ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«دۇنيا بويىچە تۇنجى» كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈشى ئېلان قىلىندى، كانادا ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-15 09:53
يېرىم يىل تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش ئارقىلىق، جۇڭگو  3-ئاينىڭ 8-كۈنى كاناداغا قارىتا كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا كانادانىڭ ئۆتكەن يىلى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان ئالاقىدار توكلۇق ئاپتوموبىل، پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن قاتارلىقلاردىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش قىلمىشى كەمسىتىش خاراكتېرلىك چەكلىمە پەيدا قىلىپ، نورمال سودا تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ھەققانىي قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى كۆرسىتىلدى.  بۇ نەتىجىگە ئاساسەن، جۇڭگو  كانادادىن ئىمپورت قىلغان قىسمەن مەھسۇلاتلاردىن قانۇن بويىچە تاموژنا بېجىنى  كۆپەيتىپ ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «دۇنيا بويىچە تۇنجى» كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈشى ئېلان قىلىندى.
«باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى باشقىلارمۇ ھۆرمەتلەيدۇ، باشقىلارنى ھۆرمەتلىمىگەنلەر ئۆز يولى بىلەن بابلىنىدۇ». كانادانىڭ قارشىلىققا ئۇچرىشى ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپقانلىق.  ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا كانادا شۇ يىلى 10-ئايدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن %100، پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن %25 تاموژنا بېجى كۆپەيتىپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى، پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشىغا ماسلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كانادانىڭ  تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ئوبيېكتى جۇڭگو ماللىرىغىلا قارىتىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تولۇق تەكشۈرۈش ۋە مۇۋاپىق دەلىللەش ئېلىپ بېرىلماي، يوقىلاڭ جىنايەت نامى بىلەنلا بىۋاسىتە جاكارلىدى، بۇ تىپىك كەمسىتىش قىلمىشى بولۇپ، خەلقئارا سودا تەرتىپىگە زەربە بەردى.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ «كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈشى» قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن. خەلقئارا قائىدىدىن قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن كانادا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى، كانادانىڭ جۇڭگونىڭ ئالاقىدار مەھسۇلاتلىرىدىن بىۋاسىتە ئىمپورت تاموژنا بېجى ئېلىشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ «كەمسىتمەسلىك پىرىنسىپى» قاتارلىق ئالاقىدار قائىدىلىرىگە خىلاپ، جۇڭگونىڭ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى كۈچلۈك قوغدىغانلىق؛ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇندىن قارىغاندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى» نىڭ 7ـ ماددىسىدا: ھەر قانداق دۆلەت ياكى رايون سودا جەھەتتە جۇڭگوغا كەمسىتىش خاراكتېرلىك مەنئى قىلىش، چەك قويۇش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا تەدبىرلەرنى قوللانسا، جۇڭگو ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن شۇ دۆلەت ياكى رايونغا قارىتا مۇناسىپ تەدبىر قوللانسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئېنىقكى، جۇڭگو كاناداغا قارىتا تۇنجى كەمسىتىشكە قارشى تەكشۈرۈش قوللاندى، بۇنىڭدا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بار، ھەم بۇ يوللۇق ۋە مۇۋاپىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى باشلىغاندىن تارتىپ، بۇ يىل 3-ئايدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغۇچە،  ئاندىن شۇ كۈنى ئىمپورت قىلىنغان قىسمەن تاۋارلاردىن قانۇن بويىچە تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالغانغا قەدەر، جۇڭگونىڭ ھەر بىر قەدىمى ناھايىتى ئېھتىياتچان، ئېنىق بولدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداشتىكى يەنە بىر بۆسۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگونىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، كانادا ئۆتكەن يىلى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان ئالاقىدار مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىپ، نورمال سودا تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يوللۇق قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، كانادا جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ كاناداغا ئېكسپورت قىلغان توكلۇق ئاپتوموبىلى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىكى 8972 دىن 12-ئايدا 100 گە چۈشۈپ قالغان، تۆۋەنلەش نىسبىتى %99 كە يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا پولات - تۆمۈر، ئاليۇمىن ۋە باشقا ئالاقىدار كەسىپلەرمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىغان. بۇ جۇڭگونىڭ كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭگو ۋۇكۇاڭ خىمىيە سانائىتى ئىمپورت - ئېكسپورت سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى قاتارلىق ئالتە چوڭ جەمئىيەتنىڭ دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، كاناداغا قارىتا كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈش كېسىمىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىكى سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، جۇڭگو شۇ كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2025ـ يىلى 3ـ ئاينىڭ 20ـ كۈنىدىن باشلاپ، كانادا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قىچا مېيى، كۈنجۈرە، كۆك پۇرچاقتىن %100، كانادا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرى، چوشقا گۆشىدىن %25 تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو  بىلەن كانادانىڭ سودا قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، بۇ قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى دەل جايىدا بولدى دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو كانادا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم بازىرى. مىسالغا ئالساق، 2023 - يىلى كانادانىڭ تەخمىنەن %35 كۆك پۇرچىقى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو يەنە كانادانىڭ چوڭ راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم بازىرى. بۇ مەھسۇلاتلارغا قارىتا قارشى تەدبىر قوللىنىلسا، كانادانىڭ ئالاقىدار مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا  يەتكۈزۈلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، كانادا بۇنى ئەستايىدىل دەڭسەپ كۆرۈشى كېرەك.
كانادا قانداق قىلىپ بۇ دەرىجىگە بېرىپ قالغانلىقى ئۈستىدە تېخىمۇ ئويلىنىشى كېرەك؟ چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا ھۆكۈمىتى دائىم جۇڭگوغا قارشى مەيدان تۇتۇشتىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىغا ساداقىتىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا «جازاغا ئۇچراش» تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەختكە چىققان 40 نەچچە كۈندىن بۇيان، كاناداغا كۆپ قېتىم ئاشكارا ھاقارەت قىلىپ، كانادانى ئامېرىكىنىڭ «51-ئىشتاتى» دەپ ئاتىدى، يەنە كەينى كەينىدىن تاموژنا بېجى ۋاسىتىسى بىلەن تەھدىت سالدى. ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا كېلىشىمىدىكى ئېتىبار بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمپورت تاۋارلىرىدىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە تاموژنا بېجى ئالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، كېيىن كانادادىن ئىمپورت قىلىنغان سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن تەڭ دەرىجىدە تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روشەنكى، «ياخشىچاق» بولۇش بىلەن ئامېرىكىغا ھەقىقىي «ياخشى» بولالمايدۇ؛ كانادا جېنىنىڭ بارىچە قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ يېلىندى، نەتىجىدە ئۆزىگە ئۆزى ھاقارەت كەلتۈردى.
نۆۋەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنيادا سودا ئۇرۇشى قوزغىدى. كانادانىڭ ئاقىۋىتى «جۇڭگو كوزىرى» نى ئويناش خام خىيالىدا بولۇپ ئامېرىكىنىڭ «كەچۈرۈم قىلىشى» غا ئېرىشىشكە ئۇرۇنغان ئايرىم دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش: ئامېرىكا نېمە دېسە شۇنى قىلسا، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ؛ جۇڭگوغا يولسىزلىق قىلسا، چوقۇم قەتئىي قارشى تۇرۇشقا ئۇچرايدۇ، كانادا بۇنىڭغا ئىبرەتلىك مىسال بولالايدۇ.  مۇنداقچە ئېيتقاندا:جۇڭگو ئىش تېرىمايدۇ، شۇنداقلا تەھدىتتىنمۇ قورقمايدۇ. دۆلەت مەنپەئەتى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قەتئىي قوغداشتا جۇڭگو دېگىنىگە ئەمەل قىلىدۇ. 
 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«دۇنيا بويىچە تۇنجى» كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈشى ئېلان قىلىندى، كانادا ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپتى

«دۇنيا بويىچە تۇنجى» كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈشى ئېلان قىلىندى، كانادا ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپتى