ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يون سوكيول قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-21 17:06

كورېيەنىڭ خىزمەتتىن توختىتىلغان زۇڭتۇڭى يون سوكيول 1-ئاينىڭ 15-كۈنى قولغا ئېلىندى، ئارقىدىن كورېيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى. يون سوكيول شۇنىڭ بىلەن كورېيە ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى تارىخىدىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە قولغا ئېلىنغان تۇنجى زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى.
بۇ كورېيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ يون سوكيولغا قارىتىلغان قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىككىنچى قېتىم ئىجرا قىلىشى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: كورېيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى ۋە ساقچى تەرەپ تۇنجى قېتىملىق قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىپ، بۇ قېتىمقى قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. يون سوكيول ئەمدى سوراق قىلىنىدۇ ۋە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ، ئېغىر جىنايەتكە چېتىلغاچقا، ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كورېيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ يون سوكيولنى ئەيىبلەش دېلوسىنى قاراپ چىقىشىمۇ تېزلىشىشى مۇمكىن.
كورېيە YTN تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ بۇ قېتىمقى قولغا ئېلىش ھەرىكىتى مۇھاپىزەت باشقارمىسىنىڭ روشەن قارشىلىقىغا ئۇچرىمىغان. تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشچە، كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى يون سوكيولنى تۇتۇشقا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغان مۇھاپىزەتچىلەرنى ئالاھىدە ھۆكۈمەت ئىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالىمىز، بۇ ئۇلارنىڭ پېنسىيە پۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، بەلگىلىك تەھدىت پەيدا قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، زۇڭتۇڭ مۇھاپىزەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پياۋ جۇڭجۈن 1-ئاينىڭ 10ـ كۈنى ئالاھىدە ھۆكۈمەت ئىشى ئىجراسىغا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە مۇھاپىزەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، بۇ مۇھاپىزەت باشقارمىسىنىڭ مۇھىم خادىملىرىنىڭ پىسخىكا مۇداپىئە سېپىنى مەلۇم دەرىجىدە تەۋرىتىپ قويغان.
«قولغا ئېلىنىش» مۇ ياكى «ئىختىيار قىلىش» مۇ؟
يون سوكيول كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىغا بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يون سوكيول تەرەپ ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ سارىيىدا ئالدىن سۈرەتكە ئالغان ۋىدېيوسىنى ئېلان قىلدى. يون سوكيول ۋىدېيودا: قانلىق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گەرچە قانۇنسىز تەكشۈرۈش بولسىمۇ، يەنىلا كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
كورېيەدىكى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە ئورتاق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى پياۋ زەندا يون سوكيولنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا: بۇ ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى دېدى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يون سوكيولنىڭ زادى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلىقى ياكى قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا يون سوكيول تەرەپ بىلەن كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى ئوخشاش بولمىغان ئىپادە بىلدۈردى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، يون سوكيولنىڭ ئادۋوكاتلار ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى بىلەن يون سوكيولنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دېلو ئۈستىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى توغرىسىدا كېڭىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى بۇ قاراشنى قوبۇل قىلماي، «قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش نىشان ۋە مەقسەت، زۇڭتۇڭ يون سوكيولنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىنى ئويلاشمايمىز» دېدى.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقىي شىمالىي ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دا جىگاڭ مۇنداق دەپ قارىدى: يون سوكيول «ئىختىيارى بولۇش» پوزىتسىيەسى ئارقىلىق ئەل رايىغا ۋە ئاممىۋى پىكىرنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يون سوكيولنىڭ «ئارقىغا سۆرەش تاكتىكىسى» بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئادۋوكاتلار كوللېكتىپىنى تەشكىللەش، سوتتا دەلىل ـ ئىسپات توپلاش قاتارلىق خىزمەتلىرى «ئارقىغا سۆرەش» جەريانىدا مۇكەممەللەشكەن. ئەگەر يون سوكيول تېخىمۇ كۆپ سەۋەب ۋە قانۇننىڭ قوللىشى بولمىغان ئەھۋالدا داۋاملىق كەينىگە سۆرىسە، ئەكسىچە بۇ ئۇنىڭغا پايدىسىز بولىدۇ.
كەلگۈسى تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟
كورېيە تارتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 11 دە مەركىزىي ھۆكۈمەت گوچۈەن خىزمەت بىناسىدىكى كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى ئىشخانىسىدا يون سوكيولنى تەكشۈرگەن، ئارقىدىن ئۇنى سېئۇلدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ قاماپ تۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سائەت 11 دىن 13 تىن 30 مىنۇت ئۆتكۈچە بولغان تەكشۈرۈشتە، يون سوكيول باشتىن-ئاخىر بايان قىلىشنى ھەمدە سوراق قىلىش جەريانىنى ئۈن-سىنغا ئېلىشنى رەت قىلدى. يون سوكيولنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ،كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىىنىڭ زۇڭتۇڭنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ھازىرلىمىغانلىقىنى، قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنىڭ «قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى، كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى بىلەن ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى قانۇنسىز ئىجرا قىلىشتىكى قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى يون سوكيولنىڭ جىددىي ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى جاكارلاش ۋەقەسىنىڭ جەريانى، ئاساسلىق سىياسىي ئەربابلارنى قولغا ئېلىشقا كۆرسەتمە بەرگەن-بەرمىگەنلىكى، پارلامېنتنىڭ فۇنكسىيەسىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئۇرۇنغان - ئۇرۇنمىغانلىقى، ئىككىنچى قېتىملىق جىددىي ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى پىلانلىغان - پىلانلىمىغانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن تەكشۈرۈش مەسىلىلىرىنى تەييارلىغان. بىراق، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كورېيە زۇڭتۇڭىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قاماش ۋەقەسى ئىلگىرى يۈز بېرىپ باقمىغان بولغاچقا، ئالاقىدار تەرەپلەر مۇھاپىزەت قىلىش، ئېھتىيات تەدبىرى ۋە ئىززەت-ئىكرام سەۋىيەسى قاتارلىق ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ.
كورېيە قانۇنىدا، كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى يون سوكيولنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، پەقەت 48 سائەت تۇتۇپ تۇرۇپ سوراق قىلىدۇ، ئاندىن تۇتۇپ تۇرۇش بۇيرۇقىنى ئىلتىماس قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. تۇتۇپ تۇرۇش بۇيرۇقى ئىلتىماسى تەستىقلانغان ھامان، تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 20 كۈن بولىدۇ.
يون سوكيولنىڭ تەقدىرى كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەش دېلوسىنى قاراپ چىقىشىغا باغلىق. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ يون سوكيولنى تەكشۈرۈش ۋاقتى، تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 20 كۈن بويىچە ھېسابلىغاندا، 2-ئاينىڭ 6-كۈنلىرىگىچە داۋاملىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە ئەيىبلەش دېلوسى توغرىسىدا بەش قېتىم رەسمىي مۇنازىرە ئۆتكۈزىدۇ.
كورېيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى يون سوكيولنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن يون سوكيول سۈكۈت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، قىسمەن مەسىلىلەرگە تاللاپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن، تەكشۈرۈش جەريانى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. يەنە بەزى تەھلىللەردە مۇنداق دەپ قارالدى: سابىق باش تەپتىش ئەمەلدارى يون سوكيول قانۇن بىلىملىرى ۋە تەكشۈرۈش تەجرىبىسى ئارقىلىق گۇماننى ئىنكار قىلىدۇ.
كورېيە چىڭۋاتەي دۆلەت ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى چۈەن چىجى مۇنداق دەپ قارىدى: يون سوكيول «ئىچكى قالايمىقانچىلىق جىنايىتىنىڭ باشلامچىسى» دەپ ئەيىبلەنگەچكە، كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى ئۇنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش بۇيرۇقى ئىلتىماس قىلىدۇ. يون سوكيول ئېغىر جىنايەتكە چېتىلغاچقا، تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە تەپتىش تەرەپ تەرىپىدىن ئەرز قىلىنىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى يون سوكيولنى ئەيىبلەش دېلوسىنى قاراپ چىقىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى ياكى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كېسىم چىقىرىشى مۇمكىن. 
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يون سوكيول قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن...

كورېيەنىڭ خىزمەتتىن توختىتىلغان زۇڭتۇڭى يون سوكيول 1-ئاينىڭ 15-كۈنى قولغا ئېلىندى، ئارقىدىن كورېيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ