ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نېفىتتىن باشقا تاشقى سودىسى تېز سۈرئەتتە ئاشتى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاگېنتلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تاشقى سودىسى داۋاملىق ئاشقان، نېفىتتىن باشقا تاشقى سودا سوممىسى تۇنجى قېتىم 3 تىرىليون دىرھەم (تەخمىنەن 815 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) غا يەتكەن.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نېفىتتىن باشقا تاشقى سودىسى 299 مىليارد 700 مىليون دىرھەمگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.6 ئاشقان. بۇ دۇنيا سودىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سەۋىيەسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا دۇنيا تاۋار سودا مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاران %2.4 بولغان.
رېكورت يارىتىش سودا سوممىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ نېفىتتىن باشقا تاۋارلار ئېكسپورتىنىڭ تېز ئېشىشى. 2024-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نېفىتتىن باشقا تاۋارلارنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 561 مىليارد 200 مىليون دىرھەمگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.6 ئاشقان. نېفىتتىن باشقا مەھسۇلاتلار ئېكسپورتىنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2019-يىلىدىكى %14.1، 2023-يىلىدىكى %16.8 تىن 2024- يىلى %18.7 كە ئۆرلىگەن.
2024-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇنيادىكى ئون چوڭ سودا ھەمراھى بىلەن بولغان نېفىتتىن باشقا سودا سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان نېفىتتىن باشقا سودا سوممىسى بولسا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئالدىنقى ئون چوڭ سودا ھەمراھىغا قىلغان نېفىتتىن باشقا ئېكىسپورتى %37.1، باشقا دۆلەتلەرگە قىلغان نېفىتتىن باشقا ئېكىسپورتى %13.4 ئاشتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن «ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»ئىمزالىدى، 2024-يىلى «ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ھەمراھلىرىنىڭ نېفىتتىن باشقا ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 135 مىليارد دىرھەم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.3 ئېشىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نېفىتتىن باشقا ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %24 ئىنى ئىگىلىدى، ھىندىستان بىلەن تۈركىيە نېفىتتىن باشقا ئېكسپورت قىلىدىغان ئىككى ئاساسلىق مەنزىلى. 2024-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نېفىتتىن باشقا ئىمپورت سوممىسى 1 تىرىليون 701 مىليارد دىرھەمگە يېتىپ، 2023-يىلىدىكىدىن %14.2 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالدىنقى ئون چوڭ سودا ھەمراھى بىلەن بولغان نېفىتتىن باشقا مەھسۇلاتلار ئىمپورتى %6.7 ئاشتى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان نېفىتتىن باشقا مەھسۇلاتلار ئىمپورتى %22.3 ئاشتى.
2024-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۆتەڭ سودىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، 734 مىليارد 400 مىليون دىرھەمگە يېتىپ، 2023-يىلىدىكىدىن %7.3، 2022-يىلىدىكىدىن %14.1، 2021- يىلىدىكىدىن %36.2 ئاشتى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، زۇڭلىسى شەيخ مۇھەممەد بىن راشىد مۇنداق دېدى: 2024-يىلى دۇنيا سودىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاران %2 بولدى، ئەمما ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بۇ ساننىڭ يەتتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ %14.6 گە يىتىپ كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پىلانغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۈرئەت بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 2021-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2031-يىلىغا بارغاندا يىللىق تاشقى سودا سوممىسىنى 4 تىرىليون دىرھەمگە يەتكۈزۈش نىشانىنى بېكىتتى. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۇ نىشاننىڭ %75 ئىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ سۈرئەت بويىچە بولغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۇ نىشاننى مۇددەتتىن نەچچە يىل بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى سودىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى زەييۇد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاشقى سودىنى كېڭەيتىش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسى، 2024-يىلى رېكورت ياراتقان سودا مىقدارى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جانلىقلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يېڭى ئىقتىسادىي تارماقلارغا مەبلەغ سېلىپ، يېڭى ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، يېڭى ئۇزاق مۇددەتلىك قىممەت يارىتىش ۋاسىتىلىرىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، 2025-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن «ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىشنى كۈتمەكتە.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت