بىرازىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئامېرىكا تەرىپىدىن قايتۇرۇلۇش جەريانىدا ناھايىتى ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلدى
سېسار رۇستىنو يېقىندا بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بېلوخورىزونتې خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىققاندا يۈكۈنۈپ يەرنى سۆيدى. ئۇ، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن قايتۇرۇۋەتكەن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 111 بىرازىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەننىڭ بىرى.
2-تۈركۈمدە قايتۇرۇۋېتىلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان ئىجارە ئايروپىلان 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكىنىڭ لۇئىساننا ئىشتاتى ئالېكساندىر شەھىرىدىن ئۇچۇپ، بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سېئارا ئىشتاتىنىڭ فورتالېزا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قاراپ يولغا چىقتى. يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 96 كىشى بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ بېلوخورىزونتېغا باردى.
رۇستىنو بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكىغا بارغان، مەقسىتى-خىزمەت تېپىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئىدى. لېكىن، ئۇ يېتىپ بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋاز كەچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن قىيىن، مەن ھەر قانداق ئادەمگە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن. مەن تۆت ئاي تۇتۇپ تۇرۇلدۇم، ئامېرىكىدا نۇرغۇن مەسىلە بار، ئۇلار ھەممە ئادەمنى قوغلاپ چىقاردى. قايتۇرۇۋېتىش جەريانىدا قولىمىزغا كويزا سالدى، 24 سائەتتىن ئارتۇق كويزىلىق تۇردۇق، ھەقىقەتەن بەك ئازابلىق! ئامېرىكا يېمەكلىك بەرمىدى، سۇ يوق بولغاچقا، بەك بىئارام بولدۇق. بىرازىلىيەنىڭ ئوتتۇرسىدىكى گوياس ئىشىتاتىدىن كەلگەن بۇ ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىسى ئۆزى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋىرلىگەندە يىغلاپ كەتتى.
26 ياشلىق شوپۇر ئاندىرې دوست سانتوس ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدا تۇراتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر ھەپتىدە يەتتە كۈن، ھەر كۈنى چاتما ئاپتوموبىل ئۈستىدە تەخمىنەن 14 سائەت ئىشلەپ، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلتۇر 11-ئايغا كەلگەندە، ئۇ ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا قانۇن ئىجرا ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. دوست سانتوس ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ كۈنى دۈشەنبە ئىدى، ئەتىگەن سائەت سەككىزلەردە، بىر ساقچى ماشىنىسى مېنىڭ ئىزىمغا چۈشۈشكە باشلىدى. كېيىن مەن ماي قاچىلاش پونكىتىغا باردىم، تۇيۇقسىز 10 نەچچە ساقچى مېنى قورشىۋالدى ھەم قولغا ئالدى. مەن ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا قانۇن ئىجرا ئىدارىسىدە ئۈچ ئاي تۇردۇم، بەك قورقۇنچلۇق ئىكەن! ئۇ بىر چىدىغۇسىز ئازاب بولدى، مەن ھايات قايتىپ كېلەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال، بۇنداق ھاقارەتنى يەنە باشتىن كەچۈرگۈم يوق.
گوياس ئىشتاتىدىن كەلگەن ياغاچچى رافائېل ماسىيانو ئامېرىكىدا 10 يىل ياشاپ، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قايتۇرۇۋېتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئەسلەش بەك ئېغىر كېلىدۇ، بىز ئايروپىلانغا چىققاندا كويزا، كىشەن سېلىنىپ، ناھايىتى چىڭ باغلاندۇق، ھاجەتخانىغا بارساقمۇ كويزا-كىشەننى ئېلىۋېتىشكە يول قويمىدى. ئايروپىلاندا بىر بىرازىلىيەلىك ئىچىدىغان دورىنى تاپشۇرۇپ ئالالمىغانلىقتىن ھوشىدىن كەتتى، ئۇ دورا يېيىشى كېرەك ئىدى، مەن ئۇنىڭغا تەرجىمانلىق قىلدىم، ئۇ دورا ئالىمەن دېدى، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرمىدى. كېيىن ئۇ يىقىلىپ چۈشتى، بېشى پولغا سوقۇلۇپ، شۇ يەردە يېتىپ قالدى، تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن كېيىن، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىپ ئورنىغا تاشلىۋەتتى.
سېئارا ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت 2-ئاينىڭ 7-كۈنى بىز ئامېرىكىنىڭ بىرازىلىيەلىك كۆچمەنلەرنى قايتۇرغاندا، ئۇزۇن يوللۇق ئۇچۇش جەريانىدا ئۇلارغا كويزا، كىشەن سالغان ۋە يېمەكلىك تارقاتمىغاندىن سىرت، يەنە باشقا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە تۇتۇش قىلىۋاتىمىز دېدى.
ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى كەڭ كۆلەمدە قايتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلەتتى. 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئىجارىگە ئالغان ئايروپىلانى بىرازىلىيەنىڭ شىمالىدىكى مانائۇس شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا، قايتۇرۇۋېتىلگەن 88 بىرازىلىيەلىكنىڭ قولىغا يەنىلا كويزا سېلىنغان ئىدى، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى بۇنى «كىشىلىك غۇرۇرغا ھاقارەت قىلغانلىق» شۇنداقلا «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ قارىدى. بىرازىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ بىرازىلىيەدىكى ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسىنى چاقىرتىپ كۆرۈشتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار