غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
قاتارنىڭ باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەد 1-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى كۈتكىلى ئۇزۇن بولغانىدى.
مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكا 1-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە شۇ كۈنى ھاسىل قىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى جەمئىي ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈندى. بىرىنچى باسقۇچنىڭ ۋاقتى 42 كۈن بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىش، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى نوپۇس زىچ رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىش، ئىككى تەرەپتىن تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئىككى تەرەپ قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى ئالماشتۇرۇش، غەززەدىكى سەرگەردانلارنىڭ يۇرت-ماكانىغا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يارىدارلارنىڭ غەززەدىن ئايرىلىپ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەززەگە بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بىرلەشمە باياناتتا ئىككىنچى، ئۈچىنچى باسقۇچنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تىلغا ئېلىنمىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە كېلىشىم ئارقىلىق تۇتۇپ قىلىنغانلارنى قۇتقۇزۇپ، ئۆزى يادرولۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، پەلەستىن بولسا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشىپ «ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش» پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، بۇ بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.
خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خەلىل ھايا 1-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش «پەلەستىن خەلقىنىڭ كۈرىشىدىكى تارىخىي پەيت»، دېدى.
ياراشتۇرغۇچى تەرەپ كېلىشىمنىڭ ئۈچ باسقۇچىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ پەسىيىشىدىن ئۈمىد بار.
خەلقئارا ياراشتۇرغۇچى تەرەپ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى قالايمىقانچىلىق تەرەققىي قىلىپ رايوندىكى كۆپ دۆلەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئېرۇسالىمنىڭ ئورنى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەردە يەنىلا تۈپ زىددىيەت مەۋجۇت، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش-بولماسلىقى يەنىلا نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
1-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەززە شەھىرىگە بولغان ھەربىي ھەرىكىتىنى كېڭەيتتى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەنگىچە داۋاملىشىپ، غەززە ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى رافا، ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسېيرات ۋە شىمالدىكى چوڭ ئىمارەتلەرنى ۋەيران قىلدى. قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۇجۇمدا جەمئىي 32 ئادەم قازا قىلغان.
2023-يىلى 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قىزىل دېڭىز ۋە ئەرەب دېڭىزى ساھىلىدىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىلىيەدىن غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيەمۇ قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ نىشانلىرىغا كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، يېقىنقى بىر مەزگىلدە تېخىمۇ كۆپ بولدى.
ئۇزاقتىن بۇيان غەربتىكى ئاممىۋى پىكىر خاماس، لىۋان جېنجۇداڭى، قۇسەي قوراللىقلىرى، بىر قىسىم ئىراق خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىقلىرىنى ئىران يېتەكچىلىكىدىكى ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان «قارشىلىق يايى»نىڭ ئەزاسى، دەپ قاراپ كەلدى. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتىز كۆپ قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈپ: ئىسرائىلىيە خاماس بىلەن لىۋان جېنجۇداڭىنى مەغلۇپ قىلدى شۇنداقلا قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ، دېدى.
1-ئاينىڭ 15-كۈنى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشتىن بۇرۇن، يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى ئامېرىكىنىڭ «ترۇمېن» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنىڭ قىزىل دېڭىز سۇ تەۋەلىكىگە كىرگەندىن بۇيان 6-قېتىم ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، قۇسەي قوراللىقلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى غەززە توقۇنۇشى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئىش، دېدى. ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننى داۋاملىق ئىشغال قىلىشى رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدۇ.
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن قۇسەي قوراللىقلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇش يېڭى رايون قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالامدۇ-يوق. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى قۇسەي قوراللىقلىرى مەسىلىسى تېخى ھەل قىلىنمىدى، لېكىن ئالاقىدار تىرىشچانلىقلار داۋاملىشىۋاتىدۇ، دېگەن.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد