىتى پەسلىمۇ بارغانسېرى ئۇزىراپ كەتتى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى تاغ ئوت ئاپىتىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى.
دۇنيا ھاۋا رايى تەشكىلاتى قاتارلىق كەسپىي ئاپپاراتلار ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى باھالاش نەتىجىسىگە قارىتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان كىلىمات كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
گۇتېررېس يېقىندا يېڭى يىللىق سۆزىدە پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى نۇقتىلىق تىلغا ئالدى. ئۇ : 2025-يىلى، ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، تىرىلمە ئېنېرگىيەنىڭ كەلگۈسىگە ئۆتىشىنى قوللاپ، دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر يولغا باشلىشى كېرەك. بۇ زۆرۈر ھەم مۇمكىن، دېدى.
كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان كىلىمات كىرىزىسىغا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ پائال تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. لېكىن، ئامېرىكا يەر شارى بويىچە ئىقتىسادىي كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەرەققىيات دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، شۇنداقلا تارىختا پارنىك گازىنى ئەڭ كۆپ قويۇپ بەرگەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئۇزاق مۇددەت «چېكىندى».
نۇرغۇن كىشىلەر زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ترامپ ئاق سارايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ كىلىمات سىياسىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى.
ترامپ كۆپ قېتىم: كىلىمات ئۆزگىرىشى بىر مەيدان «ئالدامچىلىق»، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، ئامېرىكا 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى «پارىژ كېلىشىمى»دىن رەسمىي چېكىنىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھازىرغا قەدەر «پارىژ كېلىشىمى» دىن چېكىنىپ چىققان بىردىنبىر ئەھدىنامە تۈزگەن تەرەپ بولۇپ قالدى. بۇ ھەرىكەت خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىت ئاسراشنى تەشەببۇس قىلغۇچى كۈچلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
تىرامپ ئۆتكەن يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە، ئەگەر يەنە بىر قېتىم ئاق سارايغا كىرسەم، ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم «كېلىشىمدىن چېكىندۈرۈپ چىقىمەن» دېدى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپنىڭ ئۆتكۈنچى ئۆمىكى بىر قاتار مەمۇرىي بۇيرۇق ۋە ئېلانلارنى تەييارلاپ قويغان بولۇپ، مەزمۇنى «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ خەلقئارا كىلىمات سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى جون بودېستا تاشقى ساھەگە: ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش خىزمىتىدە چېكىنىش كۆرىلىشى مۇمكىن. ناھايىتى ئېنىقكى، كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتە 180 گىرادۇس بۇرۇلۇش بولىدۇ. ماڭا ئايانكى، بىز دۇچ كەلگەن خەتەرنىڭ تېخىمۇ ئاپەت خاراكتېرلىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ئۈمىدسىزلىككە ئادەم تېخىمۇ چىدىيالمايدۇ، لېكىن بۇ رېئاللىق، دېدى.
تارىختىكى ئەڭ چوڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ كىلىمات سىياسىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ كىلىمات ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ كىلىمات ھەرىكىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كىلىمات ھەرىكىتىگە مەسئۇل ئەزاسى ۋوپۇك خۇكىستىرا يېقىندا: ئەگەر تىرامپ ئامېرىكىنى «پارىژ كېلىشىمى» دىن يەنە چېكىندۈرسە، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تىرامپنىڭ يەنە بىر قېتىم ھوقۇق تۇتۇشى 2030-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن كاربون تۆت ئوكسىد ئېكۋىۋالېنت مىقدارىنىڭ 4 مىليارد توننىدىن ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ دۇنيادىكى قويۇپ بېرىش مىقدارى ئەڭ ئاز بولغان 140 دۆلەتنىڭ قويۇپ بېرىش ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ بولىدىكەن
بۇ ئوشۇقچە 4 مىليارد توننا كاربون تۆت ئوكسىد ئېكۋىۋالېنتى يەر شارىغا 900 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستىقبالىغا قارىتا، ئەنگلىيە برىستول داشۆسىنىڭ يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەش پروفېسسورى چيۇكۇمېرىج ئوكرېك ئۈمىدسىزلىنىپ مۇنداق دېدى:«بىز ئۆزىمىزنى ۋەيران قىلىش يولىنى بويلاپ مېڭىۋاتىمىز.كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، گەرچە ئالىملار ھەر خىل ئاگاھلاندۇرۇشلارنى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن باي دۆلەتلەر يەنىلا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل خەلقئارا قانۇن ۋە سىياسەتلەردە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالمىدى. بۇ كىشىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا