ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىتتىپاقلىشىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش» جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-21 17:09

ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. كىشىلەر يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى ھەمكارلىشىپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلىش سادالىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، رۇسىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» ئوبزور ئېلان قىلىپ: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ تىنچ ئۆتۈشى پۈتۈن دۇنياغا پايدىلىق، دېدى؛ پاكىستاندا چىقىدىغان «كۈندىلىك ۋاقىت گېزىتى» دە: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ دۇنياۋى ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا خەلقىنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق دەپ ھېسابلاندى. يېقىندا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى توماس فىرىدمان: «مۇقىم 21-ئەسىرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو چوقۇم قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى كېرەك» دەپ مۇراجىئەت قىلدى.
تەرەققىيات تىنچلىقنىڭ كاپالىتى. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئىقتىسادىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ئىدى. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز، تەرەققىياتى تەڭپۇڭسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى دۇنيانىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتتى، دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ تورتنى چوڭايتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيىتى ۋە ئىقتىدارى بار.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2025-يىللىق ئامېرىكا لاسۋىگاس ئىستېمال ئېلېكتىرون كۆرگەزمىسىدە، 1500 گە يېقىن جۇڭگو كارخانىسى كۆرگەزمىدە كوللېكتىپ ئايان بولدى. جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ چوڭقۇر ئالاقىسى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلققە بەخت يارىتىشتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. دۆلەت ھالقىغان نۇرغۇن شىركەتلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىزگە نىسبەتەن بىر مۇھىم بازار، يەنىلا دۇنيا تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تەتقىقات بازىسى. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئەگەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيا تەرەققىياتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئالدىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېچىۋېتىلگەن بازار بەرپا قىلسا ھەمدە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتسە، ئۇنداقتا ئىككى دۆلەت دۇنيا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولالايدىكەن، دۇنيا سودا ئومۇمىي مىقدارى ھەر يىلى يېڭىدىن 2 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپىيىدىكەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ سابىق ئىقتىسادشۇناسى مۇۋانجى ۋاجىرا باھا بەرگەندەك، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى دۇنياغا مۇقىملىق ۋە كۆزلىگىلى بولىدىغان پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىدارە قىلىش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشتىكى يەنە بىر ساھە. جۇڭگو ـ ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، «11ـ سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن قول تۇتۇشۇپ تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىن ئىبولا ۋىرۇسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقىچە، ئاندىن «پارىژ كېلىشىمى»نى ئىمزالاشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشىپ، ئارقا ـ ئارقىدىن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى. بۇلتۇر 10ـ ئايدا، ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى كارنېگ خەلقئارا تىنچلىق فوندى جەمئىيىتى «2030ـ يىللاردىكى جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى :ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان رېئال پەرەزگە قەدەم تاشلاش» تېمىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىلىمات كىرىزىسىنى باشقۇرۇشتىن سۈنئىي ئەقىلنى قېلىپلاشتۇرۇشقىچە، ئاندىن يادرو خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىش، دۇنيا بويىچە كېيىنكى قېتىملىق تارقىلىشچان كېسىللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىچە، پۈتۈن دۇنيا جۇڭگو ـ ئامېرىكا ھەمكارلىقىدىن نەپكە ئېرىشىدۇ. «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە تېخىمۇ تەسىر كۈچىگە ئىگە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا پايدىلىق.
ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇسۇلى دۇنيانى ئەندىشىگە سالدى. 1-ئاينىڭ13-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈنئىي ئەقىلگە ئالاقىدار ئېكسپورت باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئۆزەك، مودېل پارامېتىرى قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چىڭىتتى، يەنە 3ـ تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن نورمال سودا قىلىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلدى. بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھاسىل قىلغان سۈنئىي ئەقىلنى ئىدارە قىلىش ئورتاق تونۇشىغا زىت بولۇپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا زەربە بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا پايدىسىز.
بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، داۋالغۇش بولۇۋاتقان دۇنيادا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشى، بىر-بىرىنى خوراتماسلىقى كېرەك. قانداق قىلغاندا ئۆزئارا ياخشى ھەمتۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟ بۇلتۇر 11ـ ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ـ ئامېرىكا باشلىقلىرى لىما ئۇچرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئالاقىسىدىكى يەتتە تۈرلۈك تەجرىبە ئىلھامىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
ئىقتىدار قانچە چوڭ بولسا، مەسئۇلىيەت شۇنچە چوڭ بولىدۇ. خۇددى 80 يىل ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغانغا ئوخشاش، 80 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىش ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يەنىلا تارىخقا، خەلققە، دۇنياغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئىتتىپاقلىشىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا ئېنىقلىق ئاتا قىلىشى، ئىجابىي كۈچ قوشۇشى كېرەك.#
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل، سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىتتىپاقلىشىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش» جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ

ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. كىشىلەر يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى ھەمكارلىشىپ دۇنياۋى خىرىسقا