ئامېرىكا تاموژنا بېجى سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن ئۈچ چوڭ يامان ئاقىۋەت
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بۇ يىل 1ـ ئايدا ئاق سارايغا كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرىغا تاموژنا بېجى «توقمىقى»نى ئارقا ـ ئارقىدىن پۇلاڭلىتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قارشى تەدبىر قوللىنىپ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا سەۋەب بولدى. ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى تەدبىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈرىشىش قانۇنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، غايەت زور ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلىپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىناۋىتىنىمۇ زىيانغا ئۇچراتتى.
ئەركىن سودا ۋەھىمىلىك كىرىزىسقا دۇچ كەلدى
دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى قائىدىنى ئاساس قىلىپ، ئەركىن سودا ۋە ئادىل رىقابەتنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئۆز ئالدىغا قوشۇپ ئېلىش قىلمىشى كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، دۇنيا سودىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى.
ئەنگلىيە لىۋېرپول جون مور داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق لېكتورى ستىۋ نولان مۇنداق دېدى: ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىختىلاپى بار، لېكىن ئەركىن سودىنىڭ پايدىسى جەھەتتە ئاساسەن ئورتاق تونۇشقا ئىگە. ھازىر تىرامپنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈرىشىش قانۇنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قاتار تاموژنا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويدى: ئىمپورت قىلىنغان بارلىق پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىندىن %25 تاموژنا بېجى ئېلىش، كانادا ۋە مېكسىكا مەھسۇلاتلىرىدىن %25 تاموژنا بېجى ئېلىش قاتارلىق بۇ يەككە تەرەپلىك تەدبىرلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سودا توسۇقىنى ئازايتىش، تالاش-تارتىشنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش باش مەقسىتىگە خىلاپ.
نولان مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا بىر قاتار تاموژنا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ ئۇلارنىڭ سودىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئۇ تىرامپقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سودا نۆل نەتىجىلىك ئويۇن، دېدى.
ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سودىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقئارا سودىدا جىددىي ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈردى. ئەنگلىيە لوندون سىياسىي ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ئىئىن بېرگ ئاگاھلاندۇرۇپ: يۇقىرى تاموژنا بېجى ئېلىش ۋە سودا ئۇرۇشى قوزغاش دۇنيا ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دېدى.
غايەت زور ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجىنى سۆھبەت قورالى قىلدى، بۇ خىل تۇتۇرۇقسىز مەشغۇلات دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ترامپ كانادا ۋە مېكسىكىدىن %25 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى. 3- ئاينىڭ 6-كۈنى ترامپ يەنە كانادا ۋە مېكسىكىدىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرىنى تەڭشەپ، ئامېرىكا-مېكسىكا كېلىشىمىدىكى ئېتىبار بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمپورت تاۋارلىرىدىن تاكى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
3-ئاينىڭ 11-كۈنى ترامپ كانادادىن ئىمپورت قىلىنغان پولات - ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن %25 تاموژنا بېجى ئېلىپ، ئومۇمىي باج نىسبىتىنى %50كە ئۆستۈرۈپ، كانادا ئونتارىئو ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېكسپورت قىلىنغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن %25 قوشۇمچە ھەق ئالغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن تىرامپ يەنە نورمىدىن سىرت تاموژنا بېجى پىلانىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ باش ئىقتىساد ئوبزورچىسى مارتېن ۋولىف مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ سىياسەتلەر غايەت زور ئېنىقسىزلىق ۋە قالايمىقان مۇھىت پەيدا قىلىپ، سودا پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، خەلقئارا سودىنى قالايمىقانلاشتۇردى.
بۇ خىل تاموژنا بېجىنى تەڭشەش خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى. يېقىنقى مەزگىلدە ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق پاي كۆرسەتكۈچلىرىدە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش ۋە پېرېۋوت نىسبىتىدە داۋالغۇش كۆرۈلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سودا تالاش-تارتىشىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.
ئامېرىكىنىڭ ئىناۋىتى تېز چۈشۈپ كەتتى
گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجى دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنى قوغداشنى ھەمدە «بايلىقنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىش»نى مەقسەت قىلغان دېگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلار تاموژنا بېجى سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئەڭ بىۋاسىتە ئەندىشە بولسا ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى زور دەرىجىدە ئۆرلەۋاتقان مال باھاسىغا دۇچ كېلىدۇ.
ۋولف مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا قىسقا مۇددەت ئىچىدە، ئەڭ ئاساسلىق تەسىرى شۇكى ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرى تېخىمۇ قىممەت بولۇپ كېتىدۇ، ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سەپلىمە بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىشىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، بۇ ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ يەرلىك كارخانىلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئۆرلەپ كېتىش، تەمىنات زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋە سودا پىلانى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ۋولف تىرامپنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاران تۆت يىل، لېكىن چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلارنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇددىتى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، دەپ قارىدى.
ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ژورنىلىدىمۇ تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇرۇقسىز سىياسىتى ئامېرىكا مۈلكىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە گاڭگىراشنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.
نولان ئاگاھلاندۇرۇپ: كىشىلەر ئىلگىرى ئامېرىكىنى بىر بىخەتەر مەبلەغ سېلىش ئورنى دەپ قارايتتى، لېكىن بۇ خىل ئىشەنچ بەلكىم تېز سۈرئەتتە يوقىلىشى مۇمكىن، ھەمدە ئەگەر يوقالسا، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس، دېدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت