ئامېرىكا «قىيپاش غەربىي جەنۇب» يىغىنىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرگە نەزەر
ئامېرىكا «قىيپاش غەربىي جەنۇب» يىغىنى ۋە سەنئەت بايرىمىدا 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 2025-يىللىق يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل جەمئىي 55 تۈر ۋە مەھسۇلات قاتناشتۇرۇلۇپ، 11 تۈرگە مۇكاپات تارقىتىلدى. پەن-تېخنىكا ئارقىلىق رېئاللىقتىكى ھەر قايسى ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىش كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
سۈنئىي ئەقىل جەھەتتىكى كۆرگەزمە ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى. ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى بىر شىركەت فىزىكىلىق سۈنئىي ئەقىل مودېلى تۇنجى «نيۇتون»نى نامايان قىلدى، ئۇنىڭدا كۆپ مودېللىق سېنزور سانلىق مەلۇماتى ۋە تەبىئىي تىلنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق فىزىكىلىق دۇنيانى دەرقەمدە ھېس قىلغىلى ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقارغىلى بولىدۇ، بۇ ئىنسانلار ھېس قىلالمايدىغان يوشۇرۇن ئەندىزە ۋە ھەرىكەتنى ئېچىپ بەردى. جۇڭگو ليەنشياڭ شىركىتى لوندوندىكى بىر دېۋەڭلىك كېسىلى داۋالاشتا يېڭىلىق يارىتىش تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ چوڭ تىل مودېلى سانلىق مەلۇمات توپلىمى بەرپا قىلىپ، نەچچە يۈز بىمارنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تەكلىپلىرىنى جۇغلاپ، دۇنيادىكى ئالزېيمېر كېسىلى قاتارلىق دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىغا قارىتىلغان تۇنجى 3D لىق مەۋھۇم ئوبرازىنى شەكىللەندۈردى، بۇ بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تەبىئىي ھەمتۈرتكە بولىدۇ، دەرقەمدە سۆزلىشىدۇ.
سۈنئىي ئەقىل كىنو كامېراسى، دىئالوگلۇق سۈنئىي ئەقىل بولغان ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە سۆزلىگۈچ، 175 خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان مەۋھۇم ۋىدىيولۇق ئوبراز، ئىجادىي رېئاللىقنى كۈچەيتىدىغان ئەسلى سىستېما. دېمەك، سۈنئىي ئەقىل قوللىنىشتا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك قوللىنىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.
ساغلاملىق ۋە بىئو تېخنىكا ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەر ئوخشاشلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئالايلۇق، قان تومۇرغا تىرەك سالىدىغان يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمى؛ ئوتتۇرا ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى قاناشنى بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە كونترول قىلالايدىغان بىر قېتىملىق ۋاقىتلىق سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان قان توختىتىش يېلىمى؛ ھەجىمى ئەڭ كىچىك، باتارىيەسىنىڭ ئىشلەش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ماسلىشىشچان كۆك چىشلىق تىڭشىغۇچ؛ نيۇ-يوركتىكى بىر شىركەت تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۆزلۈكىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ، بۇ مېيىپلارنى چاقلىق ئورۇندۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆرە تۇرۇش، ئولتۇرۇش، بېلىنى ئېگىش، مېڭىش، پەلەمپەيگە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش يېڭى تېخنىكىسى ئەزەلدىن يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. نيۇ-يورك ئىشتاتىدىكى بىر شىركەت بۇ يىل كاربون تۆت ئوكسىدىدىن پايدىلىنىپ دائىملىق يېقىلغۇ ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەھسۇلاتنى ياساش تېخنىكىسىنى كۆرگەزمە قىلدى، بۇ ئارقىلىق نەچچە مىڭ خىل مەھسۇلاتنىڭ كاربون سىجىللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؛ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر شىركەت پۈتۈنلەي ئۆسۈملۈكتىن ياسالغان سۇلياۋنىڭ ئورنىنى ئالدىغان چىداملىق مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالدى. كالىفورنىيە شىتاتىدىكى يەنە بىر شىركەت تۆۋەن يورۇقلۇق قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيەنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئوپتىكىلىق سۈزۈك ئەينەكتىن ياسالغان، قوش تەرەپتىن ئېنېرگىيە يىغالايدۇ، بۇ ئارقىلىق باتارىيەنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى ياكى ئەنئەنىۋى تۆۋەن يورۇقلۇق ۋولت تېخنىكىسىدىكى تۆۋەن قۇۋۋەت زىچلىقى ۋە يۇقىرى تەننەرخ مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللاردىن ھاسىل بولغان نانومېتىر دانچىلىرىدىن ياسالغان بىر خىل ئىجادىي ماتېرىيال SOLAMENT نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ خىل ئالاھىدە يۇقىرى سۈزۈك ماتېرىيال قۇياش نۇرىدىن كەلگەن ئىنفرا قىزىل نۇرنى سۈمۈرەلەيدۇ ۋە توسۇپ قالالايدۇ، ئۇ ماتېرىيالنىڭ ئۆزىدە ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ، ھەم ئىسسىقلىق ساقلايدۇ، ئەينەك ياكى ۋىنىل گۇرۇپپىسى ماتېرىيالىغا ئىشلىتىلسە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە ئادەم تېرىسىنىڭ نۇردا قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېلېكامېرانىڭ نازارەت قىلىپ تىزگىنلىشىنى توسۇپ، مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى بويىچە ئاۋاز چاستوتىسىنى ھېس قىلىش تۈرىدە، مۇزىكىنى كۆرۈنىدىغان قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ يىلقى مەھسۇلاتلار ئىچىدە، فىنلاندىيەلىك تەتقىقاتچىلار نېرۋا قوللاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسىغان ئالىقان رەقەملىك كۈچەيتكۈچ، ئاۋاز ياڭراتقۇ ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، گىتارچىلار ۋە باس گىتارچىلارنىڭ سەھنە ۋە ئۈن ئېلىش ئۆيىدىكى ئاھاڭ تەڭشەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى «مەن مۇزىكىنى كۆردۈم» ناملىق مەھسۇلاتنى نامايان قىلدى، بۇنىڭدا كۆرۈنمە تېخنىكا، سېمانتىكىلىق AI ئارقىلىق، بوغۇمنى گېئومېتىرىيەلىك شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ، مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن ئىجادىيەتنى بىۋاسىتە كۆرۈش سېزىمى ۋە لوگىكىلىق تەسىراتقا ئايلاندۇرىدۇ.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان باشقا تۈرلەر ۋە مەھسۇلاتلار ناھايىتى كۆپ. ئالايلۇق، بىئولوگىيىلىك تۆۋەنلەيدىغان شامال كۈچى تۇربىنا ياپراقچىسى، دېڭىز يۈسۈنىدىن ياسالغان بىئولوگىيىلىك پارچىلىنىدىغان يېڭى ماتېرىيال، ھەمدە چېتىپلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان، سايمان ھاجەتسىز بولغان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك توكلۇق ۋېلىسىپىت قۇراشتۇرۇش يۈرۈشلۈك دېتالى، ئىلغار كومپيۇتېر ئارقىلىق كۆرۈش سېزىمىنى ھېسابلىغۇچ، يول باشلاش سىستېمىسى ھاجەتسىز يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يەر بەلگىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان سۈنئىي ئەقىل يول باشلاش پاتېنت تېخنىكىسى، كەڭ ئېتىزغا دېھقانچىلىق دورىسى چېچىشقا ماس كېلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان نازۇك تېخنىكىسى ...
«قىيپاش غەربىي جەنۇب» يىغىنىدا، يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرلەر ۋە مەھسۇلاتلار ئەزەلدىن ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىجادىيەتنى ئاساس قىلغان، بۇ كىشىلەرنى تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتىكى ئىجابىي تەسىرىنى، شۇنداقلا پەن-تېخنىكىنىڭ ئىنسانلارغا، مەھەللىلەرگە ۋە دۆلەتلەرگە قۇۋۋەت ئاتا قىلىشتىكى كۈچلۈك يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا