ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئەرباپلار: جۇڭگو ئىقتىسادى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىك ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-16 10:59
كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئەرباپلار جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىككى يىغىندا چىقىرىلغان ئىجابىي سىگنالغا يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، دەپ قارىدى.
كولومبىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئېرنېستو سانپېل پىسانو مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى جۇڭگودا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ  مەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتتى، بۇ پۈتۈن دۇنياغا پايدىلىق، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە كۈچ قوشىدۇ.
پولشانىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى جانۇز پېچوسىنسكى مۇنداق دېدى:  2024-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشكەن بىر يىل بولدى، بۇ بىر يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادتا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5 ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئاساستا قولغا كەلتۈرۈلگەن قالتىس مۇۋەپپەقىيەت. نۇرغۇن ياۋروپالىقلار مۇنداق بىر نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالغان، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگونىڭ ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ %50 تىن كۆپرەكى ماشىناسازلىق ئۈسكۈنىلىرى. بۇ دۇنيادىكى 1-ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى بولغان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پەن-تېخنىكا تەركىبىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى، تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى، ھەمكارلىق دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئىسپانىيەنىڭ تاراتقۇ خادىمى مالتا مونتورو مۇنداق دېدى: مېنىڭچە جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، جۇڭگو داۋاملىق ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ھەمدە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى باش تېما قىلىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى باشتىن ئاخىر قوللايدۇ. مەن جۇڭگو مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ سانائىتى تېخىمۇ يېشىل، پاكىز ۋە زامانىۋىي بولىدۇ، دەپ قارايمەن.
ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى جېك پېررى مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ئىككى يىغىندا چىقىرىلغان سىگنال ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭگو 2025-يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۆزلىمە نىشانىنى %5 ئەتراپىدا قىلىپ بېكىتكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم، مېنىڭچە بۇ نىشان بەكمۇ يۇقىرى ياكى بەكمۇ تۆۋەن ئەمەس، مۇۋاپىق ئورۇندا. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەگىشىپ، مېنىڭچە جۇڭگو بەزى ساھەلەرگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، بۇ ساھەلەر ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئىقتىسادقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ مەسىلەن، سۈنئىي ئەقىل، تېرىلمە ئېنېرگىيە، توكلۇق ئاپتوموبىل؛ جۇڭگو مۇشۇنداق كۆپ ساھەلەردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئىتالىيە ئېنرىك فېرمى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، فىزىكا ئالىمى لابىنى: جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىراقلا ۋۇجۇدقا چىققان ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئالدىن كۆرەرلىك پىلانغا تايىنىپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، پەن-تەتقىقات خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشتىن قولغا كەلگەن، دېدى.
لابىنى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋاقىتلىق ھادىسە ئەمەس، كەلگۈسىدىكى نۇرغۇن يىللاردا چوقۇم يەنە شۇنداق بولىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنىڭ ناھايىتى ئەمەلىي بولغانلىقىنى، پىلانلانغان ۋاقىتنىڭ 20 يىلغا يېتىدىغانلىقىنى، ئاساسىي پەنلەر بىر كۈچەپلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشتا خەۋپ-خەتەر بارلىقىنى، چۈنكى ناھايىتى تېزلا نەپكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مالايسىيا جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يىپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا، مەن جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە ئەڭ دىققەت قىلدىم. دۇنيادا قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا توقۇنۇشى كەسكىنلەشتى، لېكىن جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي كېڭەيتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئاتا قىلدى.
پېرۇنىڭ ئاسىيا مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى رۇبىن تاڭ: ھازىر دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ياخشى ئەمەس، لېكىن جۇڭگو قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، يەنە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇسۇلى ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
چىلى ئوپىن داشۆسى يەرلىك ئىدارە قىلىش تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى ماسېلا ۋېرا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاممىۋى سىياسەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى، بۇ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن خەلقنىڭ كەڭ دائىرىدە كېڭىشىشىدىن بولدى، جۇڭگو ھەر قېتىم مۇھىم نۇقتىنى ئالاھىدە سىياسەتكە مەركەزلەشتۈرگەندە ئالدى بىلەن ئۇنىۋېرسال سىياسەت تۈزىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم زۆرۈر. چۈنكى ھازىرقى ئاممىۋى سىياسەت يەككە قاتلامدا مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، بەلكى بىر يۈرۈش سىستېما بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، پۇقرالارنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئەرباپلار: جۇڭگو ئىقتىسادى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىك ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى

كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئەرباپلار جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىككى يىغىندا چىقىرىلغان ئىجابىي سىگنالغا يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، دەپ قارىدى.