ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئېلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-18 10:21

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىققا كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەسىرى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىكى بايراقدار تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشىدىكى ئۈلگىگە ئايلىنىپ، پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولماقتا.

  كاروت سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى تۇنجى سۇ ئېلېكتىرى مەبلەغ سېلىش تۈرى، ئۇ پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسىنىڭ كاروت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، جېلۇم دەرياسى پەلەمپەيسىمان سۇ ئېلېكتىر پىلانىدىكى 4-دەرىجىلىك تۈر. بۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 720 مىڭ كىلوۋات، يىللىق ئوتتۇرىچە توك تارقىتىش مىقدارى 3 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، شۇ جايدىكى 5 مىليون ئاھالىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. پاكىستاننىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە تۈرىنىڭ ئۈلگىسى بولغان كاروت سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى شۇ جاينىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى، مۇھىت ئاسراش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. كاروت سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى پەلەستىن خەلقىنى ئۈزلۈكسىز ئىشەنچلىك ھەم ئەرزان توك بىلەن تەمىنلەيدۇ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق، ھەمدە يېزا ئىگىلىكى، ياسمىچىلىق ۋە مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق باشقا كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ. كاروت سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى سۇ ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، پاكىستاننىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە پاكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ پاكىستانغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر يېنىكلىتىپ، پاكىستاننىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ تۈرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىجارىتى پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورتىغا تايىنىشىنى ئازايتىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە پۈتۈن ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق. ئىش باشلانغاندىن بۇيان، كاروت تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى 5000 غا يېقىن ئىش ئورنى بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلىدى، ھازىر تەخمىنەن 200 يەرلىك ئىشچى ۋە 25 جۇڭگولۇق ئىشچى قوبۇل قىلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پائال ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.

  گۋادار يېڭى خەلقئارا ئايرودۇرۇم تۈرى جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقىنىڭ يەنە بىر مىسالى، بۇ تۈر پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ پورت شەھىرى گۋادارغا جايلاشقان بولۇپ، 2019-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى نۇقتىلىق تۈر، 2024-يىلى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ پاكىستاننىڭ تىجارەت قىلىشىغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 11 دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە، پاكىستان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە قاراشلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قونۇشىغا ئەگىشىپ، گۋادار يېڭى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى تۇنجى سودا نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى كۈتۈۋالدى. پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز ئايرودۇرۇمنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ بىر باياناتىدا پاكىستاندىكى بارلىق خەلققە ۋاكالىتەن جۇڭگوغا رەھمەت ئېيتىپ، يېڭى ئايرودۇرۇم پاكىستان-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى، دېدى. شاھباز مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن گۋادار يېڭى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى رايوندىكى دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئايرودۇرۇمنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پاكىستاننىڭ دۆلەت ئىچى ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ ئالاقىسىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر قەدەم، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى پاكىستان ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدۇ.

  جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى رامكىسىدا، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. 2024-يىلى 12-ئايدا قونجىراپ چېگرا ئېغىزى يىل بويى ئېچىۋېتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئايلىنىپ، جۇڭگو-پاكىستان «جان جىگەر» دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر ئۇلىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى؛ چاشما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى 5-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىغا 40 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى نامايان قىلىندى. بۇ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. كەلگۈسىدە جۇڭگو پاكىستان بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپىسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئارقىلىق، جۇڭگو تەرەققىيات پۇرسىتىنى دۆلەت چېگراسىنىڭ سىرتىغا كېڭەيتىپ، تەڭ قۇرغۇچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، سودا ئالاقىسى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. سىغدۇرۇشچانلىق ۋە ھەمكارلىق خاراكتېرىدىكى دۇنياۋىلىشىش ئارزۇسىنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە ياردەم بەردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى رايون ئالاقىسىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، سودىنى ئېچىۋېتىش ۋە گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، پاكىستان خەلقىگە غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلدى.

  جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى پاكىستانغا ئۇزاق مۇددەتلىك ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئېلىپ كەلدى، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئاستىدا، جۇڭگو-پاكىستان ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ جانلىق مىسالىغا ئايلاندى.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئېلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىققا كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەسىرى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە.