يەر شارى كاپىتالى جۇڭگو بازىرىغا چوڭقۇر ئۈمىد باغلىدى
قەدىرلىك دوستلار، 2025-يىلى باش باھاردا، يەر شارى كاپىتالىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسى قۇرۇلمىلىق تەڭشەشنى باشتىن كەچۈردى. كۆپلىگەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە تاراتقۇلار دوكلات ۋە ئوبزور ئېلان قىلىپ، جۇڭگو مۈلكىگە ئۈمىدۋار قاراش، بۇ جەھەتتە كۆپرەك ئىش قىلىشنى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندۇردى. بازار دولقۇنىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشى جۇڭگو ئىقتىسادىدا تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق لوگىكىسىغا بولغان توغرا تونۇشتىن كەلگەن بولۇپ، يەر شارى كاپىتالىنىڭ ئېشىشنىڭ ئېنىقلىقىغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىنى ئەكس ئەتتۈردى. دەريا سۈيىنىڭ ئىسسىغىنىنى ئۆردەك ئالدىن بىلىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «قىممىتىنى قايتا باھالاش» باشلاندى. خۇددى گېرمانىيە بانكىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى شىركىتىنىڭ تەتقىقات مەسئۇلى ما لىچىن ئېيتقاندەك: «2025-يىلى، يەر شارىنىڭ سېلىنما ساھەسى جۇڭگونىڭ خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىنى قايتىدىن تونۇيدىغان ھالقىلىق بىر يىل بولىدۇ.»
يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، گولدمان سىچېس، مورگان سىتانلى قاتارلىق چەتئەل مەبلىغى ئاپپاراتلىرى تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە كاپىتال بازىرىغا بولغان ئۈمىدۋار كۆزلىمىسىنى ئىپادىلىدى. مورگان سىتانلىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە يەر شارىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگو مۈلكىگە بولغان دىققىتى داۋاملىشىدۇ دەپ مۆلچەرلەندى. گولدمان سىچېس كەلگۈسى 10 يىلدا AI نىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى بىلەن جۇڭگو پاي چېكى ئومۇمىي پايدىسىنىڭ ھەر يىلى %2.5 كۆپىيىشىدىن ئۈمىد بار، كەلگۈسى بىر يىلدا 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ جەلپ قىلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى. مورگان چاس جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا پاي چېكىنىڭ قىممىتىنى قايتا باھالاش داۋاملىشىدۇ، كەلگۈسى 10 يىلدىن 15 يىلغىچە بولغان ئوتتۇرىچە يىللىق پايدا نىسبىتى %7.8 گە يېتىدۇ دەپ قارىدى؛ گېرمانىيە بانكىسى جۇڭگونىڭ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىشى يەر شارى كەسىپ ئەندىزىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلىدۇ، جۇڭگو كاپىتال بازىرىنىڭ «مۆلچەر قىممىتىنى باھاغا سۇندۇرۇش» تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ دەپ كۆرسەتتى. بۇ باھالاردا، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقى ئالقىشلاندى، ئىقتىساد ئاساسىنىڭ سىجىل ياخشىلانلىقى ئېتىراپ قىلىندى.
تاشقى مەبلەغ جەھەتتىكى ھەرىكەت يەنە بازار كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى دەلىللىدى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگو مۈلكىنى پائال ئورۇنلاشتۇرغان، جۇڭگونىڭ پاي چېكى، زايومىنى قوبۇل قىلغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ ساپ كىرىش ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، بولۇپمۇ گۈللەنمە بازارلار شۇ ئايدا مەبلەغنىڭ روشەن ھالدا سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىگە ئومۇميۈزلۈك ئۇچرىغان ئەھۋالدا، جۇڭگو بازىرى ساپ كىرگەن 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغنى قوبۇل قىلغان. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگودا بازار قىممىتى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن، ئەركىن نەق پۇل ئېقىمى پايدا نىسبىتى %10 تىن ئاشىدىغان 250 تىن ئارتۇق شىركەت بار، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى قايتا مۆلچەرلىشى ۋە دۆلەت سىياسىتىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئۈمىد بار.
تاشقى مەبلەغنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنى قايتا مۆلچەرلىشى تاسادىپىيلىق بولماستىن، بەلكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىچكى لوگىكىسىنى ئاساس قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر تىپ ئۆزگەرتىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، گەرچە ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش، ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا داۋاملىق يېڭى قۇۋۋەت قوشماقتا. چوڭقۇر ئىزدەش، يەنى (DeepSeek) نىڭ AI جەھەتتىكى يېڭى بۆسۈشى يەر شارىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بىيادى، نىڭدې شىدەي قاتارلىق كارخانىلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى، يۈشۇ پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ماشىنا ئادىمى كارامىتىنى كۆرسەتتى، بىيو تېببىي دورىگەرلىكتە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىدى. «ئەگىشىپ مېڭىشتىن»تىن «يېتەكلەش»كە قاراپ قەدەم تاشلاشقىچە، جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»دىن «جۇڭگو ئىجادىيىتى»گە قاراپ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەر شارى پەن-تېخنىكا خەرىتىسىدىكى ئورنىنى بارغانسېرى گەۋدىلەندۈردى.
ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە سىياسەت تىرىكىمۇ مۇھىم ئامىل بولدى. بۇلتۇر جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 130 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئېشىپ، كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى نامايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىياسەت جەھەتتە بۇرۇلۇش ياساش بازارنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، بولۇپمۇ بۇلتۇر 9-ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلەر كەسكىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ كۆرۈنەرلىك قايتا يۈكسىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇلدى. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېچىلغان پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم سىگنالى چىقىرىلدى. بىر يۈرۈش سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «داۋاملىق كۈچ چىقىرىش، تېخىمۇ كۈچ قوشۇش» جەھەتتىكى قەتئىي قوللىشىنى نامايان قىلىپ، بازار كۆزلىمىسىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى. ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئالىملىرى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، مىسلىسىز سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى دەپ كۆرسىتىلدى.
تاشقى مەبلەغ جۇڭگو ئىقتىسادىغا «كۆپ ئەھمىيەت بېرىپ»، پاكىتقا ئاساسەن ئوبيېكتىپ باھالاپ، ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئاقىلانە نەزەر سالدى. ماكرو قاتلامدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى، مول ئادەم كۈچى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئەۋزەل شارائىت، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان، ئىلمىي تەڭشەپ تىزگىنلەش، يۇقىرى-تۆۋەن ماسلاشقان ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش مېخانىزمى، ئېھتىياج دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، قۇۋۋەت ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت كەڭ دائىرىلىك ئاشۇرۇش بوشلۇقى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنىڭ پۇختا ئاساسىنى شەكىللەندۈردى؛ تېخنىكا قاتلىمىدىن قارىغاندا، بىخەتەرلىك، پايدا ئېلىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش خاراكتېرىگە ئىگە جۇڭگونىڭ مۈلۈك قىممىتى «ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلەندى»، يەر شارى ئىقتىسادىدا ئېنىقسىزلىق كۆپىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگونىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش كۈچى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. خۇددى گېرمانىيە «سودا گېزىتى»دە ئېيتىلغاندەك: «جۇڭگو بازىرىدىن ۋاز كېچىش كەلگۈسى ئون يىللىق ئېشىش بېلىتىدىن ۋاز كەچكەنگە باراۋەر.»
يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرغان جۇڭگو ئىقتىسادى «ئامىل ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش»تىن «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش»قا قاراپ بۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. يەر شارى كاپىتالى يېڭى مۆلچەر قىممەت مودېلى ئارقىلىق جۇڭگو ئىقتىسادىغا نەزەر سېلىشقا باشلىغاندا، تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا داۋاملىق مەبلەغ سالغان ئاشۇ كارخانىلار كۈندىن-كۈنگە يەر شارى كاپىتالىنى تەقسىملەشنىڭ يادرولۇق نىشانىغا ئايلاندى. بۇ خىل قىممەتنى قايتا باھالاش جەريانى ھەم جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ھەم يەر شارى كاپىتالىنى قايتا بەرپا قىلىشتىكى تەشەببۇسكار تاللاش. «تۆۋەنلەپ كېتىدۇ دېيىش»تىن «قايتا باھالاش»قىچە، «تۆۋەن تەقسىملەش»تىن «دەرىجىدىن تاشقىرى تەقسىملەش»كىچە، جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە مۈلكى دۇنياۋى قىممەتنىڭ «قايتا بايقىلىشى»نى كۈتۈۋالدى. داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيا ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوت دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، چوڭقۇر تىپ ئۆزگەرتىش داۋامىدا جەزمەن يېڭى پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلىدۇ.#
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار