ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىرىلانكىلىق مۇتەخەسسىس:«جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ ياردىمىدە ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-18 10:27

  سەھەردە، سىرىلانكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كاندىي شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو-سىرىلانكا سۇ تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش بىرلەشمە مەركىزى يەنى «جۇڭگو-سىرىلانكا سۇ مەركىزى» ئالدىراش بولۇپ كەتتى. تەتقىقاتچىلارنىڭ بەزىلىرى ئەۋرىشكە رەتلەۋاتاتتى، بەزىلىرى تەجرىبە ئىشلەۋاتاتتى، بەزىلىرى سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەۋاتاتتى. بۇنداق مەنزىرە بۇ مەركەزنىڭ مۇدىرى ۋىللېگودنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «10 نەچچە يىل ئىلگىرى جۇڭگودىكى كەچۈرمىشىم مېنى سىرلانكىدىمۇ كەسپىي، ئىلمىي سۇ تېخنىكىسى تەجرىبىخانىسى بولۇش ئويىغا كەلتۈرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ ياردىمىدە، ئارزۇيۇم رېئاللىققا ئايلاندى.

  جۇڭگو بىلەن سىرىلانكا ئەنئەنىۋى دوستلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 68 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن سىرىلانكا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سۇ ھەمكارلىق تۈرىدە پاكىز سۇ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئارقىلىق زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى قوللاشقىچە، ئاندىن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئېتىزلارنى سۇغىرىشقا قولايلىق يارىتىشقىچە، ئەمەلىي ھەمكارلىق جۇڭگو-سىرىلانكا مۇناسىۋىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېقىن سۇ قوشتى.

  2013-يىلى ۋىللېگود جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەتقىقات مەركىزى سۇ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋېي يۈەنسۇڭغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «سۇ ۋە ساقلىقنى ساقلاش» بويىچە چەت ئەلگە ياردەم بېرىش كۇرسىغا قاتناشقاندىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، دەرستە سۆزلەنگەن سۇنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ئاساسىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، سىرىلانكىنىڭ ئىچىملىك سۈيىگە مۇناسىۋەتلىك ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. ۋىللېگود: «سىرىلانكا سۇ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتمەسلىكتەك ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە، ئاھالىلەر ئۇچرىغان سالامەتلىك قىيىنچىلىقى مېنى جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەرگە خەت يېزىپ ياردەم سوراشقا تۈرتكە قىلغان مۇھىم سەۋەب»، دېدى.

  خەت ۋېي يۈەنسۇڭنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، 2014-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ كۆپ قېتىم سىرىلانكىدىكى كېسەل تارقالغان رايونغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 2015-يىلى 3-ئايدا، جۇڭگو بىلەن سىرلانكا ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەتقىقات ھەمكارلىقىنى رەسمىي قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-سىرلانكا سۇ مەركىزىنى ئاساس قىلغان بىر قاتار ھەمكارلىق سۇپىسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى. 2021-يىلى 10-ئايدا، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى ياردەم بېرىپ سېلىپ بەرگەن جۇڭگو-سىرلانكا سۇ مەركىزىنىڭ پەن تەتقىقات ئۇنىۋېرسال بىناسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھازىرغا قەدەر، ئىككى تەرەپ سىرىلانكىدا تۆت جايدا ئىچىملىك سۇ ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى قىلىپ، جەمئىي 5000 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ۋە 1300دىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى بىخەتەر ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو-سىرلانكا سۇ مەركىزى شۇ جاي ئۈچۈن جەمئىي 30 دىن ئارتۇق تېببىي خادىم، 20 دىن ئارتۇق كېسەللىك تەكشۈرگۈچى خادىمى، 20 دىن ئارتۇق سۇ ئىشلىرى ئىختىساسلىقلىرى، 30 دىن ئارتۇق ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە دوكتور ئاسپىرانت تەربىيەلەپ بەردى.

  ۋىللېگود مۇنداق دېدى: جۇڭگو كۆپ خىل سۇ ساپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەش تېخنىكىسىنى ئېلىپ كەلدى، يەنە بىزنىڭ سۇنى بىر تەرەپ قىلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىمىزگە ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك خەلق ئاممىسىنى خاتىرجەم سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ تۈر سىرىلانكىدىكى نۇرغۇن ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ سىياسەت ياكى مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىپ، يولغا قويۇش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى 

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىرىلانكىلىق مۇتەخەسسىس:«جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ ياردىمىدە ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى»

سەھەردە، سىرىلانكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كاندىي شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو-سىرىلانكا سۇ تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش بىرلەشمە مەركىزى يەنى «جۇڭگو-سىرىلانكا سۇ مەركىزى» ئالدىراش بولۇپ كەتتى.