ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەت ئەل مۇخبىرلىرى: جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى دۇنياغا ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-17 10:56

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، يىغىن نۇرغۇن چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى زىيارەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئۇلار بېيجىڭغا جەم بولۇپ، خەۋەر بېرىش ئارقىلىق، دۇنياغا جۇڭگونىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تومۇرىنى ھېس قىلدۇردى. مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چەت ئەللىك مۇخبىرلار: جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىدىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ دېموكراتىك سىياسىي ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر كۆزىتىپ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى تەدبىرلىرىنى چۈشىنىپ، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىدىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىگە بىرلىكتە نەزەر سالدۇق، دېدى.
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ دىپلوماتىيە باش تېمىسىدىكى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، مىسىر «بۈگۈنكى خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئەيمان ئەمىر مېدىيا مەركىزىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىغا بالدۇرلا كېلىپ، سەھنىگە ئۇدۇل ئورۇندا تۇردى. نەچچە كۈندىن بۇيان، ئەيمان جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەيدانىدا يۈرۈپ، چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات شىفىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلدى.
ئەيمان مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ خەلق تۇرمۇشى، پەن-تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتىغا ناھايىتى قىزىقىمىز، ئالاقىدار تەجرىبىلەرنى ئاخبارات خەۋەرلىرى ئارقىلىق مىسىردىكى ئوقۇرمەنەرگە تونۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كېلىشىم، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ياخشى قىياپىتى، ئىلغار ئۇل ئەسلىھەلىرى، قولاي تۇرمۇش ئۇسلۇبىدىن ھەيران قالدىم. قىزغىن، دوستانە جۇڭگو ئاممىسى ئائىلەمدىكىلەرگە ئوخشاش مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
مىسىردىكى ئەڭ مۇھىم گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «بۈگۈنكى خەۋەرلەر گېزىتى» ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلدى. ئەيمان مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئارقىلىق تىنچ تەرەققىي قىلىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى، بۇ دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان ھالقىلىق سۇپا بولۇپلا قالماي، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئىلھاملاندۇردى.
ئەيمان مۇنداق دىدى: مەن مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا، تېرىلمە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە مىسىر-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى پائال خەۋەر قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمەن.
پاكىستان بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئەسقەر مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى جۇڭگونىڭ دېموكراتىك سىياسىيسىنى كۆزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك. جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر، ئەزالار بىر يەرگە جەم بولۇپ، سەمىمىي تەكلىپ بېرىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشقا كۈچ چىقاردى.
ئەسقەر ئۇدا توققۇز يىل جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنى خەۋەر قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەدبىرلىرىگە داۋاملىق دىققەت قىلدىم. جۇڭگو 800 مىليون نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى. بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قىلچە بوشاشماي مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش» يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى، «بىز جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىدىيىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».
كۇبا لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئىشاۋرا دېس نەق مەيداندا بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا جۇڭگو ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى تاشقى خىرىسلار ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، «14-بەش يىل»لىق پىلان ئاخىرلىشىدىغان يىلدىكى ھالقىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەمدە يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا زور كۈچ بىلەن ئىلھام بېرىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «سۈنئىي ئەقىل + » ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇستەھكەملەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىن مەزگىلىدە، «ۋەكىللەر كارىدورى»، «ئەزالار كارىدورى»، «مىنىستىرلار كارىدورى» قاتارلىقلار ئارقىلىق ۋەكىللەر، ئەزالار جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەل رايىنى بايان قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش  خىسلىتىنى نامايان قىلدى، بۇ قىزغىن كەيپىيات ئىشاۋرا دېستا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ: بۇ زىيارەت يوللىرى مۇخبىرلارنى ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ياخشى پۇرسەتكە ئىگە قىلدى، دېدى.
ئىشاۋرا دېس جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك نەچچە ئون پارچە خەۋەر يازدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقى جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئالاقىدار قارالمىلارغا يۈكسەك دىققەت قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش سىياسەت-تەدبىرلىرى، سۈنئىي ئەقىل ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتى،  تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز لاتىن ئامېرىكىسى-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگونىڭ يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوينىغان مۇھىم رولىغا دىققەت قىلدۇق.
ئىشاۋرا دېس: جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى دۇنياغا ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلدى. جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانىنىڭ مەيلى قانداق ئىچكى-تاشقى خىرىسقا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەندىم، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەت ئەل مۇخبىرلىرى: جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى دۇنياغا ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلدى

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى زور ئىش، يىغىن نۇرغۇن چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى زىيارەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئۇلار بېيجىڭغا جەم بولۇپ، خەۋەر بېرىش ئارقىلىق، دۇنياغا جۇڭگونىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تومۇرىنى ھېس قىلدۇردى.