ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئەربابلار جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئۈمىد بىلەن قارىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-17 16:33

بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى، چاغانلىق بازاردا يارقىن نۇقتىلار كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلدى، ئىستېمالنىڭ يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى كۆپ نۇقتىدىن بارلىققا كەلدى، «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتتى؛ چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سەككىز كۈندە پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىغان كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى 2 مىليارد 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشتى؛ كىنو كۆرۈش جۇڭگولۇقلارنىڭ «يېڭى يىللىق ئادىتى»گە ئايلاندى، چاغانلىق كىنو بېلەت كىرىمى 9 مىليارد 510 مىليون يۈەنگە، كىنو كۆرگۈچىلەر 187 مىليونغا يېتىپ، چاغانلىق بېلەت كىرىمى ۋە كىنو كۆرگۈچىلەر قېتىم سانى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلدى ...... قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن چاغان ئىقتىسادى بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ياخشى باشلىنىش بولدى. چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئەربابلار ئومۇميۈزلۈك: جۇڭگونىڭ چاغىنى دۇنياغا خۇشاللىق ۋە ئاسايىشلىق يەتكۈزدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشى دۇنياغا ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى، دەپ قارىدى.
كۇبا لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو چاغانلىق سەككىز كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى ساياھەت ئېھتىياجى ئېشىپ، ئىچكى ئىستېمال بازىرى ئاۋاتلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2025-يىلى چاغاندا جۇڭگو كىنو تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى بېلەت كىرىمى يارىتىلدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالاقىدار ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويدى، نۇرغۇن كەسىپلەر بۇنىڭدىن نەپ ئالدى، بۇ يېڭى يىللىق ئىقتىسادقا پايدىلىق بولدى، جۇڭگونىڭ چاغان مەزگىلىدىكى كىنو بازىرىنىڭ قىزغىنلىقى بۇ تەدبىرلەرنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى گەۋدىلەندۈردى.
تايلاند كەيتەي بانكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرى سەي ۋېيسەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرىدا پائال جانلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، غايەت زور جۇڭگو بازىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.
بىرازىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ مالىيە-ئىقتىساد ژۇرنىلى «كۆزىتىش» ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ 2025-يىلى چاغان مەزگىلىدىكى ئىستېمال ئاكتىپلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىستېمال بازىرىدىن يەنىمۇ ئۈمىدلەندۈردى. جۇڭگو بۇلتۇر ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.
پورتۇگالىيەدە چىقىدىغان «فېرگېراش ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تەڭشەپ كونترول قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندى.
ئىراقلىق ئىقتىسادشۇناس مەھمۇد بابان مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلايدۇ، ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.
نۇرغۇن ساياھەت سۇپىلىرى يېقىندا ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتنى  ئېلان قىلدى، بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى ساياھىتى، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بازاردا ساياھەتكە چىققانلار سانى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىستېمال كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
كېنىيە «يۇلتۇز گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: چاغان جەم بولۇش ۋە تەبرىكلەشتىن دېرەك بېرىپلا قالماي، جۇڭگونىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر چاغان مەزگىلىدە ساياھەت قىلىپ، ئىستېمال بازىرىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.
جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قويۇق چاغان پۇرىقى ۋە قىزغىنلىق تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىكلەرنى جۇڭگوغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. جۇڭگو بىلەن 26 دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشىغا ئەگىشىپ، 38 دۆلەتكە قارىتا ئۆز ئالدىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى، شۇنداقلا 54 دۆلەتنىڭ چېگرادىن ئۆتۈش ۋىزىسى كەچۈرۈم قىلىندى، «جۇڭگودا ساياھەت قىلىش» تېخىمۇ مودا بولدى.
«ساياھەت ۋە ساياھەت دۇنياسى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو چېگرادىن ئۆتۈش ۋىزىسى كەچۈرۈم قىلىنغان چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرا ئىچىدە تۇرۇش ۋاقتىنى 240 سائەتكە ئۇزارتتى، بۇ سىياسەت جۇڭگونىڭ يەر شارى ساياھەت بازىرىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق.
چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئۇزىرىشى، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، كۆپ دۆلەت ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا خۇش-خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ساياھەت سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل چاغاندا جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىلى چېگرا سىرتىدىكى 2100 دىن ئارتۇق شەھەرنى قاپلىغان؛ چاغاننىڭ تۇنجى كۈنى، جۇڭگونىڭ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش زاكىزى بۇلتۇرقى چاغاننىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشقان، چەتئەللەردە ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش ۋە ئىشىك بېلىتىنى زاكاز قىلىش %70 ئاشقان.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئەربابلار جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئۈمىد بىلەن قارىدى

قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن چاغان ئىقتىسادى بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ياخشى باشلىنىش بولدى. چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئەربابلار ئومۇميۈزلۈك: جۇڭگونىڭ چاغىنى دۇنياغا خۇشاللىق ۋە ئاسايىشلىق يەتكۈزدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشى دۇنياغا ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى، دەپ قارىدى.