فىرانسىيەنىڭ «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىك مۇداپىئە ئىشلىرىغا تىرەك بولالامدۇ-يوق؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-15 09:55
قەدىرلىك دوستلار، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون يېقىندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، فىرانسىيە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك مۇزاكىرىنى قانات يايدۇرىدۇ دېدى، ياۋروپا گەرچە يەنىلا ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۈچ چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ماكروننىڭ پوزىتسىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى دەزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا قايتۇرغان ئەڭ يېڭى ئىنكاسى بولۇپ، يادرو ھەيۋە كۈچىنى پېچكا قىلىپ، ياۋروپانى خاتىرجەم قىلىپ، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىدا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەكلىپكە بولغان ئىنكاسى ھەر خىل بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە فىرانسىيە يادرو قورال ئامبىرىنىڭ چەكلىمىلىكى بولغاچقا، بۇ «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىك مۇداپىئە ئىشلىرىغا تىرەك بولالامدۇ-يوق، بۇنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ماكرون 3-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە مۇستەقىل، مۇكەممەل يادرو ھەيۋە كۈچىگە ئىگە، شۇڭا فىرانسىيە ياۋروپانىڭ مۇداپىئە مەسىلىسىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. ئۇ فىرانسىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك مۇزاكىرىنى باشلاشنى قارار قىلدى.
ماكرون سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز ئامېرىكا رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا تۇتقان مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇكرائىنانى قوللاشنى ئازايتتى، بۇ، كېيىنكى ھەرىكەتكە گۇمان پەيدا قىلدى، ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ۋاشىنگتون ياكى موسكۋا تەرىپىدىن قارار قىلىنماسلىقى كېرەك.
ماكرون بۇ، گېرمانىيە ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مېرىزنىڭ «تارىخىي مۇراجىئىتى»گە قايتۇرۇلغان ئىنكاس دېدى. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېرىز 2-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى كۈندە «ياۋروپانىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ» دەپ كۆرسىتىپ، فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، فىرانسىيەنىڭ «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى گېرمانىيەگىچە كېڭەيتىش-كېڭەيتمەسلىك»نى مۇزاكىرە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. ئىتتىپاق پارتىيەسى يېقىندا گېرمانىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك فېدېراتسىيە پارلامېنتى سايلىمىدا غەلىبە قىلدى. ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بولمىسا، مېرىز گېرمانىيەنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭلىسى بولىدۇ.
ماكروننىڭ تەكلىپىگە رۇسىيە كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ ماكروننىڭ يادروغا ئالاقىدار سۆزى رۇسىيەگە نىسبەتەن تەھدىت دېدى.
ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بىلەن تەمىنلەپ كەلدى، بۇمۇ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ئىتتىپاقداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا يېقىنقى مەزگىلدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا تۇتقان مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، ياۋروپاغا بەرگەن خەۋپسىزلىك ۋەدىسىنى ئازايتىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل ئەھۋالدا، ماكرون «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فىرانسىيە رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ خەۋپسىزلىك نەزەرىيەسىنىڭ تارىخىي داۋامىنى نامايان قىلدى شۇنداقلا ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىدا مۇستەقىل بولۇشنى كۆزلەيدىغان كۈچلۈك ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈردى.
فىرانسىيە «ئەركىن جەنۇب گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ماكروننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر نۆۋەتلىك فىرانسىيە زۇڭتۇڭلىرى فىرانسىيەنىڭ يادرو ھەيۋە كۈچىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىغا قويۇشنى باشتىن-ئاخىر رەت قىلىپ كەلگەن. فىرانسىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېممانۇئېل مايتېل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ دېگول ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، فىرانسىيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى «ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن زۇڭتۇڭ پومپىدۇ، زۇڭتۇڭ دېستان فىرانسىيە قوغدىماقچى بولغان مۇھىم مەنپەئەت ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىنى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، فىرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىردىنبىر يادرو قورالىغا ئىگە ئەزا دۆلەت بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە، فىرانسىيە يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يادرو پىلانى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئەمەس، يادرو ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش جەھەتتە مۇستەقىللىققا ئىگە.
ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى «سوغۇق مەيدانى» ئالدىدا، ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى «سوغۇق ئېقىم» ئۈزۈلمىدى، ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسمىدا ئامېرىكىغا تايىنىشقا خاتىمە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلىش سادالىرى پەيدا بولدى. فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ ئوبزور ماقالىسىدە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقلىقى كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ، مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇش خەتىرى ئالدىدا، ياۋروپا رەھبەرلىرى ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشكە تۇتىشىدىغان يولنى جىددىي تېپىشى كېرەك دەپ كۆرسىتىلدى.
فىرانسىيە لىللې كاتولىك دىنى داشۆسىنىڭ ئالىمى پىئېر ئاروش مۇنداق دەپ قارىدى: ئىلگىرى فىرانسىيەنىڭ يادرو نەزەرىيەسىدىكى «ياۋروپا ئۆلچىمى»گە قارىتا، باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى باشتىن-ئاخىر ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەن، ئەمما، ھازىر ياۋروپانىڭ ئامېرىكىنىڭ يادرو ھەيۋىسىگە بولغان ئىشەنچىسى بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ، بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى فىرانسىيە ياكى ئەنگلىيەنىڭ «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى قوبۇل قىلىشقا تېخىمۇ مايىل، ماكروننىڭ پوزىتسىيەسى ياۋروپانىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم سەپ قۇرۇشىغا پايدىلىق.
نۆۋەتتە، ماكروننىڭ «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» تەكلىپىگە قارىتا، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى بىردەك بولمىدى. تەھلىلچىلەر فىرانسىيەنىڭ ئۆز يادرو قورال ئامبىرى چەكلىمىلىككە ئىگە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئويلىشىدىغان يېرى بار، فىرانسىيەنىڭ بۇ «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
پولشا زۇڭلىسى تۇسىك يېقىندا فىرانسىيەنىڭ «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىدۇ، دېدى. لېتۋا زۇڭتۇڭى ناۋسېدامۇ بۇ تەكلىپنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ماكروننىڭ تەكلىپىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لاتۋىيە زۇڭلىسى خىلىنا ھازىر لاتۋىيەنىڭ فىرانسىيە ئورۇنلاشتۇرىدىغان يادرو قورالىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش «بالدۇرلۇق قىلىدۇ» دېدى. سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىزو «خالىمايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.
بەزى تەھلىللەردە، فىرانسىيە يادرو قوراللىرىنىڭ كۈچى نىسبەتەن چەكلىك بولغاچقا، بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ فىرانسىيەنىڭ «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە تولۇق ئىشىنىشى تەسكە توختايدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، فىرانسىيەدە تەخمىنەن 290 يادرو ئوق بېشى بار بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ 225 يادرو ئوق بېشىدىن كۆپ ئىكەن، لېكىن رۇسىيەنىڭ تەخمىنەن 1700 يادرو ئوق بېشىنىڭ بەكلا كەينىدە تۇرىدىكەن. ئامېرىكا ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئامېرىكا يەر شارىغا 1700 يادرو ئوق بېشى ئورۇنلاشتۇرغان. فىرانسىيە تاراتقۇلىرى فىرانسىيە يادرو قوراللىرىنىڭ كۈچى چەكلىك، شۇڭا «بىر دەمدىلا» ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى رولىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقات ماقالىسىدە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يادرو كۈچى ئامېرىكا يادرو ھەيۋىسىنىڭ تولۇقلىمىسى، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ يادرو كۈچى تۇيۇقسىز چېكىنىپ چىقسا، ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ يادرو كۈچىنىڭ رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس دەپ ھېسابلاندى. گېرمانىيە خەلقئارا ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرى تەتقىقاتخانىسى 2023-يىلى ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتىمۇ فىرانسىيە يادرو قوراللىرىنىڭ كۆلىمىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئەگەر ئامېرىكا ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكىگە يەنە كاپالەتلىك قىلمايدىغان بولسا، فىرانسىيەنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭمۇ فىرانسىيەگە «شەرتسىز ئىشىنىشى» تەسكە توختايدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.
ماكرون 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2025-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قىزىقىدىغان دۆلەتلەر «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» مەسىلىسىدە ئالدى بىلەن تېخنىكا ۋە ئىستراتېگىيە قاتلىمىدىكى ئالماشتۇرۇشنى باشلايدۇ، ئارقىدىن دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى دەرىجىلىكلەر مۇزاكىرىسى ئېلىپ بارىدۇ.
بېلگىيە خان جەمەتى دۆلەت مۇداپىئە ئالىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئالان دېنېۋ ياۋروپادىكى ھەمراھلىرى بىلەن ئىجابىي مەڭگۈلۈك سۆزلىشىش فىرانسىيەنىڭ «يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تۇنجى قەدىمى دەپ كۆرسەتتى.
فىرانسىيە تەھلىلچىلىرى كەلگۈسىدە، فىرانسىيە ئالدى بىلەن بىر قىسىم ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مانېۋىرىغا قاتناشتۇرسا بولىدۇ، مەسىلەن: ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر يادرو بومبىسى قاچىلانغان فىرانسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى قوغداش ياكى ئارقا سەپ ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي مەشغۇلات ۋە ماسلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرسە بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار